نۇرغۇنلىرىمىز توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى ناملىق ھېكايىنى ئوقۇغان، ھەتتا ئۇنىڭدىكى تاشپاقىنىڭ پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدىكى جاسارىتىگە قايىل بولساق، توشقاننىڭ ھەددىدىن زىيادە مەغرۇرلىقى، كۆرەڭلىكى، ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىش بەدىلىگە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە تاشپاقىنىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكەنىدۇق، كىشىلىك تۇرمۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باسۇرسا، تەكەببۇرلۇق كىشىنى ئارقىغا چېكىندۈرىدۇ، ئۇنداقتا باشقا گەپنى قويۇپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىم ئارقىلىق بۇرۇن ئاڭلىغان شۇ ھېكايىنى قايتا ئەسكە ئېلىپ قويايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
مەن شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىكى خەتلىك فىلىملەرنى بەك ياقتۇرىمەن.
ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن
تىخىمۇ ياخشى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى ئىشلىشىڭلاغا تىلەكداشمەن .
I LIKE THIS BLOG. THANK YOU SHAH.
خىلى ۋاقتىلار بوپتۇ بۇنداق بالدۇر ئىنكاس يازمىغىلى رەخمەت جۇمۇ
مەن ھېكايىسىنى ئاڭلىغان بولساممۇ فىلىمىنى كۆرمەپتىكەنمەن،رەھمەت سىلەرگە جاپا چەكتىڭلار
ئۇ تاشپاقا بەك ئوماقكەن.. ياختۇرۇپ قالدىم
بالىلار توغرىسىدىكى فىلىملەرگىمۇ ئوبدان كۈچىگىلى تۇرۇپسىلەر. ئوبدان بولىۋاتىدۇ! جاپا چېكىشتىلەر…
ماختانچاق نىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇنداق، كەمتەرلىككە ھىچنىمە يەتمەيدۇجۇمۇ
مەن بۇ ھىكايىنى كۆپ ئاڭلىغان ھەم بالىلىرىمغا ئېيتىپ بەرگەن ، ئەمما فىلىمنى تۇنجى كۆرۈشۈم ، يەنە تىخى بالام بىلەن بىللە كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتىم . رەخمەت ، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، تىخىمۇ ئىسىل فىلىملەرنى كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزورىغا سۇنىشىڭىزلارغا تېلەكداشمەن . رەھمەت!
بۇ فىلىمنىڭ نەق جايىنى تاپقانلىقىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم، تور بېتىمىزدىكى بارلىق كارتون فىلىملەر ئەسلىدىمۇ ئەشۇ بالىلىرىمىز ئۈچۈن تەييارلانغان، بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق نادىر بالىلار كارتون فىلىملەر بولسا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقا تەييارمىز، شۇنداقلا بالىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ فىلىملەردىن ئاز تولا بولسىمۇ نەپ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
رەھمەت ،كومپيۇتېرىمدىن ئورۇن ئالدى. ئۇزۇن بولغان ئىزدەپ يۈرگىنىمگە، بۇرۇن بىر تۇتۇق، ئېنگىلزچە نۇسقىسى بارتى
17:59
بۈگۈن دىۋان ماڭىلا قاپتۇدە …
بۇ باھاغا پىكرىم بار