يېقىندا بلوگىمىزدا بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇق ناخشىچى يۈسۈپجان بىلەن ئەلفىرەنىڭ « سەن ھەم مېنى قالارسەن سۆيۈپ» ناملىق قايتىدىن ئوقۇپ چىققان چەتئەل ناخشىسىنىڭ تەرجىمىسىن يوللىغان ئىدۇق، مانا بۈگۈن بۇ بىر جۈپ ياش يەنە يېڭى بىر ناخشىسى «بەختلىكمەن» نى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇق، كەڭ تورداشلارنىڭ ناخشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
تەرجىمە قىلغۇچى: تۈمەنى
كۆرۈنۈشلەر سەل ئېشىپ كەتتمۇ يا !؟
ھى ھى ھى …………..مەندەكلا قاراشقا كەپسىز ھە ؟
بولۇپمۇ ئاۋۇ قىزنىڭ كارىۋاتتا تېلفۇن سۆزلەشكەندىكى ھالىتى ھەم ئەڭ ئاخىرغا ئاز قالغاندا ئىشتان پايپىقىنى ئۈستىگىرەك تارتىپ كىيىۋاتقان يىرى دېگەندەك …ئىش قىلىپ بىر خىل چەتنەپ كىتىپتۇ . ماڭا باشتا بەرگەن تەسىرى شۇنداق ياخشى ئىدى ، لېكىن بۇ قېتىم ، بەزى كۆرنىشلەر پۈتۈن قىسمنى بىر خىل چىۋىن يەۋالغاندەك قىلىپ قويۇپتۇ .
راس دەي سىز
ناھايتى توغرا ئىيتىلدى بۇ پىكىر، مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا پىكىر قىلاي دەپ تۇرسام پىكىر بىرىلىپ بوپتۇ، مىنىڭچە بۇلار مۇشۇنداق پىكىرلەرنىمۇ كۆرۈشى مۇمكىن، شۇڭا مۇشۇنداق ناچار قىلمىشلار بولسا تەنقىد-پىكىر بىرىپ كىيىنكى قەدىمىنىڭ خاتا بىسىلىپ كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىنىمىز مەنچە ئاقىلانىلىك، ھەرگىزمۇ قۇسۇرۇق تاپقانلىق ئەمەس
كۆرۈنۈشلەر سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق نىملا دىگەن بىلەن ئۇيغۇر دە بۇلا چەتنى دۇراپ ئۇف ئۇف
بىر ئىغىز گەپ – چاكىنلىشىپتۇ!
قۇسۇر چىلا
بەزى كۆرنىشلەر راستىنلا ئېشىپ كىتىپتۇ، بۇ قۇسۇر تېپىش ئەمەس، بۇنداق كىتىۋەرسا ئەتە ئۆگۈن يېرىم يالىڭاچ سۈرەتكە چىقىدۇ
بىز قۇسۇرچى بولساق ، ئۇنداقتا سىز بىز ئوتتۇرغا قويغان دېققەت قېلىشقا تېگىشلىك جايلىرىنى بىر ئاقلاپ بىرىپ باقمامسىز قېنى ؟
مىنىڭ كۇزىتىش ئىقتىدارىم تۈۋەنمۇقانداق بىلەلمىدىم ، ئۇندا-مۇندا يەرلىرىنى كۆمۈدۈم، ئىشقىلىپ ناخشىنى ياخشى ئېيتىپتۇ .
بۇبىرجۈپلەر نىڭ ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمەن.
تەرجىمان، تۈمەنى گە كۆپ رەخمەت .
مېنىڭچە سىز قۇسۇر دېگەن گەپنىڭ قاقداق جايغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ ئىنكاس يازسىڭىزمۇ كېچىكمەيتتىڭىز،نېمىلا دېگەن بىلەن ھەممە ئىش لايىقىدا بولغىنى ياخشى
ھۆرمەتلىك «خاسپى» بۇرادەر، ئۈستىدىكى تورداشلار ناھايىتى توغرا باھا بىرىپتۇ. بىزنىڭ قۇسۇر تاپقىنىمىز ئەمەس، كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەن جايىدا كىرىشتۈرۈلمەپتۇ. كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ تېلېفۇندا سۆزلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشتە تاسلا قاپتۇ ئاۋۇ قىزنىڭ ھايالىق يىرى كۆرۈنۈپ قالغىلى… يەنە ئاۋۇ ئىشتان كەيگەن يىرى… مۇشۇنداق ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىسا كېيىنچە ئەخلاق، ئېتىقادتىن ياتلىشىدىغان گەپ. بىز مۇشۇنداق چاكىنىلىشىمىز ئەنە.
