بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى يەنە بىر نادىر فىلىم بولۇپ فىلىمدە مەكتەپ، ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، يەنى ئاتا-ئانىنىڭ پەقەت ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ بالىنىڭ ئارزۇسىغا سەل قاراش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسىنى دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا، ئالاھىدىلىكىگە سەل قاراش شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشتىن قورقۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى چىن ۋە يۇمۇرىستىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، مەزكۈر فىلىمنى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىغا ئۇلاشقان بىر ئاتىنىڭ مۇسۇلمانلىق پەرىزىنى تۇلۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىش يولىدىكى ئىش پائالىيەتلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ياردىمىدە ماشىنا بىلەن ياۋرۇپادىن كېسىپ ئۆتۈپ بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەككىگە بارماقچى بولىدۇ، سەپەر جەريانىدا ئاتا-بالا ئىككىسى نۇرغۇنلىغان ئىشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، قېنى ئۇنداقتا بۇ ئاتا مەككىگە ماشىنا بىلەن بارالامدۇ يوق؟ تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرگەيسىزلەر
فىلىم تىلى : فرانسوس تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىم 1992-يىللىرىدىكى كوردلار بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا ئاساسلىق ۋەتەن سۆيگۈسى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە تۇلۇق چۈشىنىپ كېتىش ناتايىن، چۈنكى فىلىمدە كۆپىنچە سۈرەتكە ئېلىنغىنى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كوردلار بىلەن جەڭ قىلىشقان ئەھۋاللىرى بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان خاتىرىلىرى، بەلكىم رېژىسسورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلب بارلىقىنى تەسۋېرلىمەكچى بولغان بولىشى مۇمكىن، قېنى قالغىنىنى كىنوخۇمارلار ئۆزلىرى كۆرۈپ بىر نېمە دېسۇن
فىلىم تىلى : تۈركچە
خېتى : ئۇيغۈرچە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
راس يالغان بېنلادىن ناملىق فىلىم ھىندىستان كىنو رېژىسسورى ئابىشېك شامانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ناخشا چولپىنى ئەلى زەپپەر تۇنجى رول ئالغان فىلىم، مەزكۈر فىلىم ئاچچىق كومىدىيەگە تولغان بولۇپ پاكىستانلىق مۇخبىر ئەلى ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ئەمما ھەر دائىم رەت قىلىنىپ كەلگەنىدى، بۇ چاغدا ئۇ بىر ئوساما بېنلادىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەمنى بايقاپ قالىدۇ، ھەم ئۇ ئارقىلىق يالغان بېنلادىننىڭ سىنئالغۇسىنى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئامېرىكىغا بارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشى بىر تالاي ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا ئەلى ئامېرىكىغا بارالامدۇ يوق؟ نەزىرىڭىز شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئەلۋىن، سايمىن ۋە سىدۋۇر ئورمانلىقتىكى بىر كىچىك قارىغاي دەرىخىدە ياشاۋاتقان ئالاھىدە تىيىنچاقلاردىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار خۇددى ئىنسانلاردەكلا گەپ قىلالايدۇ ھەم ناخشا ئېيتالايدۇ، بىر كۈنى روژدېستىۋۇ بايرىمىغا يېقىن ئۇلار تۇيۇقسىز دەۋى ئىسىملىك بىر تۇنۇلمىغان مۇزىكانت بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، دەۋى ئۇلارنىڭ گەپ قىلالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئۆزى يازغان ناخشىنى ئېيتقۇزىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىر قانچە تىيىنچاقلار بىردىنلا تۇنۇلۇپ چولپانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇندىن كېيىنكى يوللار ئۇلار ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماي قالىدۇ، خوش ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانداق ئىشلارغا يولۇقىدۇ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
