قېنى سۆزلە

Post image of قېنى سۆزلە
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 23

قېنى سۆزلە

تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يېقىندا ھەتتا كومپيۇتېرنى ئېچىشقىمۇ ۋاقىت چىقمايدىغان بولۇپ قالدى دېسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي كۆچكەندىن بېرى بۇ يېڭى ئۆيدىكى تور سۈرئىتىنىڭ قۇلۇلىدىنمۇ ئاستىلىقى مېنى تور دۇنياسىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرغىلى تۇردى، نەچچە كۈندىن بېرى تور بەتنى داۋاملىق ماڭدۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ئەمدى ئارام ئېلىش كېرەكمۇ دېگەن خىياللارمۇ كاللامدا پېرقىراپلا يۈرمەكتە، خوش، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي، ئاران بىر تورغا چىققاندا قۇرۇق كەلمەي تۆۋەندىكى ناخشىنى بولسىمۇ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغاچ تۇراي

تەرجىمە قىلغۇچى : نالەن

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن يۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

2013.05.8 يوللىغۇچى: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ: ، ،

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

23 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2013.05.8
20:37
1-قەۋەت: «بەرنا» دەيدۇلەركى :

بۇلدكەن :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نەۋقىران مۇنداق يازغان:

نەرى يارىدى ئادىش ماڭا بەك لاۋزا تۇيۇلدى ئادەمنى ئۇنچىۋالا يۇكسەكلەرگە كۆتۈرمەيلى ئاللاھ ئەڭ بۈيۈك پەيغەمبىرىمىز بۈيۈك

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.9
10:16
2-قەۋەت: «سۈبھى» دەيدۇلەركى :

بۇ تور بكەتنىنڭ توختاپ قىلىشىنى پەقەت ۋە پەقەت خالىمايمەن!~ كەڭ كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن بولسىمۇ ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ!~

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نەۋقىران مۇنداق يازغان:

ئاللاھ ئاسانلىق بىرە ئاداش

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.9
12:27
3-قەۋەت: «مەلەك» دەيدۇلەركى :

مەزكۇر بلوگ بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئىزچىل ھالەتتە توختاپ قالماي 3-4 كۈندە بىر يېڭىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىسىز. ئىنشائاللاھ توختاپ قالماس، ئالدىراش بولۇپ قالسىڭىزمۇ ، بلوگ ئىشتىراكچىلىرى ۋە ئارقىڭىزدىكى كىچىك ئەسكەرلەر بىلەن بىرگە ماڭدۇرۇپ تۇرىمىز ھې ھې

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.9
12:30
4-قەۋەت: «مەلەك» دەيدۇلەركى :

ئىبراھىم تاتلى سەس ۋە بارىش مانچولار بىز بىلەن ئۇچراشقان تۇنجى ئەۋلات تۈرك ناخشىچىلار بولسا كېرەك ، كىچىككىنە ۋاقىتلىرىمدىمۇ ئۆيىمىزدە پىلاستىنكىسى بار ئىدى.

ھېلىقى بىر قېتىملىق ۋەقەدە ئوق تېگىپ يارىلانغاندىن كېيىن يېڭى ناخشىمۇ ئېيتمىدىغۇ دەيمەن؟!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نەۋقىران مۇنداق يازغان:

مەن تىخى سىزنى ئانچە ناخشا بىلەن خوشى يوق بىلىم خۇمار بالا دەپ قارايتىم ئادىش

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ئىبراھىم تاتلى سەسنى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيەلىك كۇرد ناخشىچىسى دەپ ئاڭلىغانىدىم

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نەۋقىران مۇنداق يازغان:

ھەي توۋا ئاجايىپ ھە بۇ ئاداشمۇ بۇزۇلۇپتىدە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.9
12:36
5-قەۋەت: «نەۋقىران» دەيدۇلەركى :

مۇشۇ ئاداش قاچانمۇ ناخشا ئۈگەنگەن بولغىتى مەن ئەڭ ياختۇرمايمەن نىمىشقىكىنتاڭ مۇھەببەت ئىنساننى يۈكسەك بىلگەن ئاتا ئانىدىن باشقىسى كۈيلەنگەن ناخشىلار تايىنى يوق ناخشا مەنچە سەمىي يۈسۈف ماھىر زاھىننىڭ ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز كۈيلەنگەن ناخشىلىرى بىر قەدەر بولىدۇ شەخسى پىكىر قوشۇلىدىغانلار قول كۆتۈرۈپ ئىتىراز بىلدۈرىدىغانلار پىكىر بايان قىلسۇن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۋرك مۇنداق يازغان:

