كېچىدىكى ئەسلىمە

Post image of كېچىدىكى ئەسلىمە
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 19

كېچىدىكى ئەسلىمە

كېچىدىكى ئەسلىمە ناملىق بۇ ناخشا ئىسپان تىلى ۋە ئىسپانىيەدىكى گالىتسىيا يەرلىك تىلىدا ئيتىلغان بولۇپ، گالىتسىيادىكى داڭلىق مۇزىكا ئەترىتى Luar na Lubre تەرىپىدىن ئورۇندىلىپ ئۇلارنىڭ 2004-يىلى چىقارغان 8-پىلاستىنكىسىغا كىرگۈزۈلگەن، ناخشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى : 2002-يىلى «ئابروي» ناملىق ماي پاراخوتىنى گالىتسيە دېڭىز رايونىغا چۆكتۈرۋىتىلىپ شۇ رايوننىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلگەن. بۇ ناخشا ئەنە شۇ پاراخوتنى ئەسلەش، شۇنداقلا دېڭىزنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىش يۈزسىدىن روياپقا چىققان

تەرجىمە قىلغۇچى : لەيلا

ئەمگىكىمىزگە ھۈرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن فىلىمنى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

ش.ئە.ئۇيغۇرى، مەزكۈر تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسى، گەرچە قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىمىز بەكمۇ ئۇلۇغۋار ئىش بولمىسىمۇ ئەمما مۇشۇ ئىشلىرىمىز ئارقىلىق تورداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئازراق بولسىمۇ بېيىتالىساقلا بۇ ساھەدە جاپا چېكىۋاتقان ھەر بىر مىننەتسىز ئەمگەك ئىگىلىرىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ ئەلۋەتتە

2012.04.21 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

19 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2012.04.21
14:33
1-قەۋەت: «تۈمەنى» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن مۇڭلۇق ناخشىكەن، يېڭى تەرجىمان قوشۇلغان ئوخشىمامدۇ؟ … تەرجىمە ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. تىرىشىڭ تەرجىمان «لەيلا»

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.21
17:25
2-قەۋەت: «تايىر_بەگ» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن مۇڭلۇق ناخشىكەن،

رەھمەت جۇمۇڭو :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ھوي ، تايىرجان بار ئىكەنسىز ھە ؟ بۇ ناخشا رايۇنىغا كىرمىگەن بولسام كۆرۈشەلمەيدىغان چېغىم ھى ھى ھى . يا ئاچىڭىزدىن قورقۇپ كىرمەي قالدىڭىزمۇ ؟
ھە راىست سىزنىڭمۇ تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزدىن بىرەرنى كۆرسەك بولاتتى . يا بولمىسا بىللە بىرەر قىرغىزچە ناخشنى تەرجىمە قىلىپ چىقمامدۇق :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.21
17:57
3-قەۋەت: «مەلەك» مۇنداق دېدى:

يېڭى تەرجىمانغا مەن زورلاپ تەرجىمە قىلدۇرغان ھې ھې ،ۋىدىيۇ سىتۇدىيۇ دا خەت كىرگۈزسە بەكمۇ جاپالىق ھەم چاپاق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلدىم .شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ ئەجرى ئاستىدا گۈزەل كۈيلەردىن بەھىر ئېلىۋاتىمىز رەھمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.21
19:31
4-قەۋەت: «روسلان» مۇنداق دېدى:

مۇڭ ناخشىكەن~

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.22
00:20
5-قەۋەت: «پۇتبۇل مەستانسې» مۇنداق دېدى:

راسلامۇڭلۇق ناخشىكەن …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.22
19:27
6-قەۋەت: «نەۋرۇز» مۇنداق دېدى:

مۇڭلۇق ھەم ئېسىل ناخشىكەن …تەرجىمان ھەم تور بەت خادىملىرى ھەقىقەتەن سەۋىيىلىك قېرىنداشلاردىنكەن .ئېسىل جەۋھەر مەزمونلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىلمەن.رەھمەت سىلەرگە ….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.22
19:36
7-قەۋەت: «ۋاسكېتبول گۈزىلى» مۇنداق دېدى:

مۇزىكىسى شۇنداق مۇڭ مۇزىكا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشلىتىلگەن مۇزىكا چالغۇللىرىمۇ قارىسام ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك چالغۇللىرىدەك قىلىدۇ . راىست گەپنى قىلسام ماڭا مۇزىكىدىن بەكرەك ، ناخشىنىڭ تېكىستى شۇنداق بەك تەسىر قىلدى . خۇددى ھېلىقى كىچىك ناخشىچى ئوقۇغان نېمىشقا دېگەن ناخشىنى قايتا ئاڭلاپ چىققاندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرجىمە ياخشى قىلىنىپتۇ . سىپىمىزگە يەنە بىر يىڭى تەرجىماننىڭ قوشۇلغانلىقىدىن شۇنداق خۇش بولدۇق . بولسا تىخىمۇ كۆپ تەرجىمە ناخىشلارنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغايسىز لەيلا .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.22
23:19
8-قەۋەت: «ئابدۇللا» مۇنداق دېدى:

