ئېيتقىن ماڭا تەنھالىق نېمە؟

Post image of ئېيتقىن ماڭا تەنھالىق نېمە؟
سەھىپە: فىلىملەر باھا: 6

ئېيتقىن ماڭا تەنھالىق نېمە؟

20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، ئامېرىكىنىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ياۋروپانى زىلزىلىگە سالغان فىلورىدا شىتاتىدا بەش نەپەر ياش يىگىت تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئارقا كوچىدىكى يىگىتلەر» مۇزىكا ئەترىتى (Backstreet Boys)  قۇرۇلغان قىسقىغىنە 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بارا – بارا مۇكەممەللىشىپ، مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرۇش، ناخشا ئورۇنداش ۋە تېكىست يېزىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ كەلدى. 1990 – يىلى Backstreet Boys مۇزىكا ئەترىتى تۇنجى ناخشا پلاستىنكىسىنى چىقىرىپ، پەقەت ئامېرىكىدىلا 38 مىلىيون دانە سېتىلىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا 98 مىلىيون دانىگە يېقىن سېتىلىش رېكورتىنى ياراتقان. بىز تۆۋەندە Backstreet Boys مۇزىكا ئەتىرىتىنىڭ «ئېيتقىن ماڭا تەنھالىق نېمە» ناملىق ناخشىسىنى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر!

تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى

ئەمگىكىمىزگە ھۈرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن فىلىمنى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

توردىكى نامىم Tumani، يەنى ئانا يۇرتۇم قەشقەرنىڭ ئەزىز دەرياسى «تۈمەن دەرياسى»نىڭ نامىدا قويۇلغان، ئەدەبىيات-سەنئەتكە قىزىققاچقا دەسلەپتە توردا ھېكايە، شېئىرلانى يېزىپ تۇردۇم، كېيىنچە، مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە تاھىر خۇددى زۆھرەگە ئاشىقى–بىقارار بولغاندەك ئاشىق بولدۇم. شۇندىن بۇيان «تۈمەنى تەرجىمىلىرى» نامىدا تا ھازىرغىچە فىلىم ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن

2012.04.7 ئاپتور: تۈمەنى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

6 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2012.04.7
20:00
1-قەۋەت: «ۋاسكېتبول گۈزىلى» مۇنداق دېدى:

ھى ھى ھى …………يائاللا بۈگۈن بىر دىۋانىدە ئولتۇرۇش ماڭا نېسىپ بوپتۇ دىسە :grin: ماۋۇ قالغان مېھمانلار نىمانداق كەلمەيدىغاندۇ دەيمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ماۋۇ مېنىڭكىدە تور سۈرئىتى بەك تۆۋەنمۇ قانداق تولا قېتىۋىلىپ ، بىر خىل ئىزدا كۆرەلمىدىم دىسە ، قارىغاندا ئەتىگچە بىر ئاڭلاپ باقسام بولغۇدەك .
بۇلارنىڭ ھەممە ناخشىللىرنى بىزنىڭ ئاۋۇ يىگىت بەك غىڭشىپ ئوقۇيدىغان ، ئۇنىڭغا بىر كۆرسىتىپ قويسام بولغۇدەك جۇما .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.9
11:56
2-قەۋەت: «يىگانە 0903» مۇنداق دېدى:

قاراپ ما خېنىمنىڭ ئەر كىشىدىن تۆر تالاشقىنىنى…. :razz: :lol: :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ۋىيەي ئۆتكەندە گەپ قىلمىساق ئۆزلىرى ئولتۇرۋاپتىكەنلا قايسىلا غوجام ، شۇنىڭ بىلەنمۇ ئاتۇشلۇقمۇ بىر ئولتۇرۇپ باقسۇنچۇ دەپ ئولتۇرۋالدىم شۇ ……….. :razz:
قانداق چىمدىماي ، قارىقاش دەرياسىغا ئۆزلىرىنى تاشلىۋالغىلى كەتمىگەنلا ھە :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


يىگانە 0903 مۇنداق يازغان:

ئۈزىمىزنى ئاتمىدۇق ، ئەمما ئۆزلىرىگە خەت يازساق جاۋاپ كەلمىگەچكە ئانچە بەك ساقمۇ قالمىدۇق….. :razz: چ چ نى ئىشلەتمەيۋاتاملا؟؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.14
10:56
3-قەۋەت: «قاينام 69» مۇنداق دېدى:

بۇ ناخشىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى تۇمەنى ئەپەندى ئاق بۈركۈتكە يوللىغاندا كۆرگەنتىم ، بۇ يەردە يەنە قايتا ئۇچراتقانلىقىمدىن خوشالمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量