قىسقا بولغان قىشلىق تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار يېڭى بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە، ھەم قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاپمۇ بولدى، بۇ مەۋسۈم نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە مەۋسۈم بولۇپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ۋە شۇنداقلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈپ ياتماقتا، ئەسلىدىغۇ ئۆزۈم بىر نۇتۇق سۆزلەپ كەڭ ئوقۇغۇچى بالىلارغا بىر قېتىملىق مەدەت بېرىپ قوياي دېگەنىدىم، ئەمما ماۋۇ باراك ئوباما دېگەن ئاداش مەندىنمۇ ياخشى سۆزلىگەچكە قۇرۇق پاراڭ سالماي دەپ شۇنىڭ نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، ئاخىرىدا شاھ ئۇيغۇر بلوگى نامىدىن بارلىق ئوقۇغۇچى دوستلارنىڭ يېڭى مەۋسۈمدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
تەرجىمە قىلغۇچى : كارو www.dozah.com
توۋا، ئارقا بەتتە ھەممە ئىنكاس بار، ئەمما بۇ يەردە ھېچقايسىسى يوققۇ؟
ماشۇ ئادەم خىلى پەچەت سۆزلەيدۇ؟ماڭا داۋاملىق «سەركە ھۇشيار بولسا پادا ئاداشمايدۇ»دىگەنى ئەسلىتىدۇ،چۈشۇرۋالدىم رەھمەت!
نۇتۇق قابىلىيىتى تولىمۇ يۇقىرى ئىكەن بۇ دولەت ئەربابىنىڭ، ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدا بولغان ۋەقەلەرنى ئۇقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بەرگەن جەريان مىنى تۇلىمۇ تەسىرلەندۇردى.
ئىرادە، جاسارەت، تىرىشچانلىق ،تەۋەككۇلچىلىك بولغاندىلا ئىنسان ھەممە مەقسەتكە يىتەلەيدۇ ئەمەسمۇ.«قېيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە»-دەيدىكەن كونىلار.
نادىر نۇتۇقتىن يەنە بىرنى ئاڭلىدىم، رەھمەت سىزلەرگە.
بۇ ئادەم ھەقىقەتەنمۇ بىلەتكە بىكاردىن ئېرىشمەپتىكەن ! ئەسلى ئېغىزدىكى گەپ يامانكەن ئەمەسمۇ !؟؟ ھې ھې ھې
ھەقىقەتەن ئېسىل سۆزلەپ قىيىدۇ – دە ، ئوبامانىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىساملا ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپىم بولغان «ئېنگىلىزتىلى» غا بولغان قىزغىنلىقىم يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ .
بۇ فىلىم ناھايتى ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ ،رەھمەت سىلەرگە .
مۇمكىن بولسا ئوبامانىڭ سۆزىنىڭ يازما نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرگىلى بولارمۇ؟
13:26
سۆزلىگەن بۇ نوتۇقى ھەقىيقەتەنمۇ ئېسىل چىقىپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئوبامانىڭ نوتۇقلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرسام بولغىدەك. رەھمەت سىزگە.
بۇ باھاغا پىكرىم بار