مارىيە كېررىي بىلەن تېخى يېقىندىلا قازا قىلغان دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق ناخشىچى ۋېىتنېي خوۋېستوننىڭ بىرلىكتە ئورۇنلىغان «ئىشەنگىنىڭدە» ناملىق بۇ ناخشا «خىيال زاۋۇتى فىلىم شېركىتى» ئىشلەپچىقارغان «مىسىر شاھزادىسى» ناملىق كارتون فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى بولۇپ، بۇ ناخشىنىڭ MV سى بروكلېن سەنئەت ئىنىستىتوتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، يېقىملىق مۇزىكىغا قوشۇلغان سەھنىگە ئورۇنلاشتۇرغان نېپىز پەردە، كەينى ئېكران ۋە تاماشىبىلارنىڭ ئالقىش – سادالىرى كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ – دە، كىشى ئۆزىنى گويا قەدىمىي مىسىرغا كېلىپ قالغاندەك ھېسىياتتا سېزىدۇ…
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
بۇ ناخشىنى ئەينى ۋاقىتتا دىيارىم مۇنبىرىدە كۆپىنچە تېمىلارغا قېستۇرما مۇزىكا ئورنىدا قېستۇرۇپ قوياتتىم . چۈنكى مىسىر شاھزادىسى دېگەن ئۇ فىلىمنى شۇنداق ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناخشىنى ئېيتقان ھەر ئىككى قىزنىڭ ئاۋازدىكى بىر خىل يېقىشلىقى ھەم يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئاۋاز سەنئىتى مېنى قايىل قىلماي تۇرالمايتى .
گەرچە شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ناخشنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بىلەن كۆرگەن بولساقمۇ ، بېراق بۇ يەردە ئۆز ئانا تىلىمىزدا كۆرگەن باشقىچە رەھمەت تۇيۇلىدىكەن .
تۈمەنى تەرجىمە گورۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كۆپلەپ جاپا چېكىۋاتقانلىقىدىن شۇنداق رازى . چۈنكى ھەر قىتىم شۇنداق ياخشى تەرجىمە ئەسەرلەرنى شاھ ئۇيغۇر بىلوگىغا ئېلىپ كېلىدۇ .
ھەم مەنمۇ بۇلارنىڭ تەرجىمە ناخىشللىرنى ئاڭلاشقا بەك ئامراق .
بىزنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىڭىزدىن خۇرسەنمىز، تور بېكىتىمىزنى ياخشى تەكلىپ – پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنىمۇ قارشى ئالىمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مېھنەتسىز جاپاكەشلەر~
ماھىر زەئىننىڭ يىڭى ناخشىسى چىقىپتۇ،،،مۇمكىن بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويساڭلا،ئۇزاق بولغان يىڭى ناخشىسىنىڭ چىقىشىنى ساقلىغىلى~ئاخىرى چىقىپتۇ…شۇڭا سىلەرگە يەتكۈزۈپ قوياي دىگەن~
فىلىم ئادىرىسى:
http://www.yinyuetai.com/video/375129
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز تەۋسىيە قىلغان ناخشىنىڭ تەرجىمىسى پۈتتى، پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ! ئانا كۈيلەنگەن ھەقىقەتەن ياخشى ناخشا ئىكەن
(ئانا-سەن مېنىڭ بارلىقىم)
مارىيە كېررىي دەپ تۇسا مەن تېخى ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق فىزىكا ئالىمى قانداق ناخشا ئېيتقان بوغۇيتى دەپ يۇگۇرۇپ كىرىپتىمەن
قازا قىلدى ھەيران قالدىمغۇ
12:45
http://v.youku.com/v_show/id_XMzYwMzk4Mjky.html
رەخمەت شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىكى دوسلار،مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئادىرىستىكى ناخشىنىمۇ تەرجىمە قېلىپ بىلوگ بېتىگە چىقىرىپ قويساڭلار بوپتىكەن~!
بۇ باھاغا پىكرىم بار
تۈمەنى مۇنداق يازغان:
سىزگىمۇ رەھمەت قېرىندىشىم. قالدۇرغان ئادرىسىڭىزدىكى ناخشىنى كۆرۈپ چىقتىم، ياخشى ئىكەن، پات يېقىندا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ قويىمەن. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، يوقاپ كەتمەي دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىز!
بۇ باھاغا پىكرىم بار
تۈمەنى مۇنداق يازغان:
بۇ ناخشىنى بلوگقا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ قويدۇم، ../?p=2202 دىن كۆرىۋېلىڭ !
بۇ باھاغا پىكرىم بار