بۇ قۇسۇر تېپىش ئەمەس، بەلكى سەمىمى بىرىلگەن تەكلىپ، بولسا بۇندىن كېيىن ئاشۇنداق نازۇك، ئەخلاق، ئېتىقادقا زىت كېلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئىمكان بار چىقارماي، ئەخلاق، ئېتىقاد رامكىسى ئىچىدە تېخىمۇ تەرەققى قىلغاي!
بۇ ناخشىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئەيتىپتۇ،لىكىن دەسلەپتە چىقارغان ناخشىدەك ياخشى تەسىر بەرمگەنلىگمۇ راس. مىنىڭچە دەسلەپكى ناخشىدىكى بۇ ئىككەيلەننىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە ھىسياتى تولىمۇ تەبىئى ئىدى،بۇنداق دەپ بۇلارنىڭ ئەمگگىگىنى يوققا چىقارغانلىق ئەمەس،ئەلۋەتتە ھەممە ئىش داۋاملىق كۆڭۇلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ ، خۇلاسە قىلسام ، بۇرۇنقى ناخشىسى كۆز بىلەن ئاڭلايدىغان ناخشا بوپتىكەن،ئەمدىكىسى پەقەت قۇلاق بىلەنلا ئاڭلىسىلا بولغىدەك ئىسىل ناخشا بوپتۇ.ئەگەر ئۇ ئىككىسى بۇ باھالارنى كۆرۇپ قالسا ، ھەرگىزمۇ مەيۇسلەنمەي تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى چىقىرىشىنى تىلەيمەن…ئۇلار تىرىشسىلا چوقۇم داڭلىق ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى چىقىرالايدۇ…..شۇنداقمۇ دوستلار؟!!!!
بۇلارنىڭ ئالنىنقى ئىككى ناخشىسى مېنى تولىمۇ جەلىپ قىلغانتى.ئەمما ھازىر بۇرۇنقى مۇھەببەتلىك چىن كۆزلەردىن ئەسەر يوق،ئەكسىچە ئۆزىنى كۆزكۆز قىلىپ يولدىن چەتنەش بوپتۇ خالاس،،،
بۇناخشىنىڭ تىكىستى تولىمۇ مەزمۇنلۇق ئىكەن. ئەمما ئالدىنقى ئىككىسىدىن پەرىقلىنىدۇ.ئۇسلۇپ ئۆزگىچە ئەمما بىزلەرگە سەل ماس كەلمەيدىكەن. .ئالدىنقىللىرىدائۇيغۇر قىز – ئوغۇللىرىغا خاس بىرخىل يېقىملىق ئېيتىغان.
مەنچە ئۇسلۇپ ئۆزگەرسىمۇ كىيىم كىچەك قاتارلىقلارغا بەكرەك دىققەت قىلسا.
مەنمۇ كۆرۈپ سەل ئەجەپلەنگەن ئىدىم، كېيىن سىنچىلاپ قارىسام ئۇ قىزنىڭ كىيىۋالغان شىمىنىڭ(ئىشتان) رەڭگى بەدىنىمىزنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاشكەن، شۇ سەۋەبتىن بىر قاراشتا شىم كىيمىگەندەك كۆرىنىدىكەن كىشىگە. لېكىن ئاۋۇ شىمىنى ناز بىلەن كىيىشلىرى زە سەل ئىشىپ كىتىپتۇ، ئۇ كۆرۈنۈشنى ئالمىسىمۇ شۇنداق گۈزەل ئىكەن ئۇ قىز. كىم بار دەيسىلە سەۋەنلىكتىن خالى، بەلكىم ئۆزلىرى تۈزىتىۋالار. ئىككەيلەنگە بىرلىكتە ئىمان ۋە بەخىت تىلەيلى.
ناخشىنىڭ ئەسلىسىگە ئوغۇلنىڭ ئاۋازى بەكرەك ماس كەپتۇ.
بۇلارنىڭ ناخشىسى ھەقىقەتەنمۇ لىرىكىلىق ھەم يېڭىچە ئۇسلۇپقا ئگە ئكەن بىراق بەزەن جايلىرى پەقەتلا قاملاشماپتۇ ئۇلار بۇنۇڭدىن كىيىن بۇنداق ئنچىكە ئشلارغىمۇ كۆپرەك دىققەت قىلسا بولغۇدەك
دەسلەپكى ناخشىلىرىدا شۇنداق ساددا سۆيۈملۈك تەسىر بەرگەنىدى بۇ ئىككەيلەن ، ئۇلارغا قاراپ كىشىنىڭ شۇنداق ئامراقلىقى كېلەتتى ، بۇ قېتىم گىرىم ،كېيىنىش ھىچقايسىسى ياقمىدى
ئار نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ مەنپەئەت ئۈچۈن ۋىجدان غورورىنى سېتىپتۇ بۇلا ..! ئاللاھ ئىنسابىنى بەرسۇن …
بۇ قىتىم ئېيتقان ناخشىنى ھەقىقەتەن چاكىنا چىقىپ قاپتۇ،بۇ ھەقتە باشقا تور بىكەتلەردىمۇ بەس – مۇناىرە بولدى،كۆپلىگەن كىشلەر بۇ ناخشىدىن ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىنى،چاكىنا چىقىپ قالغانكىقىنى ئېيىتتى،قىسقىسى مەنمۇ شۇنداق پىكىردە.