فىلىمدە بىر تۈركىيەلىك ئايال مۇھەببەتسىز توي ۋە ئائىلە زۇراۋانلىقى تۈپەيلى بالىسىنى ئېلىپ بىرلىكتە گېرمانىيەگە يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىۋالىدۇ، ئەمما ئۇ پەقەت توي قىلىپ بولغان ئايال بولغانلىقى تۈپەيلىلا مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، ئۆزىنىڭ باشقىلار نەزىرىدە يات بىر كىشى ھىسابلىنىدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان تۇرمۇشنى تاپماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، فىلىمدە يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم مىللەتلەردە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار دېگەن ئىدىيە ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ مەزكۈر فىلىم بېرلىن خەلقئارالىق كىنو فىستوۋالىدا ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بىر توپ ئادەتتكى ئادەملەر ئىنسان تەبىئىتى تەجرىبىسىگە قاتناشتۇرىلىدۇ، تەجرىبە ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم ئايرىم رول تەقسىم قىلىدۇ، مەقسىتى ھەرخىل ھوقۇق ۋە ئىمتىياز شۇنداقلا شارائىتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلىش بولۇپ، فىلىمدە بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىكى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىشچانلىق خاراكتىرى ئۇچۇق تەسۋېرلەپ بېرىلگەن، فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تورداش تېكەسنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، قېنى نەزىرىڭلار فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : تېكەس
ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارزۇ ئارمىنى بولىدۇ، شۇ ئارزۇ ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز، بەزىلەر بۇ خىل جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ، بەزىلەر مەيلى قانچىلىك جاپا مۇشەققەتكە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ، ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ مېگنامۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئويلىمىغان قۇربانلارنى بېرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولالامدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «مودا» دا بولسۇن.
ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : مودا
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم قىسمەن كىتاپخۇمار دوستلار بۇنىڭ كىتاپنى ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىم دەل شۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ چۈرەۋور جىيەنى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاندىيەگە بېرىپ خەننانىڭ ياردىمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ يەر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاپماقچى بولىدۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نامەلۇم بىر غارغا كىرىپ قىلىپ چىقىش يولىنى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يەنى ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىغا كىرىپ قالىدۇ، ئۇلار بۇ يەردىمۇ ئايرىم دۇنيا بارلىقىنى ھەم كىتاپتا يېزىلغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار يەر يۈزىگە چىقىپ كېتەلەمدۇ؟ دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن
فىلىم نامى : يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە ناملىق بۇ فىلىم فىرانسىيەلىك يازغۇچى فرېيدون ساھېبجامنىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ، فىلىم ۋەقەلىكى ھەقىقى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاساس قىلغان ، فىلىمدىكى باش قەھرىمان سۈرەييەمۇ ھەقىقى ئۆتكەن شەخىس بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا يەنى 1986-يىلى ئېرى 14 ياشلىق بىر قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ھېچ ئاساسسىز پاھىشە دېگەن بەتنامنى چاپلاپ ئۆز يېزىسىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئۇنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ تۆھمەت قۇربانى قېلىۋېتىدۇ، رېژىسسور بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئاياللار ھوقۇقى مەسلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ سۈرەييەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ئاخىرى بۇ فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىققان فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن تورۇنتو كىنو فىستوۋالىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ باھالانغان، ھەم دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئاياللار كىشىلىك ھوقۇقى مەسلىسىگە بولغان دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان،فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى گۇرۇپپىمىزدىكى ئەركان ئىشلەپ چىقتى، دىققىتىڭلار فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەھرىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى : ش ئە ئۇيغۇرى
