بەلكىم بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان مايكېل جېكسوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۈججەتلىك فىلىمى THIS IS IT نى كۆرگەن دوستلار ئۇنىڭ فىلىم ئاخىرىدا ئېيتقان يەرشارى ناخشىسى ناملىق بىر ناخشىنى ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن، مايكېل ئۆزىنىڭمۇ بۇ فىلىمدە مۇنداق بىر سۆزى بار، « بىزنىڭ يەرشارى ئاغىرىپ قالدى، خۇددى بىز قىززىپ قالغاندەك، شۇڭلاشقا بىز دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بارمىساق ئۈلگۈرەلمەيمىز، بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمىز» شۇنداق، يەرشارى راستتىنلا ئاغىرىپ قالدى، ئىنسانلارنىڭ توختىماستىن بىلىپ بىلمەي ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ھېلىمۇ يەرشارىنى ئېغىر ھالسىرىتىپ قويدى، يېقىندىن بېرى توختىماستىن يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل تەبىئەت ئاپەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر، چوڭ يەردىن سۆزلىمىسەكمۇ ئەتراپىمىزغا نەزەر تاشلىساق ئۈرۈمچى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كۆرگەن كۆپكۈك ئاسمانلارنى ھازىر كۆرگىلى بولمايدۇ، يىراقتىن ئۈرۈمچىگە نەزەر سالساق كۆرىدىغىنىمىز يوغان قاپقارا ئىس خۇددى ئۈرۈمچىنى ئوراپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنىدۇ، قىسقىلا قىلىپ ئېيتسام قىسقىغىنە نەچچە يىلدا ئۈرۈمچى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم، لېكىن بۇ يەرشارى بىزگىلا ئەمەس كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ كېرەك ئىدى….
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
مەن بۇرۇندىن تارتىپ ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم. جىق جاپا چىكىپسىلەر!رەخمەت سىلەرگە. بىراق ئاۋازى پەسرەك پىرىسلىنىپ قالدىمۇ نىمە؟كەچۈرۈڭلا!!! جاپا تارتىپ قىلغان ئەمگىكىڭلارنى (دۆت بالا)چۇشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ.ئۆتكۇزۇپ قويغان بىر نەرسىسى باردىكىدەك ( پاشا غىڭشىغاندەك چىقىپ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، )دەپ كېتشلىرى. ئسمى جىسمىغا لايىقتەك تۇرامدۇ مەن ھازېر(shahblog)قا ئاشق دېسەممۇ بولىدۇ.مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولۇپمۇ (ماھىر زەيىن،سەمى يۈسۈف)لەرنىڭ ناخشىسىنىڭ مەناسنى بىلدىمدە…
يەنە بىر قېتىم رەھمەت!!!!!!!
ئەسلى ناخشىنىڭ ئاۋازىمۇ بىر ئاز تۆۋەن ئىكەن، قايتا باشقا نۇسخىسىنى تەھرىرلەپ قويدۇم، دوست يىغلىتىپ دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتار دەيدۇ، «دۆت بالا»نىڭ سۆزلىرى ئوخشاشلا بىزگە ئىلھامدۇر
ئاۋاز راستىنلا تۆۋەن بۇلۇپ قاپتۇ.
شاھ ئەپەندى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولسا تەكشۈرمەيلا يوللىۋەتكەن ئوخشايدۇ.. راست تۆۋەنكەن ئاۋازى
رەھمەتلىكنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىسام خۇددى ئېنگىلىز تىلىنى سويۋېتىدىغاندەك چۈشىنەتتىم . ئارلىقتا قانداقكىن بىر ئورتاق تىل باردەك . بۈگۈن ھەقىقى تەرجىمىسى بىلەن بۇ ئامراق ناخشامنى قانغۇچە ئاڭلىۋالدىم . شاھېمغا رەھمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئەپەندىم ،مۇشۇ كۈنلەردە تۇلىمۇ مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىۋاتىلا ،ئەمگەكلىرگە كۆپ تەشەككۇر ،،،،،،
شۇ بىر ئىلتىماس ؛تۈركىيە بىلەن ئامرىكا بىرلىشىپ ئىشلىگەن بىر كىنو بار ئىكەن ، مەزمۇنى خېلى ياخشىكەنتۇق ،لىكىن تازا چۈشىنەلمىدۇق ،شۇنى بىرئۇيغۇرچە خەتلىك قىلغىلى بۇلارمۇ ؟كىنونىڭ ئىسمى 纽约五尖塔.