ئەمدى دوسلار گۈزەللىك ھايا بىلەن بولىدۇ!!!
يات مىللەت نىڭ تىلدا ئېيتىلغان بۇلغاندىكىن شۇنىڭغا ماسلىشىدۇدە مۇشتالاقۇللاپ بەرسەك ئەتە يەنە بىرسىچىخسا كەلگۈسىدە كىم ئوزتىلدا ئوقۇيدۇ ناخشىنى شەھەرگە كىرگەن سەخرالىق چەتەل چەبۇپتۇ دىگەن گەپ
ئۆزنى كۆزكۆز قىلىش چاكنىلق ھەيـــــــــي بۇلارنى دەسلەپتە كۆرگەندە بەك مەسىلىگىم كەگەنتى ئەپسۇس
مەنمۇ ھەم توردشلارنىڭ تۆۋەندىكى ئنكاسلىرىنى توغرا دەپ قارايمەن. بىز چەتئەلنىڭ ناخشىللىرنى ئۇقۇساق بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئىپادىسى. ماڭىمۇ دەسلەپتىكى ئىككى ناخشا شۇنداق ياخشى تەسىر بەرگەن. شۇنداق تەبىئىي چىقىپتىكەن. بۇناخشىدىكى كۆرنۈشلەر تورداشلارنىڭ دېگىندەك سەل چەكتىن ئېشىپ كىتىپتۇ. بىز چەتئەل ناخشىللىرىنى ئۇقىساق ئۇ ياخشى، ئەمما چەتئەلنىڭ مەدەنىيتىنى سۆرەپ كىرسەك بولمايدۇ. توغرا بۇنداق ئىشلار ھەممىزدە يوق ئەمەس بار. شۇڭا ھەممىز ئىشنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى. مەدەنىيەت يۇقىلۇپ كەتمىسۇن. ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئۇنۇتمايلى. بۇنداق دېيىش ئارقىلىق بۇلارنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن.د ۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوققۇ. ئاخىرىدا بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بۇندىن كېيىنلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
20:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !
بوپتۇ ئەمسە قالغان مېھمانلار كەلگۈچە بىر ئولتۇرۇپ ناخشىدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇراي !
قارىغاندا بۈگۈنكى تۆر يەنە ئاتۇشلۇققا قالغان چېغى
مەن باشتا بۇ بىر جۈپ ياش ناخشىچىنى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا كۆز بېقىشلىرىدىن خۇددى مۇھەببەتلەردىن ئىكەندەكلا ھېس قىلغان ، لېكىن ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ناخشىللىرى چىققاندا بۇ ھەققىدە ھېچكىم بىر نىمە دىمىگەنلىكى ئۈچۈن مەن بىھۇدە گۇمان قىلىۋالماي دېگەن ئىدىم . بۈگۈن بۇ ناخشىىغا بىرىلگەن چۈشەنچە بىلەن بىر جۈپلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خۇدا قوشقان قوشماقلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم .
راىست گەپنى قىلسام ، گەرچە بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى شۇنداق ياخشى چىققان بولسىمۇ ، بېراق ئالدىنقى قېتىم ئېيتىلغان ناخشىغا يەتمەيدىكەن دەپ قارىدىم . شۇنداقتىمۇ بۇلارنىڭ يات ئەلنىڭ ناخشىسىنى مۇشۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ چىققانلىقىنىڭ ئۆزى بىر غەلبە . ئۇلارغا ئۇتۇق تېلەيمەن !
تەرجىمانىمىز تۈمەنىڭنىڭ يەنە كۆپ ئەجىر سېڭدۈرۈپ ، مۇشۇنداق ئېسىل ناخشىلار بىلەن بىزنى دائىم ئۇچىراشتۇرۇپ كېلىۋاتقىنىغا مەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
بۇ باھاغا پىكرىم بار
ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:
ھە راىست ، ئاۋۇ يۈسۈپجاننىڭ ئوماق مۆشۈكىنى كۆرۈپ ، بىزنىڭ ئۆيدىكى مۆشۈك (دوكۇڭ)نى شۇنداق كۆرگۈم كەپ كەتتى دىسە ، ئۇنىڭمۇ بىشىنى سىلاپ قويسام ، ئاۋۇ يۈسۈپجاننىڭ مۆشۈكىدەك خوش يېقىپ يېتىۋالاتتى ھا ھا ھا ھا .
بۇ باھاغا پىكرىم بار