مەزكۈر فىلىم ئەينى ۋاقىتتىكى چاۋشيەن كورىيە ئۇرۇشى ئارقا مەزمۇن قىلىنغان فىلىم بولۇپ فىلىمدە ئەينى ۋاقىتتكى چاۋشيەننىڭ پۈتكۈل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي يۈرۈش قىلىۋاتقاندا ئۇرۇش ئەسكىرى كۈچىدە زور يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچى بالىلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىپ ئۆز ۋەتىنىنى مۇستەملىكىدىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان كورىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى بولغان پۇئاڭرۇنى ساقلاپ قېلىش جەريانىدىكى ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، فىلىم مەزمۇنىغا قىززىقسىڭىز قېنى مەرھەمەت
فىلىم تۈرى : ئۇرۇش فىلىمى، تارىخ فىلىمى
تىلى : كورىيە تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
كائىنات تورى يادرو قۇرالىغا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، بىر قىسىم ھايات قالغانلار جون كاننانىڭ باشچىلىقىدا ماشىنا ئادەملەر بىلەن ھايات ماماتلىق جەڭگە ئاتلىنىپ كائىنات تورىنىڭ ئىنسانلارنى يوقىتىۋېتىش پىلانىنى بەربات قىلماقچى بولىدۇ، ئەمما تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ماركىس جون كاننانىڭ پىلانىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇنداقتا ماركىس زادى كىم؟ جون كاننا بۇ قېتىم كائىنات تورىنى ئۈزۈل كىسىل ۋەيران قىلىۋېتەلەمدۇ؟ فىلىم مەزمۇنىغا قىززىقساڭلار دىققىتىڭىز شاھ ئۇيغۇر بلوگى تەرجىمە قىلغان مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
بۇ فىلىم كارىپ دېڭىز قاراقچىلىرى 2 فىلىمىنىڭ ئاخىرى بولۇپ فىلىمدە ۋېل قاتارلىقلار ئۆلدى دەپ قارىغان جېك سىپارونىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كاپىتان بابوسانىڭ يىتەكچىلىكىدە ئالۋاستى ئارىلىغا بېرىپ جېكنى قۇتۇلدۇرماقچى بولىدۇ، كېنەز بېكىتمۇ پۈتكۈل دېڭىزنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىش ئۈچۈن دەۋى جۇنىستىن پايدىلىنىپ بارلىق دېڭىز قاراقچىلىرىنى قولىغا چۈشۈرمەكچى بولىدۇ، كېنەز بېكىت ئۆز مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ يوق؟ ۋېل تېنا ئۆز دادىسىنى دەۋى جۇنسنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدىرالامدۇ يوق؟ جېك سىپارومۇ پەرۋاز قىلىۋاتقان گوللاندىيە كېمسىنىڭ كاپىتانى بولالامدۇ يوق؟ بۇ بىر قاتار چىگىشكە تولغان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز بۇ فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى، مىرسالىجان سەيدىن(تۇران)
فىلىمدە جېك سىپارو باشچىلىقىدىكى كېمە ئەترىتى ئۆزىنىڭ دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن دەۋى جۇنسنىڭ ساندۇققا سۇلاپ قويغان يۈرىكىنى تېپىپ ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق دەۋى جۇنسنىڭ ئورنىنى ۋە ئالۋاستى كېمىسىنى ئىگەللىمەكچى بولىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا بۇ ئورۇننى ئىگەللىمەكچى بولغانلار پەقەت جېك سىپارولا ئەمەس ئىدى، ئۇنداقتا جېك سىپارو ئۆزىنىڭ پىلانى بۇيىچە بۇ ساندۇققا يۇشۇرۇپ قويغان يۈرەكنى تاپالامدۇ يوق؟، قېنى تورداشلار بۇ فىلىمگە قىززىققانلار بولسا دىققىتىڭىز تەرجىمە خەتلىك فىلىم كارىپ دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى lucky
رايزو كىچىكىدىنلا ئوزۇنۇ ئىسىملىك بىر غەيرى تەشكىلات تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان بولۇپ بۇ تەشكىلات تەرىپىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق مەشىق قىلدۇرىلىدۇ، كېيىن ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىنىڭ مۇشۇ تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىشى بىلەن ئەسلىدە بۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلاتتىن زېرىككەن رايزو بۇ تەشكىلاتتىن قېچىپ چىقىپ ئاخىرىدا پۇرسەت كۈتۈپ دوستى ئۆچۈن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ، فىلىم مەزمۇنى ئەگرى توقايلىققا تولغان بولۇپ كېچەلەر بىلوگىدىن جەمشىت ئەپەندىم بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ كەڭ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگە تەغدىم ئەتتى، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
فىلىم ئىسمى : قاتىل نىنجا Ninja Assassin
فىلىم رېژىسسورى : James McTeigue
تەرجىمە قىلغۇچى : جەمشىت