ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى

Post image of ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى
سەھىپە: تەرجىمە كارتون، فىلىملەر باھا: 20

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى

بۇ بىر ئىنتايىن گۈزەل ھېكايە، بۇ بىر ئىنسانلارنى ئاقكۆڭۈللۈككە، مېھرىبانلىققا يېتەكلەيدىغان ھېكايە، بۇ بىر ئىنسانلارغا قانداق ياشاشنى، ھاياتلىقتا نېمىگە ئىشىنىش، نېمىگە تايىنىشنى، ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىشنى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىدىغان ھېكايە، بۇ ھەم شۇنداقلا بىزنىڭ دىلىمىزنى يورۇتىدىغان ھېكايە، بۇرۇندىن تارتىپلا بىز مۇشۇ ھېكايىلەرنى ئۆزىمىزگە قانداق ياشاش توغۇرلۇق ئۈلگە قىلىپ كەلدۇق، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ھېكايە؟ دېمىسەممۇ بۇ يازمىنىڭ تېمىسى ئارقىلىق سىز بەلكىم بۇ ھېكايىنى بىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا تۆۋەندە چەتئەلدە ئىشلەنگەن مەخسۇس ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تۇنۇشتۇرغان تۆۋەندىكى كارتون فىلىم ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدە بولغاي

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، نۇرئەخمەت

سەمىمى ئەسكەرتىش : مەزكۈر فىلىم پەقەتلا شەخىسنىڭ قىززىقىشى بىلەنلا تەرجىمە قىلىندى، ھەر قانداق توربەتنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ، ئۆزىڭىز ھەم باشقىلارنىڭ نورمال بەھىرلىنىشى ئۈچۈن مەزكۈر فىلىمنى ھەر قانداق تور بەتتە قالايمىقان ئېلان قىلماڭ، ھەم شۇنداقلا سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىش خىيالىدا بولماڭ، ئەگەر خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئۆزى ئىگە بولىدۇ، مەزكۈر تور بەت ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ

2011.05.25 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

20 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.05.26
02:16
1-قەۋەت: «تەجەللى» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، شاھ بىلوگىدىكى بارلىق تورداشلار ! ئاللاھ قۇلۇقلارغا دەرت بەرمىسۇن !!! بولسا مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلغان بولساڭلار … ئاللاھ ئشلىرىڭلارنى ئۇتۇقلۇق ، ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن !!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.26
04:25
2-قەۋەت: «ئارمانىم» مۇنداق دېدى:

ئاۋال دىۋانغا چىقىپ ئاندىن ئىنكاس يازاي .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.26
10:33
3-قەۋەت: «muslim» مۇنداق دېدى:
2011.05.26
12:42
4-قەۋەت: «مۇسلىم» مۇنداق دېدى:

ناماز كىمگە پەرىز قىلىنغان .؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.26
14:30
5-قەۋەت: «سەھرايىم» مۇنداق دېدى:

بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرىز قىلىنغان .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مۇسلىم مۇنداق يازغان:

مەن تىخى ناسارىلارغا پەرىزمىكى دەپتىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.26
14:38
6-قەۋەت: «رازۋىتچىك» مۇنداق دېدى:

ئىنسانلارغا پەرھىز قىلىنغان،مۇھەممەت ئەلەيھىسالام دەۋرىدە پەرھىز قىلىنغان.
لىكىن ئىسلان دۇنيا يارىتىلغاندىلا بار،نامازمۇ ھەم،پەقەت ئادا قىلىش شەكلى ئوخشىمايدۇ خالاس!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.26
17:13
7-قەۋەت: «Forever» مۇنداق دېدى:

شاھ بىلوگىغا كۆپ تەشەككۈر ! ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.27
04:40
8-قەۋەت: «ئەلشات بلوگى» مۇنداق دېدى:

