مايكېل جېكسون – THIS IS IT

Post image of مايكېل جېكسون – THIS IS IT
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر، ھۈججەتلىك فىلىم باھا: 18

مايكېل جېكسون – THIS IS IT

مايكېل جېكسون، بۇ ئىسىمنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ئالساممۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى يەنىلا زېرىكمەي ئاڭلايمەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىلىرىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىمۇ ھېچقانداق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئەمما ناخشا سەھنىسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان بۇ چولپىنىمىز 2009 –يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس ئانجىلىستىكى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن ۋاقىتسىز خۇشلىشىدۇ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى كونسېرتىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىدۇ، مەزكۈر فىلىم جېكسون ھايات ۋاقتىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا تارتىلغان پارچە سىن لېنتىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ مايكېل جېكسوننىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا سۇنۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوۋغا بولۇپ قالدى، بۇ فىلىم بلوگىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىىپ ئۇيغۇر مايكېل جېكسون ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلاندى، ھوزۇرلانغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى

 

مەن مايكېلنىڭ بۇ قېتىمقى ھۈججەتلىك فىلىمىدە ئېيتىپ چىققان ناخشىلارنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىپ چىقىۋاتىمەن، قېنى مەندىن بۇرۇنمۇ بۇ ناخشىلارنىڭ ئىسمىنى يېزىپ چىقىدىغانلار بارمۇ؟ مېنىڭچە بۇ فىلىمدا مايكېلنىڭ يېڭى كونا بولۇپ جەمئىي 30 قا يېقىن ناخشا بار ئىكەن.

2011.01.17 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

18 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.01.17
15:51
1-قەۋەت: «قاينام69» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ بەك ئامراقتىم ناخشىلىرىغا شۇڭا دايىم ئاڭلايمەن ،
بىزگە تەرجىمە قىلىپ سۇنغانلىقىڭلارغا رەخمەت .
ئورۇن ئېلىپ ئالدىرىماي كۆرەي.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.18
01:49
2-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

مەن بۇرۇن خەنزۇچىسىنى كورگەن ئىدىم بەك ياخشى بوپتۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.18
04:26
3-قەۋەت: «سالىھلەر» مۇنداق دېدى:

دىسكو دىگەننى ئولتىرۋىتىدۇ ئۇ …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.19
03:46
4-قەۋەت: «چەۋەندازلار بلوگى» مۇنداق دېدى:

تەرجىمە قىلىش سۈرىتىڭلار خېلى تىزلىشىپتۇ جۇمۇ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.20
11:06
5-قەۋەت: «پاسىبان» مۇنداق دېدى:

سىن كۆرۈنمەي قاپتۇ. تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتلاردا بەك ئاڭلايتتىم بۇنىڭ ناخشىلىرىنى…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.20
17:08
6-قەۋەت: «قاينام69» مۇنداق دېدى:

شاھ ئەپەندى بۇگۇن تور ئارلاۋىتىپ سىزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە خەتلىك كىنولىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ خالىغانچە تور بىكىتىگە چىقىرۋالغانلىقىن بايقىدىم شۇڭا شۇ بەتنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسىنى قۇيۇو قوۇدۇم،
ئۈچ ئەخمەق -http://www.kalkal.cn/kino_play.asp?mid=820
راس يالغان بېنلادىن-http://kino.aypak.com/?s=vod-read-id-136.html

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

شۇنچە يوغان كۆچۈرمەڭ دېگەن خەتنى كۆرمەمدىغاندۇ دەيمەن، قىسمەنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆردۈم، ئۇلار ناھايىتى چىرايلىق ماسلىشىدىغانلىرىنى ئېيتتى، ئەمما قىسمەن شەرەپسىزلەرگە يۈزىنى پولو قىلىۋالسا ئامال يوق ئوخشايدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شەبنەم مۇنداق يازغان:

ھا ھا ھا سىز نىڭ خېلى ئاچىچقىڭىز باركەن ھە!! :smile:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شەبنەم مۇنداق يازغان:

بۇلسا سىزگە ياردەم بىرىپ ئەدىپنى بىر قۇيۇيلىى ئۇ ئەبلەخلەرننىڭ ،

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.30
10:59
7-قەۋەت: «ئالماس» مۇنداق دېدى:

رەخمەت جاپا چەكتىڭلار !!!
مەن جىكسوننىڭ ناخشىلىرى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن !!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.9
15:17
8-قەۋەت: «تۇغلۇق» مۇنداق دېدى:

بولسا بەزى داڭلىق ناخشىلىرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بىلسەم دەيمەن..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.24
15:54
9-قەۋەت: «مېركۇرىي» مۇنداق دېدى:

heal the world نى تەرجىمە قىلمىسىڭىز بپولمايدۇ جۇمۇ ، ئاكا !

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.16
09:12
10-قەۋەت: «ئاجايىپ» مۇنداق دېدى:

بۇرۇن ياتىقىمدىكى تامغا ساپلا مۇشۇ جېكسون بىلەن لى شياۋلوڭنىڭ رەسىمىنى چاپلىۋالاتتىم. بىر قېتىم ئۆيدە جېكسوننى دوراپ ھەرىكەت ئىشلەۋاتسام ھەدەم كىرىپ قاراپ تۇرۇپتىكەن تاس قالغان بىنادىن ئاتقىلى ئۆزەمنى :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.09.11
20:08
11-قەۋەت: «مۆجىزە» مۇنداق دېدى:

مەن جىكسوننىڭ ناخشىسىنى بەك ياق تۇرۇپ ئاڭلايمەن .
تىخىمۇ كۆپ ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىشىڭ لارنى ئۇمىد قىلىمەن.
جكسون ئۇھەقىقەتەن قالتىس، :smile: ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.10.18
19:50
12-قەۋەت: «شەبنەم» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن جىكسۇن بىر ئۇلۇغ سەنىتەتكار .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.10.18
19:52
13-قەۋەت: «شەبنەم» مۇنداق دېدى:

图像 قانداق ئۆزكەرتىمەن؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

مۇقىم ئېلخىتىڭىز بولسىلا http://www.tedbirkar.net/gravatar.html مونۇ يازمىدىكى باش سۈرەتنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىۋالالايسىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.12
03:34
14-قەۋەت: «خاككىر» مۇنداق دېدى:

مىنىڭ پىكىرىم ~ سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمگىكىنى قوغدىشىڭلار كىرەك ! سىلەرنىڭ
رۇخسىتىڭسىزلار كۆچۈرگەن تور بىكەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشىڭلار كىرەك ! باشقىلارنىڭ سىلەرنىڭ ئەمگەك مىۋەڭلارنى خالىغانچە ئۈزىشىنى توسىشىڭلارنىڭ ئۈمىد قىلىمەن ! قوللايمەن ! يەنە بىر قىتىم رەھمەت !

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量