مەزكۈر كارتون فىلىم ئەنگىلىيە كارتون شىركىتى Aardman نىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسىرى بولۇپ، تىپىك ئەنگىلىيە كىشىلىرىنىڭ خاراكتىرىنى ئالغان يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي كارتونلىرىنىڭ بىرى، « ۋاللاس ۋە گرومىت » نىڭ بىرىنچى قىسمى A Grand Day Out ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەم شۇنداقلا ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئارقىدىنلا ئىككىنچى قىسمى The Wrong Trousers ۋە A Close Shave دىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئېلان قىلىنىپ ئايرىم ئايرىم شۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر قىسىمدا ۋاللاس ۋە ئۇنىڭ ئىتى گرومىت يېڭى بىر بولكىخانا ئاچىدۇ، تىجارىتى تازا روناق تېپىۋاتقان پەيتتە ساھىبجامال قاتىلغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئاخىرىدا….. ئەڭ ياخشىسى كارتوننىلا كۆرۈڭ، تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ كارتونمۇ قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
كىنو كۆرىدىغان كۈنلەرگىمۇ ئاز قېلىۋاتىمىز ….
ما كاتوننى يىڭى چىققاندا خېلى كۆرگەنمەن … ياخشى ئىشلەنگەن .
ياخشى كىنۇكەن ، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.
چۇشۇرۇپ كۆرەي دىگەن،ئادېرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ياخشى كارتونكەن ،بىراق تۇلۇق چىقمىدىغۇ ؟
مەن كۆرەلمىدىم..بەك كۆرگۈم بار ئىدى. يەنە بىر نەچچە فىلىم قويۇلمايۋاتىدۇ.
بەك ياخشى كارتونكەن.
17:06
ياخشى كارتونلارنىڭ بىرى، بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ
بۇ باھاغا پىكرىم بار