بۇ كىنونى قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ بولدى.
ئەمگەك تەكرارلىنىپ قالمىسۇن، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى كىنولارغا مۇھتاجمىز!
ئىلگىرى ئنگلىزچە نۇسخىسىنى ئاڭلىغانىدىم ،بۇگۇن ئۇيغۇرچىسىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھۇزۇرلاندىم.تەشەككۇر سىلەرگە!ئشلىرىڭلار تېخىمۇ گۇل بولسۇن!
جىكسۇن ناخشىنى بىر كىشلىك ئىيتىدۇ جۇمۇ . كىچىگىمدىن تارتىپ بەك ھەۋەس قىلاەتتىم رەھمەتلىككە . بولۇپبۇ يەرشارى ناخشىسى بىلەن ئۇلارنىڭ بىز بىلەن نىمىشقا كارى يوق ؟
دىگەن ناخشىسىغا بەك ئامراق .
ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ناخشىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ يۈرگەن ئىدىم ، ئاخىرى تەرجىمە قىلىنىپتۇ (ئىلگىرى قىلىغان بولسا مەن كۆرمەپتىكەنمەن )
شاھ بىلوگىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر ……
نىمە دىگەن جايىغا چۈشكەن تەرجىمە بۇ،يارايسىز شاھ ئۇيغۇر،بىلوگىڭىزغا كىچىك كەلگەنلىكىمدىن ۋە تېمىلارنى كىچىكىپ كۆرگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن.
قالتىس تەرجىمە بوپتۇ
مەن بەك ياخشى كورەتىم بۇ ناخشىنى كوپ رەخمەت سىلەرگە
قالتىس …………………………………..
يوللىغان ئەسەرلىرىڭىز تولىمۇ ياخشىكەن، بۇندىن كېيىن يەنىمۇ ياخشى بولغان ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ياخشى ئەسەر بوپتۇ، رەخمەت سىزگە!
بۇەۇن تەرجىمىسى بىلەن ئاڭلاپ ،مەنىسىنى چۇشۇنۇپتىمەن .رەھمەت
مەن بۇ فىلىمنى تۇنجى قىتىم كور كۇنۇمدە ئۆزۇمنى بىسىۋالالماي كۆزلۇرۇمدىن ياش تۆكۇلگەن ئىدى ،ئۇچاغدا مەن ناخشا تىكىستىنى ئەسلا بىلمەيتىم پەقەت مۇزىكا ۋە سورەت ئارقىلىق ناخشا تىكىستىنى ئازىراق چۇشەنگەندەك بولغان ،بوگۇن مانا ھەقىقى مەنىسىنى چۇشەندىم ،سىزگە كۆپ رەخمەت
جىكسوننىڭ ناخشىلىرىنى كۆپ رەك تەرجىمە قىلساڭلار بوبتىكەن
بولسا «ئايدا سەيلە قىلش»ناملىق فىلىمىنى تەرجىمە قىلغان بولساڭلا
تەلەپلىرىم ئېشىپ كەتمىگەن دۇ-ھە!
رەخمەت سىلەرگە.
ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە بوبتۇ.بارىكاللا .بىز گەرچە چۈشەنسەكمۇ يەنىلا سىلەرنىڭ تەرجىمەڭلارغا مۇھتاج.سىلەرنىڭ تەرجىمەڭلا ئىنتايىن ياخشى ھەم پاساھەتلىك ھەم جايىدا بوبتۇ .مەن سىلەرنىڭ جىكسوننىڭ ناخشىلىرىنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن .رەخمەت سىلەرگە.
02:01
نىمىشقا بۇ توربەتتىن بىر نەرسە كۆرسەملا ئاۋاز جايىدا چىقمايدۇ، كومپيۇتېرنىڭ پۈتۈن ئاۋازىنى ئېچىۋەتسەممۇ، پاشا غىڭشىغاندەك چىقىپ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، باشقا ناخشا مۇزىكا ، توربىكەتلەر نورمال
بۇ باھاغا پىكرىم بار