ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن

Post image of ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 30

ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن

 ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ ئەلگە، ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇشنى ئىستەيدۇ، ئەلۋەتتە ھەر بىر ۋىجدانلىق پەرزەنت بولغان ئەقىل ئېگىسىمۇ ئاتا-ئانا ئەجرىگە لايىق، ئەلنىڭ، خەلقىنىڭ، ۋەتەننىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاشنى ئويلايدۇ ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئۇشبۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۈركىيە داڭلىق ناخشىچىسى ۋە شائىرى ئۇغۇر ئارسلان ئىجراسىدا تۆۋەندىكى شېئىردىن بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

ش.ئە.ئۇيغۇرى، مەزكۈر تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسى، گەرچە قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىمىز بەكمۇ ئۇلۇغۋار ئىش بولمىسىمۇ ئەمما مۇشۇ ئىشلىرىمىز ئارقىلىق تورداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئازراق بولسىمۇ بېيىتالىساقلا بۇ ساھەدە جاپا چېكىۋاتقان ھەر بىر مىننەتسىز ئەمگەك ئىگىلىرىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ ئەلۋەتتە

2012.05.13 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

30 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2012.05.13
16:05
1-قەۋەت: «روسلان» مۇنداق دېدى:

ئوبدان تەرجىمە قىپسىز، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!
خېلى بۇرۇندىلا ئەسەرلىرىڭىزنى بىلەتتىم، ئەمدى ئۇنداق ئۇزاق يوقاپ كەتمىگەيسىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.13
16:52
2-قەۋەت: «PASSER-BY» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇگۇن بۇ يەردە يەنە بىر يېڭى ناخشىڭىزنى كۇردىكەنمىزدە رەھمەت سىزگە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشنىڭدەك ياخشى تېمىڭىز ئۈزلىپ قالمىغاي

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.13
21:48
3-قەۋەت: «ۋاسكېتبول گۈزىلى» مۇنداق دېدى:

يا ئاللا مەلەك خان نېمانداق يوقاپ كەتتىكىن دىسەم ، ئەسلىدە بۇ ناخشىنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ يوقاپ كەتكەن ئىكەن دە …………تەرجىمسىمۇ ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ .
ھە راىست مەن ھەمىىدىن بەك سىزنىڭ ئاكاشنى ياخشى كۆرەتتىم دېگەن ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرىمەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

ئۇنداقمۇ ئەمەس ، باسقۇچلۇق ئېمتىھان بېرىۋاتقان ئىدۇق .
ۋاي قاچانلاردىكى ئەسەر ئۇ ئادەمنى خېجىل قىلىپ ، بۇرۇنقىدەك مۇنبەردىن قوپماي شېئىر ، نەسىر يازىدىغان ۋاقىتلار كەلمەسكىلا كەتتى ھەدە .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۈمەنى مۇنداق يازغان:

يائاللا جېنىم سىڭلىم، بۇنداق ئوبدان، مەنىلىك، ياخشى كۆرۈنمە چاستوتىنى، ناخشىنى نەدىن تاپىدىغانسىز دەيمەن؟! تەرجىمىلىرىڭىزنىغۇ كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇراتتىم، بىراقزە، ئۇزۇندىن بۇيان يوقاپ كەتتىڭىز، مەن تېخى نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشكىن دەيمەن، ئىمتىھان بېرىمەن دەپ يوقاپ كېتىپسىزدە!!! پەيدا بولغىنىڭىز ياخشى بولدى، تۈركچىنى ئالامەت ياخشى تەرجىمە قىپسىز، تۈركچىگىمۇ قارىغاندا قالتىس ئۇستا ئوخشايسىز-ھە. تەرجىمىسى تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، ھەربىر سۆز، ھەربىر جۈملىدە پۈتكۈل بىر دۇنيا مەنتىقىسى يوشۇرۇنغان ئىكەن. رەھمەت، ھارمىغايسىز!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

ياخشى تىلەك ۋە مەدەتلىرىڭىزگە رەھمەت.

