Viewing Category » كىنو

ھىتلېرنىڭ باش كۆتۈرۈشى

Post Thumbnail of ھىتلېرنىڭ باش كۆتۈرۈشى
 فىلىملەر,كىنو 6 دېكابىر 2010

مەزكۈر فىلىمدە دۇنيادىكى يەنە بىر مەشھۇر شەخىس يەنى ئىنسانىيەتنىڭ قاتىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشنىڭ باش جىنايەتچىسى ئاتالغان ئادولوف ھېتلىرنىڭ قانداق باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى ھەم تەختكە ئولتۇرغانلىقى. پۈتۈن گېرمانىيەگە باش بولۇش ئۈچۈن شۇنداقلا ئارمىيە ھوقۇق سىياسى ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپتىكى كىشىلەردىن قانداق پايدىلىنىپ ئۆز ئارزۇسىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنى قانداق يوقاتقانلىقىدەك بىر قاتار ۋەقەلىك بايان قىلىنغان نادىر فىلىم بولۇپ كەڭ دوستلارنىڭ بىر كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ، مەزكۈر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى بىلىك ئىنتىل گۇرۇپپىسى ئىشلىگەن بولۇپ فىلىم تەرجىمىسىمۇناھايىتى ياخشى چىققان ، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن

مېنىڭ ئىسمىم خان

Post Thumbnail of مېنىڭ ئىسمىم خان
 فىلىملەر,كىنو 6 دېكابىر 2010

رىزۋانخان (رولدا : شاھرۇھخان) ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئادەتتىكى بىر ھىندىستانلىق مۇسۇلمان بولۇپ، 11-سىنتەبىر ۋەقەسى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئۇنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى، باشقىلارنىڭ يەكلىشى، بالىسىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى، ھىندى دىن مۇرتىدىن بولغان ئايالىنىڭ (رولدا : كاجول) ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىشى ئۇنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىڭ شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تېرورچى ئەمەسلىكىنى ئېيتىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى. فىلىمدىكى ئاساسلىق دىئالوگ : دۇنيادا پەقەت ئىككى خىللا ئادەم بار، يەنى ياخشى ئادەم ۋە ئەسكى ئادەم.
مەزكۈر فىلىم شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىىلپ تەرجىمە قىلىنىپ ئىشلەندى، كەڭ دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى

ئۆزبېكىستان ھېكايە فىلىمى : SUPER كېلىنچەك

Post Thumbnail of ئۆزبېكىستان ھېكايە فىلىمى : SUPER كېلىنچەك
 فىلىملەر,كىنو 5 دېكابىر 2010

فىلىمدە باش پىرسۇناژ سەردار بىر روس قىزىنى دوستلىرى بىلەن دو تىكىشىپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولىدۇ شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ، بۇنى بىلگەن سەردارنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قەتئىيلا قارشى تۇرىدۇ، سەردار ئاپىسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي بۇ روس قىزى بىلەن ئۆيلىنىدۇ، ئەمما بۇ روس قىزىنىڭ ئىشچانلىقى ئۆزبېك ئەدەپ ئاخلاقىنى ئۆگىنىپ ئۆزبېك كېلىنلىرىدەك ئۆي ئىشلىرىنى جان جەھلى بىلەن قىلىشى سەردارنىڭ بۇ يالغاندىن باشلانغان مۇھەببەت ئۇيۇنىنىڭ راستقا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ قىز سەردارنىڭ ئاپىسىنى تەسىرلەندۈرەلەمدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز فىلىمدە بولسۇن

ھىندىستاندىن جۇڭگوغا سەپەر

Post Thumbnail of ھىندىستاندىن جۇڭگوغا سەپەر
 فىلىملەر,كىنو 5 دېكابىر 2010

فىلىمدە باش قەھرىمان سىدھۇنىڭ باي بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كېلىپ ئويلىمىغان يەردىن شۇنداقلا ئۆزىمۇ بىلمەي بۇ يەردىكى يەرلىك كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى ھەم رەزىل خۇجايىنى خوجۇنى يوقىتالايدىغان قەھرىمان بولۇپ قالغانلىقى ھەم شۇ جەرياندىكى نۇرغۇن قىززىقارلىق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، قېنى سىدھۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنى شۇ رەزىل خۇجايىنىنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلدۇرالامدۇ يوق؟ قىززىقسىڭىز نەزىرىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن

ھىندىستان ھېكايە فىلىمى <نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىلىيونىر >

Post Thumbnail of ھىندىستان ھېكايە فىلىمى <نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىلىيونىر >
 فىلىملەر,كىنو 5 دېكابىر 2010

نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىلىيونىر (Slumdog Millionaire) ناملىق بۇ فىلىم 2009-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى باھالاش مۇراسىمىدا <ئەڭ ياخشى سىنارىيە مۇكاپاتى>، <ئەڭ ياخشى سۈرەت مۇكاپاتى>، <ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى> قاتارلىق ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ فىلىمدە نامراتلار رايونىدىن چىققان بىر ياش شۇ جايدىكى مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان زېھىن سىناش ئويۇنىغا قاتنىشىپ مىليون رۇپىيە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمىگە تايىنىپ بارلىق سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ مىليونىرغا ئايلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : خىيال

ھېكايە فىلىم موڭغۇل

Post Thumbnail of ھېكايە فىلىم موڭغۇل
 فىلىملەر,كىنو 5 دېكابىر 2010

بەلكىم تورداشلار دۆلىتىمىز ئىشلىگەن چىڭگىزخان فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمدى كۆرىدىغىنىڭلار مۇڭغۇللار ئۆزلىرى بىر نەچچە دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم «موڭغۇل» مەزكۈر فىلىمدە چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇنىڭ تاكى چوڭ بولغىچە بولغان بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەمدىن ھەقىقى بىر ئاتامان بولغىچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلەر ئىنتايىن جانلىق ۋە ھەقىقى تەسۋېرلەنگەن

 سىز 3-بەتتە، جەمئىي 3 بەت « 1  2  3 
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.