بوۋاي ۋە دېڭىزنى(The Old Man and the Sea)ھېمىڭۋاي 1951-يىلى كۇبادا يېزىپ چىققان، 1952-يىلى نەشىر قىلىنغان، بۇ ئەسەر ھىمىڭۋاينىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ 1954-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر كارتوننى رۇسىيەلىك رەسسام ئالېكساندىر ھېمىڭۋاينىڭ بۇ ھېكايىسىنى ئاساس قىلىپ ماي بۇياق رەسىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر بىرلەپ سىزىپ چىقىپ كىرىشتۈرگەن، كارتون پۈتۈنلەي ماي بۇياق رەسىملەرنىڭ ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەچكە گەرچە سۈزۈكلۈكى ئانچە بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمىسىمۇ ئەمما ئالېكساندىرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەسەر كىشىگە يەنىلا ئاجايىپ ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ، پەقەتلا بىر ماڭا ياقمىغان يېرى بۇ كارتوندا ئەسلى ئەسەرنى ئادەتتىن تاشقىرى يىغىنچاقلىۋەتكەن، قېنى سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ…
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
قاق سەھەردە كۆرۈۋالدىمدە. ئۆزگىچە چىققانكەن. جاپا چەكتىڭىز …
راستىنلا ئۆزگىچىكەن، ئىلگىرى كۆرگەن كارتونلىرىمغا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن.
يېڭىچە تۇيغۇ ۋە يېڭىچە ھېسسىياتتا بولدۇم….
ئەمما مەن يەنىلا ئۈچ ئۆلچەملىك كارتونلارنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن.
84 كۈن دېڭىزغا چىقىپ بىر تال بېلىق تۇتالمىغان ئادەم، 85-كۈنى يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك بۇرۇنقىدەك ئورنىدىن تۇرۇپ دېڭىزغا يول ئالغان چاغدىلا بۇ قېرىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ۋە جاسارىتىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلۋالغىلى بولىدۇ.
ياش ۋاقتىدىمۇ شۇنداق ئىكەنتۇت، قېرىغاندا گەرچە كۈچ-مادارىدىن جىق كەتسىمۇ، ئەمما شۇ پولاتتەك مۇستەھكەم روھى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدۇ. بوۋاي بېلىقنى تۇتۇپ يېرىم يولدا لەھەڭلەرگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن شۇنداق ئېلىشىپمۇ، كۈچ مادارى قالمىغان چاغدا، «ئاھ بېلىق، كەچۈرگىن، سېنى قوغداپ قالالمىدىم» دىگگەن گەپلىرنى ئاڭلاپ مەن تېخى ھەي، بۇ بىچچارە قېرى، مۇشۇ بېلىق بىلەن بىللە لەھەڭلەرگە بىر ۋاق غىزا بولۇپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپتىمەن. بىراق تەلىيى بار ئىكەن. ھايات يېنىپ كەپتۇ، ئۇ ئۆزىچە مەغلۇپ بولدۇم دەپ ئويلاپ قالدى، ئەمما بېلىق ساق كەلمىگەن بىلەن، ئاينا ئاۋۇ سۆڭەكلىرى تۇرمامدۇ؟ ئاشۇ سۆڭەكلەر دەل پولاتتەك ئىرادىنىڭ سىموۋلىدۇر.
تەغدىر ئادەمنى نابۇت قىلالىغىنى بىلەن مەغلۇپ قىلالمايدۇ. مەڭگۈ!!!
ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بىر بېلىقچى بوۋايمۇ بۇنداق سەنئەتكار تۈسىنى ئالغان ئوبراز يارىتالايدىكەن ئەمەسمۇ؟
يىڭىدىن تۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىگە «بوۋاي ۋە دېڭىز» دىن پارچە بىرىلگەن. مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئەسەرنى بىر تەرجىمە قىلغان بولساق. بالىلارغا كۆرسەتمىلىك ماتېريال بولاتتى. يەنە بىر گەپ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى ئىۋەتىپ بېرەمسىز كارتوننىڭ. رەھمەت
سىز دېگەن بوۋاي ۋە دېڭىز دېگەن دەرسلىك خاتالاشمىسام مۇشۇ شۇغۇ دەيمەن، مەنمۇ بۇرۇن بىر قېتىم ئوقۇغانىدىم، پەقەت بىر يېرى ئەسلى ئەسەرنى تۈپكى مەركىزى ئىدىيىسى ساقلىنىپ قاپتۇ، ئەمما بەكلا يىغىنچاقلىۋېتىپتۇ. بلوگقا قالدۇرغان ئېلخىتىڭىزگە قاراشنى ئۇنۇتماڭ…
بۇ فىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسىلىك ماتېريالى ئۈچۈن كېرەك قىلماقچى ئىدىم. لېكىن سىز ماڭا يوللاپ بەرگەن ئادىرىستا چۈشمىدى. قاراپ باققان بولسىڭىز. رەھمەت.