2012.05.14
00:05
4-قەۋەت: «زامانى» مۇنداق دېدى:

بۇ ناخشا ماڭا بەك ياقتى.ھەر بىر جۇملە بىر نادىر ئەسەركەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.14
03:19
5-قەۋەت: «جەمشىت» مۇنداق دېدى:

ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن، جان ئۈچۈن جانان ئۈچۈن…..،كۆرىۋېتىپ چوڭقۇر ئويغا چۆكتۈم ، ئەل-يۇرت، ۋەتەن، مىللەت، جانانلار ئۈچۈن قۇربان بىرەلەيدىغانلار قانچىلىك؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.14
03:40
6-قەۋەت: «جەمشىت» مۇنداق دېدى:

شاھ ئەپەندى، ناخشىچى ئۇغۇر ئارسلان سىن چۈشەندۈرىلىشىدە ئۇغۇز ئارسلان دەپ يېزىلىپ قاپتۇغۇ….

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۈمەنى مۇنداق يازغان:

رەھمەت، خاتالىقىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر. خاتالىق تۈزىتىپ قويۇلدى. داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ئىسمى تۈركچىدە شۇنداق يېزىلىپتۇ، ئەمما ئوقۇلۇشى نېمە ئۈچۈن ئوغۇز دەپ ئوقۇلىدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

ئىسىمنىڭ تۈركچىسى توغرا ، Uğur بۇ يەردىكى گ ھەرپىنى تۈركچىدە يۇمشاق گ دەيمىز ، تەلەپپۇزدا غ بىلەن ھ نىڭ ئارلىقىدە ئوقۇلىدۇ ، مەسىلەن Dağ بۇ ئۇيغۇرچىدىكى تاغ دېگەن سۆز ، ئۇنىڭ ئاخىردىكى يۇمشاق گ ھەرپىنىمۇ ئوقۇغاندا ئېنىق بىلنەشمەي دا… دەپ سوزۇپ ئوقۇپ ئارقىسىدىكى سۆزلەرگە سوقۇپ ئۆتۈپ كېتىمىز . يەنە مەسىلەن : Öğrenci بۇنى ئۆگرەنجى ياكى ئۆغرەنجى دەپ ئوقۇماستىن ،ئارقسىىدىكى ر غا ئۇرۇپ ئۆرەنجى دەپ ئوقۇيمىز. ئەمما بۇ يەردە چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلدى ئۇنى ئۇھۇر ياكى ئۇر دەپ قويسام بولمايدۇ ، ئوتتۇردىكى يېزىق بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان شۇ تەلەپپۇزنى غ غا مايىلراق قىلىپ ئۇغۇر دەپ ئالغان . ئەگەر ئۇغۇز دەپ يېزىلىپ قالغان بولسا خاتالىشىپ قالغان ئوخشايمەن ، ئەسلى بۇ ئانچە تالاش قىلىدىغان مەسلىمۇ ئەمەس ئىدى ھە .
بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي

2012.05.14
11:54
7-قەۋەت: «مەلەك» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تورداشلاردىن ۋە شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن .
ئىملا خاتالىقىم تۈپەيلى قىبرىس ياكى سىپروس دەپ ئاتالسا بولىدىغان جاي نامىنى قىبىس دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۈمەنى مۇنداق يازغان:

دۇنيادا خاتالىقتىن مۇستەسنا بىر شەيئىي مەۋجۇت ئەمەس. بۇندىن كېيىن تەرجىمىدە دىققەت قىلسىڭىزلا بولىدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.14
12:38
8-قەۋەت: «خاسپى» مۇنداق دېدى:

بۇ ناخشا ماڭا بەك ياقتى……ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن خىياللار كەچتىغۇ كاللامدىن !!!!