بەزەن جايلىرى ئەسلىدە مەن ئوقۇغۇنىم بىلەن تازا ئوخشىمامدۇ نىمە؟ ئىسمايىل ئەلەيھىسالامنى قۇربانلىققا ئىلىپ چىققان ۋاختى ئەسلى 7 ياش ئىدى لىكىن بۇنىڭدا توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن دەپ چىقىۋاتىدىغۇ! يەنە بىرسىگە 5 ۋاخ ناماز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋاختىدا پەرىز قىلىنغانغۇ دەيمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.31
01:57
9-قەۋەت: «نۇرئەخمەت» مۇنداق دېدى:

ناماز ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن مىئېراج كېچىسى پەرز قىلىنغان .
ناماز 50 ۋاخ بولۇپ پەرز قىلىنىپ ئاندىن سانى بەشكە يەڭگىللىتىلگەن ، ھەمدە 50 ۋاخ نامازنىڭ ساۋابى بەش ۋاخ نامازدا ساقلىنىپ قالغان(يەنى 5ۋاخ ناماز ئوقۇغان كىشىگە 50 ۋاخ نامازنىڭ ساۋابى بىرىلىدۇ) . مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ياخشى كۆرۈشى ۋەئۇنىڭ ئورنىنىڭ كاتتىلىقىغا دەلىل .
يەنە بىرسى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىققا ئېلىپ چىقىلىش ۋاقتىنى بىلمەكچى بولساق مەن قۇرئان كەرىمنىڭ تەفسىرىنى قايتا كۆرۈپ تەپسىلى جاۋابىنى يوللاپ قۇياي،لېكىن 7 ياش ۋاقتى ئەمەسلىكى ئېنىق.
نامازنىڭ قالدى ئىبادەتلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ پەرز قىلىنىش ئورنى جەھەتتە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە . . .
يەنى ئۇنى پەرىشتە زىمىنغا ئىلىپ چۈشمىدى ، لىكىن ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدنى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئاسمانغا ئىلىپ چىقىش بىلەن نىئېمەتلەندۈردى ھەمدە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا نامازنىڭ پەرزلىكىنى بىۋاستە ئېيىتتى . ھەمدە بۇ ئىش بارلىق ئىسلام شەرىئەتلىرى ئارىسىدا نامازنىڭ ئۆزگىچىلىكى .
ناماز ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ . .
بۇخارىي( 528) ، مۇسلىم( 667) ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلدىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن – بەكرىنىڭ ھەدىيسىدە ، ئۇ ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان : « ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟ سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىدە بىر دەريا بولسا ھەمدە ئۇ ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قىتىم يۇيۇنسا ، ئۇنىڭدا بىرەر كىرنىڭ ئىزى قالامدۇ ؟ » ئۇلار : “ ئۇنىڭدا ھىچقانداق كىر ئىزى قالمايدۇ .“ دىدى . ئۇ : « ئەنە ئۇ كۈندىلىك بەش نامازغا ئوخشايدۇ ، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ .»
ناماز بەندە قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان بىرىنچى نەرسە :
نەقىل قىلىندىكى ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دىگەن : “ مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : « بەندە قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان بىرىنچى ئىش ئۇنىڭ نامىزى بولىدۇ . ئەگەر ئۇ ياخشى بولسا ئۇنداقتا ئۇ راۋاج تاپىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ ، بىراق ئۇ ناچار بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ ۋەيران بولىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ . ئەگەر ئۇ پەرىز نامىزىنى كەم قىلغان بولسا ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگار : « قاراڭلار ، بەندەمنىڭ نەپلى نامىزى بارمۇ-يوق ؟ پەرىزدىن كەم بولۇپ قالغانلىرى ئۇنىڭ بىلەن تولۇقلىنىدۇ .» دەيدۇ .ئاندىن باشقا ئىش-ئەمەللىرىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە بولىدۇ .» [ نەسائىي(465) ، تىرمىزىي ( 413)نەقىل قىلغان . ئەلبانىي سەھىيھ جامىئېدا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 2573 ]
ئاللاھتىن بىزنىڭ ئۇنى ئەسلەپ تۇرىشىمىزغا ، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ئىبادەت قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى سورايمىز.