ھارمىغايلا ھارمىغايلا،كەلگىچە ھارمىغايلا،ۋەزىر ئابدۇل دىن ئۆزلىرگە،مەلۇم قىلىدىغان،بىر ئىش بار.تۆۋەن ئايماقتىكى ئەركان بىلەن تۈمەنى،يېقىندا بىر،فىلىم تەرجىمە قىلغان ،ئىكەن مەن ئۇ فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ،خېلى ياخشى تەرجىمە قىلغان فىلىمكەن .مەن، ئۇ فىلىمنى ئۆزلىرگە كۆرسىتەي دەپ تۇرسام،خىيانەتچى ئەمەلدار ئۇيغۇربەگ،ئاستىرتتىن ئادەم ئەۋەتىپ،ئوغۇرلاپ كىتىپتۇ.خىيانەتچىلىك قىلغان، ئەمەلدار ئۇيغۇربەگنى زىندانغا سېلىشلىرىنى سورايمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

مۇشۇ ئاسىي، خىيانەتچى ئۇيغۇربەگ دەررۇ قاراڭغۇ زىندانغا تاشلانسۇن، ئۇنىڭ بارلىق خىيانەت قىلغان تەرجىمە فىلىملىرى بىردەك شاھ ئوردىسىغا مۇسادىرە قىلىنسۇن، مەزكۈر پەرمان دەررۇ ئىجرا قىلىنسۇن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ھى ھى ھى …………….ماۋۇ ئىككىڭلارنىڭ ئىنكاسىغا تازا كۈلۈپ يېتۋاپتىمەن دىسە .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى ئاتامەنلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا كەپە ئىگىسى بولمىش كەمىنە يۇقارقى ۋەقەگە نېسبەتەن ھېچنېنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ…


ئابدۇللا مۇنداق يازغان:

پەرمان بەردارمىز~

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.24
14:06
9-قەۋەت: «ئىليار» مۇنداق دېدى:
2012.04.24
17:20
10-قەۋەت: «تۇنجەر» مۇنداق دېدى:

ئەستا قىزلارنىڭ ئارقىدا قاپتۇق ئەمەسمۇ … بىزمۇ تەرجىمە قىلساق بۇلاتتى ، قازاقچە ناخشىدىن بىرەرنى ھې ھې ..

بۇ باھاغا پىكرىم بار


روسلان مۇنداق يازغان:

قازاخشا ناخشىنى تەرجىمە قىلپ يۈرمىسەكمۇ بولا~

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

تەرجىمە قىلسا نىمە بولىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىزنىڭ قىرىنداش مىللەت . گەرچە بىر ئاڭلاشقا چۈشەنگەندەك قىلساقمۇ لېكىن يەنىلا ھەقىقى مەنىسى نۇقتىسىدىن چۈشىندىغانلار قانچلىك ؟ ئۇلارنىڭ ناخشىللىرى ئېچىدىمۇ ئانا ، ياكى ئېىسلامنى كۈيلەپ ئېىيتقان ناخشىللىرى بار ئىكەنغۇ . ياخشى مەزمۇنلۇق ناخشا بولسا تەرجىمە قىلساق بولىدۇ دەپ قارايمەن . بىزگە پەقەت چەتئەلنىڭ ناخشىىلىرنى تەرجىمە قىلسا بولىدۇ دەيدىغان چەكلىمە بولمىغاندىن كىيىن . تەرجىمە قىلىشمۇ ئەنە شۇنداق تىلىمىزغا يېقىنراق ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ ، ئاستا – ئاستا باشقا تىلدىكىنى تەرجىمە قىلىشقا ئۆتمەمدۇق ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرجىمە قىلىغۇچىلارنىڭ قايسى خىلدىكى ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىشىغا بىرەر بەلگىلىمە قويۇلمىغاندىن كىيىن ، مەنچە بولىدۇ دەپ قارايمەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ئەڭ ياخشىسى تىزراق تەرجىمە قىلىپ ، ھوزۇرىمىزغا يوللىغايسىز ، بولمىسا سىزنى كەچۈرمەيمىز جۇما دەپ قوياي ………………………. :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.25
21:38
11-قەۋەت: «تۇنجەر» مۇنداق دېدى:

ئنشائاللاھ… ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量