رەخمەت سىلەگە ھارمىغايسىلە!!!!!!!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.14
20:25
9-قەۋەت: «kaliptax» مۇنداق دېدى:

ۋھي مانا بەك ياخشى ئىكەن بىلوگىڭىڭلارنىڭ تىز بولسا كۇندە يېڭىلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.17
21:44
10-قەۋەت: «مۇرات» مۇنداق دېدى:

پەخىرلەندىم ،راسا ماختىنىۋالغۇم كەۋاتىدۇ…..مۇناسىۋەتلىك ئىپادە :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


Melek مۇنداق يازغان:

Ich ichidin chiqirip kûlûmsirgen ipade,logoda kem qalghan soz abdukirim ablizche ichimdila eytilip ketti.tamam!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.20
23:49
11-قەۋەت: «تەجەللى1» مۇنداق دېدى:

سالام دوسلار….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.21
13:36
12-قەۋەت: «ئوچى» مۇنداق دېدى:

بەك ئسىل ناخشىكەن بۇ مەن بەك ياقتادىم جۇما :roll: :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.21
14:52
13-قەۋەت: «lohmanhakim» مۇنداق دېدى:

allarahmatkilsunduslar

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.21
14:57
14-قەۋەت: «lohmanhakim» مۇنداق دېدى:

assalaualakumdoslar.anatilhatyezixugutupkoyganbolsanglar.allarah
matkilsun.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.22
18:57
15-قەۋەت: «يىگانە0903» مۇنداق دېدى:

مەلەك مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشۈرەلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرىسى بولسا يوللاپ بەرسىڭىز بۇپتىكەن…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.3
13:32
16-قەۋەت: «ھۆرىيەت» مۇنداق دېدى:

نەچچە قېتىم ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن.. ئىشقىلىپ …ياخشى ناخشا ، ئىسىل تەرجىمە…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.4
15:09
17-قەۋەت: «كۈلقىز» مۇنداق دېدى:

ياخشىمۇسىز، تەرجىمە شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. مەنمۇ ياقتۇردۇم. ئۆزۈممۇ تەرجىمىگە قىزىقىمەن، ئاتىكارچىلىق قىلىپ قويىدىغان بولدۇم، تەرجىمىدە ئازراق خاتالىق باركەن. كىچىككىنە…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ۋاقىت ئوقى ياساشتىن تارتىپ بىر قاتار جەرياننى باشتىن كەچۈرىسىز.تەرجىمىدە قانداق خاتالىق بار ئىكەن؟ كۆرسەتسىڭىز توغرىسىنى بىلىۋالساق بولىدۇ ، بىزدەك كالتە پەم ، بالا تەرجىمانلار ئىلىمىمىزنىڭ ناقىسلىقىغا قارىماي بۇ كوچىغا كىرۋالدۇق ، ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇھتاجمىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.4
15:12
18-قەۋەت: «كۈلقىز» مۇنداق دېدى:

تەرجىمىنى فىلىمگە قانداق چىقىرىدۇ؟ ياردەم قىلساڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.7
11:11
19-قەۋەت: «بۆرەيار» مۇنداق دېدى:

رەھمەت مەلەك, تولىمۇ ياقتۇردۇم.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.13
21:07
20-قەۋەت: «قۇياش» مۇنداق دېدى:

شەيئى -نەرسە . شەيئى دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ مېنىڭچە . ھەممە شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن دېگەننىڭ ئورنىغا ھەممە نەرسە(مىز)ۋەتەن ئۈچۈن دەپ ئېلىنغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن . پەقەت پىكىر -تەكلىپ ، ئارتۇق سۆزلەپ قالغان بولسام كەچۈرۈڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


melek مۇنداق يازغان:

ئەينى چاغدا بىزمۇ ،بارلىقىمىز ۋەتەن ئۈچۈن دەپ ئېلىشنى ئويلاشقان ، ئەمما بارلىقىمىز دېگەندىن بارلىق شەيئى ، جىمى مەۋجۇدات دەپ ئالسا باشقا مىسرالار بىلەن ھەم ياخشىراق جىسىپلىشىدىكەن ،پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量