ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار تۈركىيە ئىشلىگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ناملىق بەدىئى ھۆججەتلىك فىلىمنى تېخى نۇرغۇن دوستلار كۆرمىگەن بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھايات پائالىيىتى ھەم ئۇنىڭ شاھانە ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا قىسقىچە ھەم تەپسىلى سۆزلەنگەن ، فىلىمنىڭ ئەسلى تىلى تۈركچە بولۇپ تۈركچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىنغان، تورداش ئېۋېرغول كەڭ ئۇيغۇر دوستلارنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىشى ئۈچۈن بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقىپتۇ، تورداشنىڭ ماقۇللىقى بىلەن بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈش ئادىرىسىنى بىلوگومدا كەڭ دوستلارغا تەمىن ئەتتىم، ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتلىق كىشىنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى بىر كۆرۈپ ئۆتىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن
تەرجىمە قىلغۇچى ۋە كىرىشتۈرگۈچى : ئېۋېرغول
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەزكۇر فىلىمنى بۇرۇن ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،بۈگۈن شاھ بىلوگىدا كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ۋە دوسلۇرۇمغا،ئەتراپىمدىكى بارلىق كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى بولدۇم.بىراق مىڭ ئەپسۇس!نىمىشقىكىن بىلمىدىم،ئازراق چىقىپلا ئاخىرى يوق دەپ چىقمىدى.يا مىنىڭ تور سۈرئىتىمدىكى ئىشمۇ؟ئۇنداقمىكىن دىسەم باشقىلىرى نورمال.نىمە ئىشتۇ بۇ؟
بەلكىم تور سۈرئىتىنىڭ مەسلىسى ئوخشايدۇ، مەنمۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزۈم قايتا كۆرۈپ چىقتىم ھەم باشقىلارغا يوللاپ بېرىپ كۆرسىتىپ باقتىم، نورمال ئىكەن
مەن سەل ئالدىراپ گەپ قىپ قويۇپتىمەن،ئەسلى ھەممىسى ياخشىكەن ئوڭشىۋالدىم ھەم كۆرۈۋالدىم،رەھمەت سىلەرگە!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىكى فىلىمىنى..بەك چۈشۈنۈپ كېتالمىدىم…ئەپسۇس ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن ئەسلى؟
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،شاھ ئۇيغۇر بىلگىدىكى قىرىنداشلار،بىزنىڭ ئەنئەنۋىي بايرىمىمىز يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ،مۇبارەك بولسۇن.تۆۋەندىكىسى دىيارىم تورىنىڭ 2009-يىللىق نەۋرۇز مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن پائالىيەتنىڭ ئادىرسى ،شۈنداق ياخشى تۇيۇلدى،خالىساڭلار بۇ بەتكىمۇ ئۇلىنىش قىلساڭلار ،تىخمۇ جىق قىرىنداشلىرىمىز كۆرۈپ ھۇزۇرلانسا،ھەمدە تور بىتىڭلارنىڭ مەزمۇنىنى بىيىتسە دىگەن ئۈمىددىمەن.ئاخىردا دىمەكچىمەنكى ماڭا مىكروبىلوگىڭلاردىن (پىكىرخا)ڭلاردىن بىر كىشىلىك ئورۇن بەرسەڭلار،بولامۇ؟
http://www.tudou.com/programs/view/tm4Ps9USes8/
بۇ فىلىمنى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى كۆرۇپ قويسا بولغۇدەك. بوۋىمىز يۇسۇپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلىپتۇ…
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلسە تۇلىمۇ ياخشى بۇلاركەن.
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلسە تۇلىمۇ ياخشى بۇلاركەن ھەربىر ئويغۇر بىر قىتىم كۈرۈپ قويسا بولغۇدەك! ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن!
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم!…قېرىنداشلىرىم…سىز ۋە بىز قانچىلىك ئالىملىرىمىزنى بىلىمىز؟..قاراڭلار،،شۇ تۈرۈك سېستمسدىكى خەلىقلەرنىڭ بىزنىڭ ئىچىمزدىن چىققان ئالىملارنى مەدىھىيلەپ، ياد ئېتىپ ،مۇشۇنداق نادىر فىلىملەرنى ئىشلەپتۇ؟..
بىز ئەمدى نىمە قىلىشىمز كىرەك؟…..
شاھ ئۇيغۇر دوستۇم ..ئەجىر قىلغان قولىڭىزغا ئاللاھ دەرت بەرمىسۇن!…
دوستۇم سىز بىلەن سىرداشقۇم بار ..خالىسىڭىز مىنىڭ چ چ نۇمرۇمنى قېتىۋېلىڭ؟..
643810101..
چىقىمىدىغۇ؟كۆرەي دىگەن ئىدىم.
مەنمۇ كۆرەي دىگەن ، ئۆرۈلدى دەپ چىقماي قويدى… تەھرىرلەپ قويساڭلا بولغىدەك!!!
ئاشۇ بۈيۈك زاتلىرىمىز بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ئالەمچە دىداكتىك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ بىزدىن پەقەتلا دىگەنلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى ،لىكىن بىز ئۇلار ئۈچۈن نىمە قىلىپ بېرەلىدۇق ؟ئەجەبا ئۇلارئەينى ۋاقىتتا بىزدىن ئۆز مەقبەرىسىنى پات -پات رىمۇنىت قىلىپ تۇرۇش ،ھەيكىلىنى يوغان قىلىپ قاتۇرۇپ قويۇپ ئۆزىمىزچە پەخىرلىنىپ يۈرۈشلىرىمىزنىمۇ!؟ بۇسۈرەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ،ھەقىقەتەن بارغانسېرى ئۇلارغا يۈز كىلەلمىگىلى تۇرغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم.
03:42
بۇ تەرجىمە ناھايىتى ياخشى بوپتۇ؟ ھەربىر ئويغۇر بىر قىتىم كۈرۈپ قويسا بولغۇدەك! ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن!
بۇ باھاغا پىكرىم بار