دەرۋىش ئانسانبىلى 1999-يىلى 7-ئايدا قازاقىستاندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشا ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن ھەم شوخ ناخشىلىرى بىلەن كەڭ تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا شۇنداقلا رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شۆھرەت قازىنىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كۈيلىرىنى جاھانغا تۇنۇتۇشتا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، تۆۋەندە ھەممىمىز ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيلەنگەن قازاقچە «ئايلىناي» ناملىق ناخشىسىغا جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
مەزكۇر پروگرامما 2010-يىلى 2-ئايدا ھىندىستاندىكى «NLKD» (ئۇيغۇرچىسىغا چولپانلار بىلەن ئۇچرىشىش دەپ نام بېرىلدى) پروگراممىسىنىڭ 1-سانىدىن ئېلىنغان بولۇپ ئاساسلىق داڭلىق چولپانلار بىلەن ئۇلارنىڭ تەلەيلىك ھەۋەسكارلىرىنى كۆرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قېيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئىقتىسادى ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان پروگرامما بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ تۇنجى سانىغا بىلەن داڭلىق رېژىسسور رىياسەتچى كاران جوھار (مېنىڭ ئىسمىم خان فىلىمىنىڭ رېژىسسورى) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەلقئارالىق كىنو چولپىنى شاھرۇكخاننى تەكلىپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە شۇ يەردىكى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا قالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ياردەم بەرگەن، بىزدىكى ئونىۋېرسال پروگراممىلارغا ئۈلگە بولۇشى ئۈچۈن مەزكۈر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە سۇندۇق، بەھرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئىسلامى كۈيلىرى بىلەن كەڭ مۇسۇلمان دوستلارغا تۇنۇلغان ئەزەربەيجانلىق ناخشا چولپىنى سەمى يۈسۈپنى بەلكىم تۇنۇشتۇرمىساممۇ كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇ شۇنداقلا ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، سەمى يۈسۈپ ئىزچىل ھەرخىل تىللاردا ئىسلام كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە، تۆۋەندە بىزمۇ ئۇنىڭ كۈيلىرىگە تەڭ جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئىسلامى كۈيلىرى بىلەن بارچىغا تۇنۇلغان ياش لىۋانلىق ناخشا چولپىنى ماھىر زايىننىڭ ناخشىلىرى بەلكىم تورداشلىرىمىزغا ئانچە يات ئەمەس دەپ ئويلايمەن، (ئەلۋەتتە بلوگىمىزنىڭ ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان ناخشىلىرىنى ئاڭلىغان تورداشلارلا بولسا)، تۆۋەندە بۇ ناخشىچىنىڭ يەنە بەرىكەتلىك ئاللاھ ۋە ئويغان ناملىق ئىككى ناخشىسىنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ئىسلام كۈيلىرىگە تەشنا قەلبىمىز ئاز-تولا بولسىمۇ قانغۇسى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
Dima Bilan (روسچە يېزىلىشى Дима Билан)، رۇسىيەنىڭ Karachayevsk جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان، 2003-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسى «كېچىدىكى لۈكچەك»نى تارقىتىپ سەنئەت ساھەسىگە رەسمىي قەدەم تاشلىغان، ئارقىدىنلا На берегу неба (جەننەت قىرغىقى)، Время-река (ۋاقىت ئېقىنى)، Против правил (قارشىلىق مىزانى) ۋە Believe (ئىشەنچ) قاتارلىق بىر يۈرۈش ئېنگىلىزچە ۋە روسچە پىلاستىنكىلارنى بازارغا سېلىپ كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان، سىزگە سۇنغىنىمىز ئۇنىڭ Believe ناملىق پىلاستىنكىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسى شۇنداقلا 2008-يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن ناخشا-ئىشەنچ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەزكۈر ھېكايە يۈز بەرگەن ۋاقىت 2012-يىلى 12-ئاي بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئادەتتىكىدەكلا دەم ئېلىشقا چىقىدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مايا كالىندارى بويىچە 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى زامان ئاخىرى دەپ ھېسابلىنىدىغان بۇ ئالاھىدە كۈن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ زامان ئاخىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جېنىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بىرگە ئۆزلىرىمۇ ئويلاپ يېتەلمىگەن نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ…
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
