قەلبىڭنى ساقلاپ قال

Post image of قەلبىڭنى ساقلاپ قال
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 12

قەلبىڭنى ساقلاپ قال

سەنئەت بىلەن تەنتەربىيە ئايرىم – ئايرىم كەسىپلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە باغلىنىشلىقى بولغان بولىدۇ ئەلۋەتتە. شىۋىتسارىيىلىك داڭلىق ياش ناخشىسى Remady بىلەن Manu L ئوخشىمىغان بۇ ئىككى كەسىپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تونۇپ يېتىپ، جاز مۇزىكىسى بىلەن پاركور تەنھەرىكىتىنى  زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ياۋروپا مۇزىكىچىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە بىز بلوگىمىز ئارقىلىق سىلەرگە بۇ ئىككى ياشنىڭ «قەلبىڭنى ساقلاپ قال» ناملىق مۇھەببەت ناخشىسىنى سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر!!!

تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى

سەمىمىي ئەسكەرتىش: كۆرۈنمە سىندىكى پاركور ھەرىكەتلىرى كەسپىي ھەرىكەت بولۇپ، كىچىك بالىلارنىڭ ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ياكى پاركور مەشىقى كۆرمىگەنلەرنىڭ قالايمىقان دورىشى چەكلىنىدۇ

ئەمگىكىمىزگە ھۈرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن فىلىمنى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

توردىكى نامىم Tumani، يەنى ئانا يۇرتۇم قەشقەرنىڭ ئەزىز دەرياسى «تۈمەن دەرياسى»نىڭ نامىدا قويۇلغان، ئەدەبىيات-سەنئەتكە قىزىققاچقا دەسلەپتە توردا ھېكايە، شېئىرلانى يېزىپ تۇردۇم، كېيىنچە، مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە تاھىر خۇددى زۆھرەگە ئاشىقى–بىقارار بولغاندەك ئاشىق بولدۇم. شۇندىن بۇيان «تۈمەنى تەرجىمىلىرى» نامىدا تا ھازىرغىچە فىلىم ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن

2012.04.27 ئاپتور: تۈمەنى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

12 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2012.04.27
21:31
1-قەۋەت: «مەلەك» مۇنداق دېدى:

فىلىمدىكىدەك يۈگرەپ ، يۇمىلاپ يۈرىدىغان ھەركەتنىڭ ئۇيغۇرچە پاركور دېيىلىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلىۋالدىم ، ئۇيغۇر ياشلارنىڭكىنىمۇ كۆرگەنىدىم ، ھەركەتلىرى بەك پەيزىكەن ، ناخشا قۇلىقىمغا كىرمەي ھەركىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.27
22:03
2-قەۋەت: «ۋاسكېتبول گۈزىلى» مۇنداق دېدى:

پاھ ، بۇ ناخشىنى نەدىنمۇ تاپقانسىز تۈمەنى :shock:
ماڭا ئاۋۇ پاركورچى بەك يارىدى جۇما :razz: مەن ئۈچۈن شۇنداق قىلار بىرى بارمىدۇ دەپ قالدىم ھى ھى ھى :| ناخشا شۇنداق رىتىملىق ناخشا ئىكەن . تەرجىمىسىمۇ شۇنداق جانلىق چىقىپتۇ . بۈگۈن كەيپىايتىم تازا ياخشى ئەمەس ئىدى . بېراق بۇ ناخشىنى ھەم كۆرنىشنى كۆرۈپ بىر خىل روھىم كۆتۈرلۈپ قالدى .
بولسا مېنى قەھۋە ئېچىپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىسىڭىز ياق دىمەيتىم مۇنداق :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۈمەنى مۇنداق يازغان:

بۇ ناخشىنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆڭلىڭىزنى ئازادە قىلالىغىنىمدىن ئالەمچە خۇش بولدۇم. قەھۋە ئىچىشكە كەلسەك، ئۇنىڭدا چاتاق يوق، ئەگەر سىز ياقلا دېمىسىڭىز، ھېلىغۇ قەھۋەخانا ئىكەن، ھازىر ئالدىراپ تاپقىلى بولمايدىغان ساماۋەرخانىغا (بۇرۇنقى چايخانىلار) تەكلىپ قىلىشقا قولۇم كۆكسۈمدە!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ھى ھى ھى …………بولىدۇ . قېنى شۇ كۈنلەرگە ئاللاھ نېسىپ قىلسا چوقۇم . :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

That, it’s a deal

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.27
23:00
3-قەۋەت: «ئىرشاد» مۇنداق دېدى:

بۇنىڭدىكى پاركور ھەركەتلەر تېخى ئاددى ھەركەتلەر ئىكەن …
ئامما ناخشىسى بوپ قويىدىكەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.28
00:40
4-قەۋەت: «تۇنجەر» مۇنداق دېدى:

http://v.youku.com/v_show/id_XMzE0Nzc5MDI4.html مانا پاركولنىڭ قاتىلى!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


روسلان مۇنداق يازغان:

فەچەت ئويناپ قۇيىدىكەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.28
11:12
5-قەۋەت: «ندمسىز» مۇنداق دېدى:

«ۋاسكېتبول گۈزىلى» مەن سىزنى قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلاي ئەمسە؟ :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

Of course, don’t know when invited me to drink coffee

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.28
11:18
6-قەۋەت: «نامسىز» مۇنداق دېدى:

مەن ئىسمىمنى خاتا يېزىپتىمەن :oops: :oops:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.30
14:07
7-قەۋەت: «سەھرالىق» مۇنداق دېدى:

مېنىڭمۇ ئاشۇنداق ساقچى ئاغىينەم بولغان بولسا :lol:
مۇشۇ پاركور دىگەننى تۈز يول تۇرسا مايماق-سايماق، ئېگىز-پەس يوللاردا ماڭىدىغانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىكىن دەيمەن. بىزنىڭ سەھرادىغۇ خەقنىڭ شورىلىرىدىن ئاتلاپ يۈرۈش ھېچكىمگە يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量