كىچىكىمدىن تارتىپلا تاكى ھازىرغىچە چەتنىڭ، بولۇپمۇ دىسنىي، پىكسېر دېگەندەك داڭلىق كارتون شىركەتلىرىنىڭ ئشلىگەن كارتون فىلىملىرىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچە كارتونلىرىدا جۇڭگونىڭكىدەك كىچىك بالىنى ئالدايدىغانلا مەزمۇن بولماستىن بەلكى ئىچىگە بىزگە كېرەك بولغان، دەرسخانىلىرىمىزدا سۆزلىنىۋاتقان ھەرخىل بىلىملەرنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن كىرگۈزۈپ قوياتتى، بۇنداق كارتونلارنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى پەقەت ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىپلا قالماي بەلكى بىلىپ بىلمەي بەزى بىلىملەرنى ئىگەللىيەلەيتتى، بالىلارنى تەربىيەلەشكىمۇ پايدىسى بولاتتى، تۆۋەندىكى قىسقا كارتون فىلىممۇ گەرچە چوڭ تىپتىكى كارتونلاردەك نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدا يەنىلا بالىلىرىمىزغا تەربىيە قىلىشتا كېرەك بولىدىغان ئاددىغىنە بىر مەزمۇن بار، قېنى، ئۇنداقتا بۇ كارتوندا زادى نېمە دېيىلمەكچى، ھەممىمىز تەپەككۈر قىلىپ باقايلى…
بىچارە قىزچاق قونچاققا ئايلىنىپ كەتتىغۇ ؟
كۆرۈشنىغۇ كۆردۈم نىمە دېيىلمەكچى بولغىنىنى بىلمىدىم، سىرتتا يالغۇز بىر يەرلەرگە كىرمەڭلار ، ياكى چوڭلار ، دوسلىرىڭلار بىلەن كىرىڭلار دېمەكچىمۇيە….
مۇشۇنى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم دەپ يولىدىڭلارما؟
كەچۈرۈڭ، بۇنىڭ ھېچيېرىدە ئۇيغۇرچە خەتلىك دېگەن گەپ يوققۇ دەيمەن
بەك ئامراق بولۇپ قالدىم .
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىڭلىمنىڭ ئالغان تەسىراتى، قالايمىقان ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە چېقىلماسلىق، قالايمىقان يەرلەرگە بارماسلىق ھەم كىرمەسلىك
ئۈچ ياشلىق ھەم بەش ياشلىق ئىككى ئوغلۇمنىڭ ئالغان تەسىراتى مۇنداق بولدى:ئۇيۇنچۇق ئويناشقا ھەددىدىن زىيادە بېرىلگەن بالا ئۇيۇنچۇقنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقى سىزنى بىلىپ بىلمەي ئىسكەنجىگە ئېپ قويىدۇ دېمەكچىمىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نەق كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلدىڭىز جۇمۇ.
Alma دىگەننى ئالغانما؟ ھە!
23:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ كارتوننى ياقتۇرۇپ قالدىم رەھمەت جاپا چەكتىڭلار.
بۇ باھاغا پىكرىم بار