داڭلىق رەپ ناخشىچىسى ئېمىنېم، 1972-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇپ ئاساسلىق Hardcore Rap ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىپ ئامېرىكىدىكى Rap ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ زەربە نىشانىغا ئۇچرىغان ناخشىچى بولۇپ قالغان، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ ئامېرىكا سەنئەت ساھەسىدە مادوننا ۋە پېتېر.جابۇلېردىن قالسىلا ئېرىشكەن مۇكاپات سانى ئەڭ كۆپ ناخشىچى ھېسابلىنىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
رىئو ناملىق بۇ نادىر كارتون فىلىم برازىلىيەنىڭ چوڭ شەھىرى رىيودى ژانىيرونىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان بولۇپ، فىلىم باشتىن ئاخىر بلو ئىسىملىك تروپىك بەلباغدا ياشايدىغان كۆك شاتۇتىنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا چىرايلىق كۆرۈنۈش، يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە ھەر خىل رەڭگارەڭ گۈزەل قۇشلار، قىزغىن قايناق ھېسسيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇزىكا كۆرگۈچىلەرگە تەبىئىيلا ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ. تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ ئېسىل كارتوندىن بىرگە بەھىرلىنەيلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : پاسىبان www.pasiban.com
ئوپىرا خانىشى، سەھنىدىكى پەرىشتە، گىگانت چولپان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تەرىپلەرنى ئالغان مۇزىكا خانىشى Sarah Brightman (سارا برايتمەن) 1960-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ 18 يېشىدىن باشلاپ سەھنىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ ئۇدا ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ كەلگەن، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىشى 15 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ يېڭى رېكورد ياراتقان، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس يۇقىرى ئاۋازى بىلەن ئورۇنلىغان ھەر خىل ناخشىلىرى ئىزچىل ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، ئۇنداقتا بىزمۇ بىرلىكتە بۇ داڭلىق ناخشىچىنىڭ كىلاسسىك ھەم زامانىۋى تۈس ئالغان ناخشىسىدىن ئاڭلاپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
Steve Jobs كومپيۇتېر پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى،Apple شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ قۇرۇق قولغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئۈلگىسى، تۆۋەندە تەدبىركارنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ سىتەنفورد(Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى 2005-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتۇقىنى كەڭ تورداشلارنىڭ بەھىرلىنىشى ھەم پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇق
تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركارWWW.TORHUMAR.COM
بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا نۇرغۇنلىغان جانلىق ھەم جانسىز نەرسىلەر مەۋجۈدتۇر، ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھاياتلىقلار ئۆزى كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن نەرسىلەر بىلەن ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە مۇناسىۋەتتە بولغان بولۇپ مانا بۇ خىل مۇناسىۋەت يەرشارىدىكى ئىنتايىن كەڭرى بولغان ھاياتلىق چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈرگەندۇر، دېمەك ئۆز تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا ئاللاھ ھەر قانداق نەرسىنى ھېچقانداق سەۋەبسىز ياراتمىغاندۇر، تۆۋەندە كۆرمەكچى بولغان كورىيە كارتون فىلىمىمۇ بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر، ئۇنداقتا نەزىرىمىز بۇ فىلىمدا بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
M2M ئەسلى نورۋىگىيىلىك ئىككى قىز Marit ۋە Marion دىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا بولۇپ 1990-يىلى بۇ ئىككى قىزنىڭ ئورتاق مۇزىكا ھەۋىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قېلىپ ئورتاق نىشان ئاستىدا قۇرۇپ چىققانىدى، ئۇلارنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى نورۋىگىيە تىلىدا ئېيتىلغان بالىلار ناخشىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا نورۋىگىيەدىكى ئالىي مۇكاپات تۈرى بولغان Spillemanspriest مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى بالىلار پىلاستىنكىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى، گەرچە بۇ ئىككى ئۇماق قىزدىن تەشكىل تاپقان M2M گۇرۇپپىسى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى 2002-يىلىغا كەلگەندە تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇن مۇڭلۇق كۈيلىرىنى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كەلمەكتە.