بۇ ئۆزىڭىزنى شەخسى پىكرى خالاس، ھېچقانداق ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئاللاھتىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كۈيلىيەلمەيدۇ ۋە ئۇنداق ھەققىمۇ يوق، پەقەت ئاللاھتائاللا يوق قويغان دائىرىدە ئۆزى ياخشى قويغان ئادەمنى كۈيلەيدۇ مەدھىيەلەيدۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق يامىنى يوق

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نەۋقىران مۇنداق يازغان:

ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ شەخسى پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلغىنىڭىزغا تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نەۋقىران مۇنداق يازغان:

پىكىرلىشىپ تۇرىلى دوستلار


مەلەك مۇنداق يازغان:

بۈگۈن سىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ھاۋاسى بەك ئىسسىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟

ھېچكىم ئاللاھتىن ئۆزگىنى مەبۇد قىلىپ تاغۇت ئورنىدا تىكلىۋالمىدى تېخى.
مەزكۇر بلوگ تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە ھەمدەم بولۇشنى ئاساس قىلغان، ناخشىلارنى بەك ئوپىراتسىيە قىلىپ كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز، مەزكۇر بلوگ ھەم كەلسە كەلمەس نايناق سۇيناق ، دىنىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان ۋە ياكى قىلقسىز فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ۋاقت سەرپ قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.
بۇ بلوگ بەزىبىر قىسىم يېڭى تەرجىمان بالىلارغا مەدەت بېرىش مەقسىتىدە ئىزچىل تۈردە ئۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ھەم قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بىركىم سىزنى زورلاپ تىڭشاتمىغاندىكىن ، ئاڭلىمىسىڭىز ئاستاغىنە چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ،سوغۇق سۇ سەپمەي، بۇ مۇنبەر ئەمەس ھەربىر ئىنكاسقا ھەشقاللا رەھمەت،ھەئە ،ياق دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان …
بۇ بلوگ ھېچقانداق ئىقتىسادى كىرىم ھاسىل قىلمايدۇ، ھەممىسى خالىس ئەمگەكلەر ئارقىسىدا تورداشلارغا تىللا تۆلە ،تەڭگە تۆلە،ئەزا بولە،پۇل قاچىلىيە دىمەي تەمىنلىنىۋاتقان نەرسىلەر بۇمۇ يارىمايۋاتقان بولسا، خەتلىك فىلىم كۆرىمەن دېمەي كومپىيوتىرىڭىزدا قارت ئويناڭ ،ئۇمۇ بەك كۆڭۈللۈك ئىش !
بىزلەرنىڭمۇ بەكلا ساۋابنى جىق ئالغۇمىز، ئىسلامى فىلىملەرنى ، نەشىدلەرنى كۆپلەپ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ سۇنغىمىز بار، ئادەم كۈچى ئاز، تۈرلۈك تۈمەن چەكلىمىلىكلەرمۇ ھەم بولغاچ ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ ،ئاتايىن تەرجىمە قىلغان نېمىنى سىن بوشلۇقلىرى غەيرى مەزمۇن بار دەپ تەستىقلىمايۋاتقان ، بىر مۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،ئەمسە چۈشۈرۋىلىپ كۆرۈڭلار دېسە، چۈشۈرگىلى سالماي كۆرۈش ئادرىس بىلەن تەمىنلىمەمسىلە دەۋاتقان …
بەكمۇ ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز رەھمەت، شۇ گېپىڭىز راست بولسا قوللاش يۈزسىدىن تەرجىمە گۇرپىسىغا قېتىلىڭ ، ئەگەر ئۇنىڭغا قابىلىيىتىڭىز يار بەرمەي قالسىمۇ ھېچقىسى يوق ، چىقارغان نەرسىلەرنى پاراڭ سالماي ئولتۇرۇپ كۆرۈپ بېرىڭ!