ناماز ئەڭ ئەخرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە پەرز قىلىنغان،لېكىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان،مەسىلەن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى»(سۈرە بەقەرە 183-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)،ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ ھەرخىل ئىبادەتلەرگە بۇيرۇلغان،مەسىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ تاللىنىشتىن ئىلگىرى مۇشرىكلارمۇ ھەج قىلاتتى،ناماز توغۇرلۇق،ئىسمايىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشقا بۇيرۇلۇش ۋاقتى توغۇرلۇق تەپسىلى ئىزدىنىپ جاۋابىنى يوللاپ قۇياي،ئاللاھتىن خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا خاتالىقلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام؛
بۇتقا چوقۇنۇشتىن باش تارتىپ دادىسى ۋە پۈتۈن قەۋمىگە قارشى چىققان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئۈلگىمىز.
ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئىبراھىم ھەقىقەتەن(ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى)پىشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن(باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچى )ئىدى، ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى››(سۈرە نەھىل120-ئايەت).
ئاللا يەنە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇپپارلار چوقۇنىۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي)ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە سىلەر چوقۇنىۋاتقان بۇ بۇتلار نىمە؟(يەنى نىمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنۇسىلەر)دىدى،››(سۈرە ئەنبىيا52-ئايەت).
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ باتىل ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشتىن باش تارتىپ ھەقتە چىڭ تۇرغان ۋاقتىدا قېرى ياكى ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم بولماستىن، بەلكى دەل ياشلىق مەزگىلىدە بولۇپ، ئۇ باتۇرلۇق ۋە شىجائەت بىلەن مۇشرىكلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باتىل ئىلاھلىرىغا تەھدىت سالغان ۋە ئۇلارنى مەسخرە قىلغان ئىدى. ئۇ ئاخىرى دىگىنىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ باتىل ئىلاھلىرىنى چىقىپ تاشلىدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرمەكچى بولدى، لىكىن ئاللاھ ئوتنى سوۋۇتۇپ بىرىش ئارقىلىق ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنى قۇتقۇزىۋالدى. مانا بۇ ياش ئىبراھىم تاغۇتقا بويسۇنۇشنى رەت قىلغان، ئاللادىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتقان ۋە بەلكى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي تىخى قەۋمىگە ئۇلار ئىلاھ دەپ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ لاي ۋە تاشلاردىن ياسالغان ساختا ئىلاھلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى چاققان ئىدى. مانا بۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۆئمىن ياشلارنىڭ ھەقتە چىڭ تۇرۇش ۋە تاغۇتلارغا، ساختا ئىلاھلارغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى.
بىزنىڭ ياشلىرىمىز؛
بۈگۈن بىزنىڭ ياشلىرىمىز قەيەردە؟ ئۇلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ بىز ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئىسلام يولىدا ئاتىشىنى ئۆزىنى مۇسۇلمانلار جەميىتىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن بىغىشلىشىنى، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك قۇرۇق ئويۇن تاماشا ۋە پەقەت يەپ-ئىچىش ۋە ئويناپ كۈلۈشنىڭ كەينىدىنلا چىپىپ يۈرۈيدىغان تىزگىنسىز ياشاشنىڭ ئورنىغا ھاياتىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەللەشتۈرىشىنى، ئەقلىنى بىلىم بىلەن، روھىنى ئىبادەت بىلەن، ئەخلاقىنى پەزىلەت بىلەن قۇرۇپ چىقىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىسە ئۇلاردىن ئەمەس دىگەن ئەقىدىنى يۈرىكىگە چوڭقۇر ئورنۇتۇپ، جىددى، تىرىشچان، شىجائەتلىك، ئىلىم سۆيەر، خۇداگۇي…ياشلاردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ياشلار ئۈممىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدۇر. مۇبادا ئۇلار بىجىرىم، راۋۇرۇس بولۇپ يىتىشمىسە، بۇ ئۈممەتنىڭ كەلگۈسىگە بىر نېمە دىمەك تەس، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە تىخىمۇ شۇنداق. ياشلار ئۈممەتنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ جىنىدۇر. ئاللاھتىن بىزگە ھەر بىر ئىشىمىزدا توغرا يولغا يىتەكلىشىنى، بىزگە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلىشىنى، ئۈممىتىمىزنى ھىدايەت ۋە تەقۋالىق ئاساسىدا بىرلەشتۈرىشىنى سورايمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


رەھىم مۇنداق يازغان:

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئائىت ماتىرىياللارنى كۇپرەك يوللاپ بەرسىڭىز،رەخمەت!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.31
02:58
10-قەۋەت: «نۇرئەخمەت» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،فىلىمنىڭ تەرجىمىسىگە ئازراق تەكلىپ بەرمەكچىمەن.
23:37 مىنۇتلۇق ئورۇندىكى which prophet is mentioned in our 5 daily’ prayers?’ دېگەن جۈملە خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قاپتۇ
ئەسلى« بىزنىڭ ھەر كۈنلۈك بەش ۋاخ نامىزىمىزدا قايسى پەيغەمبەر تىلغا ئېلىنىدۇ؟» دەپ تەرجىمە قىلىنسا بۇلاتتى،
26:44 مىنۇتلۇق ئورۇننىڭ تەرجىمىسى چۈشۈپ قالدىمۇ نېمە؟
يەنە بىرسى، فىلىمنىڭ ئاخىرىدىكى سۇئال جاۋاب قىسمىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر ئىسمى خەلىلۇللاھ دېيىلگەن،«خەلىلۇللاھ ____ ئاللاھنىڭ دوستى» دېگەن مەنىدە،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىمۇ قوشۇپ قويغان بولساق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.1
11:22
11-قەۋەت: «يىشىۇ» مۇنداق دېدى:

پاھ نېمىدىگەن ئېسىل فىلىم ھە!ئادەمنىڭ دىل تارىىنى قاتتىق چېكىپ ،كىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۇردىكەن ،ئاللاھ بەك ئۇلۇغ!ئنشائاللا مۇشۇنداق ياخشى فىلىملەرنى دائىم كۆرۇپ تۇرۇشقا نېسىپ قىلغايسىز!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.3
04:48
12-قەۋەت: «نالە» مۇنداق دېدى:

تاش ئاتقۇچنى مەنچاناق دەمدۇ قانداق ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نۇرئەخمەت مۇنداق يازغان:

قارىغاندا خېلى تەپسىلى كۆرۈپسىز ھە؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.4
09:55
13-قەۋەت: «سەبىي» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۈم كۆپ تەشەككۇر لەر بۇلسۈن ….!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.5
01:04
14-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

رەخمەت شاھىم كورۇشنى باشلىۋەىتم ئەمسە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.26
09:21
15-قەۋەت: «ئەلتاگىن» مۇنداق دېدى:

بەك ياخشى فىلىم ئىكەن !

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.24
14:11
16-قەۋەت: «ئىلھام» مۇنداق دېدى:

كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا رامبو خىيمەنلەرنى كۆرۈپ يۈرەتتۇق، پەرزەنىتلىرىمىزمۇ ئاشۇ قونچاقلارنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتمىگەي، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەۋلادلارنى ئىمانلىق تەربىيلەيلى.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.24
23:05
17-قەۋەت: «بەندە» مۇنداق دېدى:

ئىنشائاللاھ،ئاللاھ خىزمىتىڭلار ئۈچۈن ئەجىر بەرسۇن ،ھەممىمىزنى ھىدايەت يولىغا باشلىسۇن…..ئامىن!!!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量