تەرجىمە قىلغۇچى : تۇغلۇق www.tugluk.com
بلوگىمىز ۋە سىراج بلوگى ھەمكارلىقىدا كانادا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت»نىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە قىسمى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەنگەندىن بېرى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ھەم تېزلا كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئەلۋەتتە فىلىممۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بىرخىل يېقىشلىق، مۇلايىم تۇيغۇسى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارغا ئىزچىل ئۆزگىچە ھوزۇر بەرگەچ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى يۇمۇرلۇق ئەمما مەنىسى چوڭقۇر سۆزلىرى بىلەن چوڭقۇر ئويغا سېلىپ كەلدى، تۆۋەندە نەزىرىمىز داۋاملىق بۇ فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى
بەلكىم كۆپىنچە تورداشلار ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇرچە ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئامېرىكىلىق پوپ نامىدا ھەر خىل تېمىلارنى ئۇچراتقان ھەم ئۇنىڭ قىسمەن سىنلىرىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، مەنمۇ بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىپ بۇ كىشىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان نۇتۇقلارنى سۆزلىگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم، يېقىندا ئەركانىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ گۈزەل ئىسلام تېمىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق، ئۇنداقتا ئەمدىلىكتە ھەممەيلەن بۇ كىشىنىڭ نۇتۇقىنى تەڭ ئاڭلاپ كۆرەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئاندىرىيا بوچىللى، 1958- يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىتالىيىدە تۇغۇلغان يۇقىرى ئاۋازلىق ئەما ناخشىچى، ئۇ كۆپ قېتىم سەييارە ئويۇن قويۇپ ھەم كونسىرىتلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق ناخشا ساداسى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىترەتكەن ھەمدە مۇھەببەت مىلودىيىسى ناخشىچىسىغا ئايلانغان. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئىجراسىدا مېكسىكىلىق ئايال كومپوزىتور ھەم پىئانىنو تەڭكەشچىسى كونسىئولو ۋالازكۇئېر يازغان چوڭقۇر سۆيۈش ناملىق كىلاسسىك ناخشىنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
تايلور سىۋېت (Taylor Swift) ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى (Country music) ئۇسلۇبىدىكى ناخشىلار بىلەن داڭق چىقارغان ناخشا چولپىنى، ئۆزى ھەم گىتتار ھەم پىئانىنو قاتارلىق سازلارنىمۇ چالالايدۇ، ئۇ 2006-يىلى مۇستەقىل پىلاستىنكا شىركىتى Big Machine بىلەن توختام تۈزۈپ شۇ يىلدىن باشلاپ ھەقىقى تۈردە ئۆزىنىڭ پىلاستىنكىسىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ ھەم ناخشا پىلاستىنكىسىمۇ ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى يىللىق ئەڭ نادىر پىلاستىنكا قاتارلىق ئالىي مۇكاپالارغا ئېرىشىدۇ، تۆۋەندە ئۇنىڭ نادىر كۈيلىرىدىن بىرى بولغان مەنسۈپسەن ماڭا ناملىق ناخىشىسىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : سابا
ئوخشاش ۋاقىت، ئوخشاش ئورۇن، ئوخشاش بىر پرىزىدېنتنى قەستلەش دىلوسى، ئەمما ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تارتىلغان سۈرەت، ئەگەر سىز بارلىق كۆرۈنۈشلەرنى بىر يەرگە يىغىپ تەھلىل قىلسىڭىزلا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پىلانلانغان بىر سۇيقەستنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدىن شامالدەك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز، ئۇنداقتا بۇ زادى كىمنىڭ سۇيقەستى؟ ئۇنىڭ بۇ سۇيقەستى ئەمەلگە ئاشامدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركار WWW.TORHUMAR.COM
بەلكىم بىر قىسىم تورداشلىرىمىز ياپونىيە كارتون فىلىمى « ئاخىرقى فانتازىيە » نى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، ھەتتا ئۇنىڭ ئۇيۇنىنى ئويناپ ئۈلگۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس بەلكىم، ھەتتا بىر قىسىم تورداشلار بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى كىرىشتۈرۈپمۇ ئۈلگۈردى، تۆۋەندە تورداشلارغا شەمسىنىڭ تەرجىمىسىدە «ئاخىرقى فانتازىيە X_II » نىڭ قىستۇرما ناخشىسىنى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى
كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇتلۇق ئېيى بولغان رامىزان ئېيىمۇ يېتىپ كەلدى، بلوگىمىزمۇ بۇ قۇتلۇق رامىزاندا كەڭ دوستلارغا ئۆزىنىڭ كىچىككىنە سوۋغىسىنى تەغدىم ئەتمەكچى، بۈگۈندىن باشلاپ تاكى رامىزان ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ روزا ھېيتقىچە بولغان ئارىلىقتا بېكىتىمىزنىڭ رامىزانلىق سەھىپە بېتىدە (تور بەتنىڭ ياندىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ئېچىلىدۇ) كۈندە بىر ئىسلامى ناخشىلار ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ، تۆۋەندە «رامىزان خوجىسى» ناملىق ناخشىنى قۇتلۇق رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنىگە بېغىشلايمەن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ۋاللاس بىلەن گرومىتنىڭ بۇ قېتىملىق پالاكەتلىك تۇرمۇشى بىر ھەرىكەتلىنەلەيدىغان ماشىنا ئىشتاندىن باشلىنىدۇ، گەرچە بۇ ماشىنا ئىشتاننى ۋاللاس ئامراق ئىتى گرومىتقا تۇغۇلغان كۈنلۈك سوۋغات سۈپىتىدە بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ۋاللاسنىڭ بىر ئايرىم ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان يامان نىيەتلىك بىر پىنگۋىن ئۇنى ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ، قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز ۋاللاس ۋە گرومىتنىڭ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمىدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
تايلور سىