دوستلار بەلكىم ئىسلامى ناخشىلار دېسە ئۈزلۈكىدىنلا كۆز ئالدىغا سەمى يۈسۈپ ۋە ماھىر زايىنلار كېلىشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ بۈگۈن تۇنۇشماقچى بولغىنىمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئەنگلىيەدە زامانىۋى ناخشىلارنى ئېيتىپ بىر مەھەل داڭق چىقارغان ھەمدە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۆز ئۇسلۇبى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكىنى كۈيلەپ كېلىۋاتقان ناخشىچى يۈسۈف ئىسلام (ئەسلى ئىسمى Cat Stevens) ،ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىسىنى تەڭ ئاڭلاپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
يۈسۈف ئىسلامنىڭ ئەسلى ئىسمى كېيت سىتىۋېنىس (Cat Stevens) بولۇپ ئەنگلىيە خەلق ناخشىچىسى، تولغىما مۇزىكا ساھەسىدىكى ۋەكىللىك شەخس ئۇ خەلقئارالىق داڭدار چولپان بولغاندىن كېيىن، 1977-يىلى ئىسلامغا كىرگەن، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئىسمىنى يۈسۈف ئىسلامغا (Yusuf Islam) ھەمدە ئۆزىنىڭ بارلىق گىتتار چالغۇلىرىنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىۋەتكەن، شۇنىڭدىن تارتىپ پەيدىنپەي مۇزىكا ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئۆزىنى مائارىپ ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىغان، ئۇنىڭ دۇنيا تىنچلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «دۇنيا ئىجتىمائىيەت مۇكاپاتى» ۋە «ئوتتۇرا دېڭىز تىنچلىق مۇكاپاتى» بېرىلگەن
2006-يىلى 11-ئايدا ئۇ ئۆزىنىڭ 《An other cup》 ( باشقا رومكا) ناملىق پلاستىنكىسى بىلەن مۇزىكا مۇنبىرىگە قايتىپ كەلگەن، 2009-يىلى يۈسۈف ئىسلام RED فوندى جەمئىيىتىگە ماددىي ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان شۇنداقلا جەمئىيەتنى ئەيدىز بولغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلغان، شۇ يىلى ئۇ يەنە يېڭى ناخشا ئېيتىش بىلەن پەلەستىننىڭ غەززادا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە مەدەت بەرگەن، ئۇ يەنە «ئاددىي خەيرىيەت» دېگەن خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنى قۇرۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى نامرات بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلغان
شوتا مىدىيە گۇرۇپپىسى جۇڭگو نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمان تورداش سولايمان تەرىپىدىن قۇرۇلغان گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىق جۇڭخۇا ئىسلام دىنى مېھىر-شەپقەت جەمئىيىتى، شىياڭگاڭ ئىسلام ياشلار ئۇيۇشمىسى، ئىسلام توۋى ساخاۋەت خاتىرىسى ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىقىدىكى جۇڭگودىكى بىردىنبىر نوپوزلۇق ئىسلام تور بېتى بولغان نۇر ئىسلام تورى (www.norislam.com) ئارقىلىق ئىسلام بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك فىلىملارنى ئېنگىلىزچىدىن خەنزۇچىغا ئۆرۈپ تور ئارقىلىق تارقىتىش خىزمەتلىرىنى قىلىدۇ، ھەمدە ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ، بىز شۇلار تەمىنلىگەن فىلىملارنىڭ قىسمەنلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۈر فىلىمنىڭ ئەسلى ھۈججىتىنى تەمىنلىگەن شوتا مىدىيا گۇرۇپپىسىغا ھەم تەرجىمىسىنى ئىشلەشكە كۈچ چىقارغان ئەركان خوتەنى، دىلارە ۋە خەدىچە قاتارلىق تورداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز
ئالە شەنى بۇ يەردىمۇ دىۋانچىلار پەيدا بولدىمۇ ئەمدى
بۇ ئادەمنىڭ نامىنى ئاڭلىغان
ئەمدى ناخشىللىرىنىمۇ ئاڭلايدىغان بوپتۇقتە .
سالام خەلقىم!!!
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىپسىلەر
بۇ ئادەمنىڭ نامىنى ئاڭلاۋاتقىلى خېلى بولغان…رەھمەت سىلەرگە!!
بۇلىدىكەن . رەھمەت سىزگە
مەن كۆرەلمىدىمغۇ؟
ماڭا مۇنۇ ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولسانەلار ناھايتتىمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم
http://play.tiztap.com/mv/mtv_play.asp?mid=1619بۇ ناخىشنى بۇرۇندىنلا بەك ياخشى كۆرەتتىم.
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ئەزىز قېرىندىشىم ئىسلام ئۇچۇن ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشايلى بەلكىم شۇنداق ناخشا ئېيتالمىساققۇ …………………
08:08
مانا دىۋان دىگەن
بۇ باھاغا پىكرىم بار