تۈرك مۇنداق يازغان:

ئاچچىقلانماڭ مەلەك قىز، جاھاندا مۇشۇنداق ئالىجۇقا سۆزلەيدىغانلار بولمىسىمۇ زېرىكىپ قالمىز


ئاۋام مۇنداق يازغان:

ھۈرمەتلىك «تۈرك» تورداش. مەزكۇر ئىنكاس ئىگىسى شەخسىي كۆز قارىشىم دەپتىغۇ… ئۇنداق ئالجوقا سۆزلەيدىغانلار دەپ ھاقارەتلەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ باشقىلارنى ھۈرمەتلەڭ. پىكرى قۇلاققا ياقمىسا سىزمۇ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭ. باشقىلارنى ھاقارەتلەش ياخشى ئىش ئەمەس. بۇمۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم. مېنىمۇ تىللاپ كەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۈرك مۇنداق يازغان:

ھاقارەت ئەمەس چاقچاق

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.10
08:34
6-قەۋەت: «نەۋقىران» دەيدۇلەركى :

رەھمەت رەھمەت رەھمەت :sad:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.10
12:18
7-قەۋەت: «بىرزات» دەيدۇلەركى :

ئىبراھىم تاتلېسنىڭ :
بىز تۈركمىز، بىز كۇرتمىز، يوقتۇر پەرقىمىز دېگەن ناخشىسى بار. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پ ك ك (كۇرت ئىشچىلار پارتىيسى) بۇ ناخشىچىنى يامان كۆرەمىش. بۇلتۇرقى ئوقتا يارلىنىشمۇ شۇ سەۋەبلىكمىكىن؟!!!
ئىلگىرى ئاڭلاپ قوياتتىم. بىر خىل كىلاسسىك بىلىنىدۇ ناخشىلىرى. لىكىن ئىشلىگەن ئەم ۋى لىرى سەل لاۋزا تۇيغۇ بىرىدۇ ماڭا.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.13
17:06
8-قەۋەت: «تەشنايى» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! نەچچە يىلدىن بىرى مەزكۇر بلوگنى توختىتىپ قويماي ماڭدۇرۇپ كەلدىڭلار، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە خىلى جاپا چەكتىڭلار. بۇ يەردىكى خەتلىك فىلىملەردىن نەپ ئېلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. مېنىڭچە تۇرمۇش بېسىمى ئارتىپ كەتكەن بولسا، بلوگنى توختېتىشنى ئويلىماي، ياراملىق ئىزباسارلارغا تاپشۇرۇپ بەرسەڭلەر، ئىنشائاللاھ، چوقۇم ياخشى يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى قوللايدىغانلار خېلى بارغۇ دەيمەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.17
21:27
9-قەۋەت: «ئاۋام» دەيدۇلەركى :

رەھمەت. مۇڭلۇقكەن. يەنە بىر مەسىلە ماۋۇ بلوگ توختاپ كەتسە بولمايدۇ. ئالدىراش…. بولساقمۇ چوقۇم ئاچىمىز. نۇرغۇن توردىشىمىزنىڭ ئارزۇسىغۇ دەيمەن بۇ…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.18
20:10
10-قەۋەت: «ئۇيغۇرئاتا» دەيدۇلەركى :

ئەبلەخ توگىنىڭ ئاۋازى بەكلا ساز دىسە ،ئاۋازىدا بىر خىل مۇڭ بار خۇتۇنپۇرۇش گۇينىڭ ،ئىشقىلىپ ناخشىلىرىنى ياختۇرىدىكەنمەن، نالەننىڭ تەرجىمىسىگە رەھمەت بولسا مەھسۇن قىرمىزگۈلنىڭ يورۇلدۇم دەپ بىر ناخشىسى بۇلىدىغان شۇنىمۇ تەرجىمە قىلۋەتكەن بولساڭلار

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.05.21
21:22
11-قەۋەت: «قەيسەر يۇرەك» دەيدۇلەركى :

شاكلنى چىقىرۋېتىپ مېغىزنى قۇبۇل قىلساقلا بولمىدمۇ ….قېرىنداشلىرىم ~! تەنقەدىي قۇبۇل قىلش ئاقلانلىك ~ ىەر خىل ئادەمنىڭ كۆز قارشمۇ ھەر خىل بولدۇ دە~…………… تور بەتنى داۋاملىق ماڭدۇرۇشڭىزنى ئۈمۇد قىلمەن :!:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量