رەسىملىرىنى بەكلا ياخشى سىزىپتۇ، كىرىشتۈرلىشى ۋە فىلىمنىڭ مەركىزى ئىدىيسىمۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدىكەن.
بارىكاللا …ياخشى ئىشلەپتۇ .ھەم ياخشى تەرجىمە قىلىپسز…مۇمكىن بولسا چۈشۈرۋالساق بەك ياخشى بولاتتى
ياتىقمنىڭ تور سۈرئىتى شۇنچلىك جىلە قىلدىكىن مېنى بۈگۈن….جاپا چەكتىڭلار…خاررىي پوتتىرنىڭ ھەر قايسى قىسملىرىنى تەرجىمە قىلىپ توللاپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن،بەك ياخشى كۆرەتتىم ئۇ كىنونى….يەنە ئۆزبىكستاننىڭ ئەڭ ئالقىشلىق كىنوسى قارا كۆز دېگەن كىنو،ئەلۋەتتە سىلەرمۇ جاپا تارتىۋاتىسلەر،بۇ پەقەت شەخسىي كۆز قارىشىم..ھارمىغايسىزلەر …
ئەمىلىيەتتىمۇ animation short film فىلىملەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ۋەقەلىكى ، فىلىم ئۇزۇنلۇقى قسىقا ، ئىخچام بولۇش شۇڭا ئەسلىدىكى ئىدىيەنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قىسقارتقان بولۇشى مۇمكىن مەن بۇ فىلىمنى تۇنجى كۆرگىنىمدىلا ياقتۇرۇپ قېلىپ ئىزدىنىشقا يوللاپ قويغان تەرجىمە قىلىپ ياخشى ئىش قىلىپسىلەر .
ھېمىڭۋاي ئۆزى ناھايتى قەيسەر ياشىغان ئادەم … ياش ۋاقتىدا ئىتالىيىدىكى ئۇرۇشتا يارىلىنىپ دوختۇرلار بەدىنىدىن 230 پارچە بمبا پارچىسىنى تېرىپ ئالغان. ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىمۇ ئافرىقىدا ياۋا كالا ئوۋلاش، بىلىق تۇتۇش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان.ئاجايىپ قەيسەر ياشىغان ئادەم. ئىسپانىيە مۇستەقللىق ئۇرۇشى پارتىلىغاندا ئىپانىيەگە بىرىپ نەق مەيدان مۇخبىرى بولغان. ھەم (ماتەم سىگنالى كېىم ئۈچۈن چېلىندى) ناملىق رومانى يازغان . بۇ ھېىمىڭۋاي (ئەلۋىدا قورال) ، (بايلار ۋە يوقسۇللار)، (قۇياش يەنە كۆتۈرلىدۇ)، (ئافرىقا تاغلىرى)،( سەرگەردانلار زىياپىتى) فىرانسىيدە ئولتۇراقلاشقان دۋەرىدىكى كۈندىلىك خاتىرە، ئەسلىملەر توپلىمى، (كېلىمىانجورۇ تېغىدىكى قار) ھېكايىلەر توپلىمى، (دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانغا كېرىش) قاتارلىق ئەسەرلىدىن كېيىن يازغان ئەڭ مەشھۇر رومانىدۇر. ھەم ھېمىڭۋاي ئىجادىيىنتىڭ چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلايدىغان ئەسەردۇر.
بۇفىلىم دەتەسۋىر لەنگەن بۇۋاي بەك قەيسەر،ئىرادە لىك ئىكەن،مەن تۇلىمۇياقتۇرۇپ كۇردۇم،
بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ،
ئەسلىدە مەن بۇرۇن بىرەر خەتلىك فىلىمنى كۇرسەم ،ئاستىدىكى [شاھ ئۇيغۇر گۇرپىسى]دىگەن خەتنى كۇرەتتىم
ئەسلىدە شۇلارنىمۇ سىلەر تەرجىمەقىپتىكەنسىلەردە
ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن،
بەك ياخشىكەن.ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.
سەۋرىچان بولغاندىلا نەتىجە ئۆزلۈگىدىن كېلىدۇ !!ئالدىنقى شەرتى، ئۈزگە ئىشەنگەندىلا …
ھەقىقەتەن قالتىس ئەمگەك ئىكەن .
14:54
رەسىمنى بەك پەيزى كىرشتۈرگەندەك قىلىدىغۇ؟
بۇ باھاغا پىكرىم بار