تايلور سىۋېت (Taylor Swift) ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى (Country music) ئۇسلۇبىدىكى ناخشىلار بىلەن داڭق چىقارغان ناخشا چولپىنى، ئۆزى ھەم گىتتار ھەم پىئانىنو قاتارلىق سازلارنىمۇ چالالايدۇ، ئۇ 2006-يىلى مۇستەقىل پىلاستىنكا شىركىتى Big Machine بىلەن توختام تۈزۈپ شۇ يىلدىن باشلاپ ھەقىقى تۈردە ئۆزىنىڭ پىلاستىنكىسىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ ھەم ناخشا پىلاستىنكىسىمۇ ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى يىللىق ئەڭ نادىر پىلاستىنكا قاتارلىق ئالىي مۇكاپالارغا ئېرىشىدۇ، تۆۋەندە ئۇنىڭ نادىر كۈيلىرىدىن بىرى بولغان مەنسۈپسەن ماڭا ناملىق ناخىشىسىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : سابا
مەنمۇ ئۈستىدىكى تورداشنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن يەنە بىرسى ناخشا تەرجىمە قىلسا پەقەت قاملاشمايدىكەن ئۇنىڭدىن ئەشۇ چۇشەنمەي تۇرۇپ تىڭشىسا سەل ياخشى بۇلىدىكەن تەرجىمە قىلغىنى بىرسى گەپ قىلىپ بىرىۋاتقاندەك خۇددى بەكلا تېتىتىقسىز ئاڭلىندىكەن تەرجىمىسىگە قاراپ بۇ ناخشىلارنىڭ بۇنداق شۆھرەت قازانغىنىغىمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ ھەممىسى ۋاقىت ئىسراپچىلىغى
ئۈستىدىكى غوجام ساختۇ ھە ،،نىمە گەپ ئۇ ،،ئاڭلىغۇڭىز كەلمىسە توردىن ئىزدەپ ئۇيغۇرچە خېتى يوخنى كۈرۈڭ ،،،سىز ياختۇرمىسىڭىز باشقىلار ياختۇردۇ ،،يەرشارى سىز ئۇچۈن چۈگلىسە بۇلامتى يا؟:::: ھىچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەپ قۇيۇڭ..يا بومىسا ئۆزىڭىز بىرە كىنو تەرجىمە قىلىپ قويمامسىز ،،بارلىق خام ماتىرياللارنى مەن تەمىنلەي، قانداق؟ قىلالامسىز ئەكەك..
قىللالمايمەن گەپ يوقتۇ نىمە چالۋاقايسىز مەن سىز چالۋاقىغىدەك بىر نىمە دىمىگەندىمەن ئەمدى فىلىم تەرجىمە قىلدى دەپ ئۆز پىكىرىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھوقوقىمىزمۇ بولمامدۇ ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بۇلۇدۇ تورداش كاللىڭىز ساقتۇ ھە ئەگەر ياختۇرسىڭىز نەشتىرىڭىزنى ماڭا سانجىماي ئۇزىڭىزنىڭ ياختۇردىغانلىقىڭىزنى ۋە ناخشى تەرجىمە قىلىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى دەپ ئىنكاسىمغا رەددىيە بەرسىڭىز بۇلىدۇ ئادەمنى كۆرمەي قالايمىقان چالۋاقىماڭ بۇلامدۇ ئۇنداق ئەركەك چىشى دەپ كەتمىسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ فىلىم تەرجىمە قىلالمىسام باشقا ئىشنى بولسىمۇ قىلالايمەن بۇ دۇنياغا ھەممە ئادەم فىلىم تەرجىمە قىلىشقا يارالمىغان يادىڭىزدا بولسۇن ئى تامچى سېلىپ بەرگەن ئۆيدە ئىسسىق ئولتۇرسىز ئەمما ئۇ ئىنساننىڭ فىلىم تەرجىمە قىلالىشى ناتايىن بۇنداق سېلۇشتۇرمىلار كۆپ تورداش ھەممە ئادەمنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىغى بۇلۇدۇ ئادەم بىر ئېغىز پاراڭ قىلىپ بولغىچە ئۇنداق تويغۇزۇپ قويمايلى
تورداشلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر بىرىمىزنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىنكاس قالدۇرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، ئەگەر داۋاملىق مۇشۇ خىل ئىنكاسلار ئۇچرىسا تور بېتىمىز ئۇمۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ئىنكاسنى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئۆزىمىزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ھۆرمەت قىلايلى… ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى
ناخشا تەرجىمە قىلماق كىنو تەرجىمە قىلماقتىن تەس. ئۇنىڭدىكى پۇراق ئوڭايلا يوقاپ كېتىدۇ. خېلى ئاتالغان تەرجىمان ئەدىبلىرىمىزمۇ شېئىر تەرجىمىسىدە ئېھتىيات قىلىدۇ. توردا ناخشا تەرجىمە قىلىۋاتقانلار پەقەت شۇ ھەۋەسكە تايىنىپ تەرجىمە قىلىدىغان گەپ، شۇڭا قىسمەن تەرجىمىلەر كىشىنى ئوڭايلا نېمانداق ناچار ناخشا بۇ دەپ ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ، ئەلۋەتتە ياخشى تەرجىمىلەرمۇ بار.( بەزەن جۈملە تۈزگەندەك تەرجىمە قىلىدىغان، ئەينەن سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىپ قويغان تەرجىمىلەرمۇ نۇرغۇن،بۇغۇ ئۇلاردىن ياخشىراقكەن).ھەرقانداق ئەسەر بولۇپمۇ شېئىر ئۆزتىلىدا ئاندىن ئۆزپۇرىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭا سىز رەسمىي ھۇزۇرىنى سۈرىمەن دېسىڭىز بېرىپ تىل ئۆگىنىڭ.
كىنومۇ كۆرىمىز ، ناخشىنىمۇ ئاڭلايمىز
مەن مەزكۇر بلوگتىكى ھەممە ناخشىنى دىگۈدەك ساقلاپ كىلىۋاتىمەن . بۇ بەتتىكى يازمىلارنى كۆرۈپ ، مىنىڭمۇ بىر نىمىلەر نى دىگۈم كەپ قالدى . گەپنى سىلىق قىلىپ ئىيتسام ، بۇ بلوگتىكىلەر ۋە قۇتياردىكىلەر ئۇيغۇر تور مەنبەچىلىكىدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇردى . ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىشىغا كەلسەك ، مەن بۇنى قوش قوللاپ قوللايمەن . ناخشىنىڭ ئاھاڭ ۋە مۇزىكىلىرىدىن زوقلىنىش بىلەن تەڭ يەنە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنگەندە ، تۇيغۇ باشقىچە يىقىن بولىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار تاللاپ تەرجىمە قىلغانلىرىمۇ ئۇنداڭ – مۇنداق ناخشىلاردىن ئەمەس . بولسا تىخىمۇ كۆپرەك تەرجىمە قىلسىكەن ، دەپ ئويلايمەن . مىنىڭ مۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇش ئويۇم بار . قايسى دىتاللار كىرەك بولىدىغانلىقىنى بىلسەم بولارمۇ ؟ 523328317
نىمە دىگەن مەزمۇنلۇق ناخشا. ماڭا بەك يارىدى.كۆرۈنۈشلىىرمۇ شۇنداق پەيزى.
ۋاي – ۋۇي بىر ئوبدان ناخشا ئىكەن ھېچ بولمىغاندا نىمە دەۋاتقاندۇ دەپ ئويلاپ قالغاندىن كۆرە ، دىمەكچى بولغانلىرىنى كۆرگەچ ئاڭلساق يامان ئەمەس ئىكەنغۇ ؟ مۇنبەردىكى جىدەل ماجىرالار بۇ يەردىمۇ ئەدەپ قاپتۇ دىسە … بولدى قىلىڭلار . بۇ يەردە ئۇرۇشقىچە بىرىپ بىرەر ياخشى ناخشا بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويساڭلار بىزمۇ باھا بىرىپ باقساق بولمامدۇ دەيمەن .
سىلەرگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئىيتىمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى كىنو-فىلم ۋە ناخشىلارنى بىزگە سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . رەخمەت!
ئادەم دىگەنغۇ شۇنداق نەرسە،كۈرەلمەسلىك كىسىلى بارلار 7-دوختورخانغا بارسۇن،شۇنداق دىگەنلەرنىڭ چىشىغا تاش،بىلوگىڭىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرمەن،تېخمۇ تىرىشىڭ!!!!ئاللاھ مەدەت بەرسۇن!!!!!!!!!
13:42
شاھ ئۇيغۇر بىلوگى مەن تولىمۇ سۆيۈپ زىيارەت قىلىدىغان تور مەنزىللىرىمدىن بىرى، مىنىڭچە بولسا تەرجىمە قىلىدىغان ماتىرياللارنى ياخشى تاللىساڭلار ، پۇچەك ئەرزىمەس 10 تال ماتىريالدىن ، ئەسقاتىدىغان 1 سى ئەۋزەل .
بۇ باھاغا پىكرىم بار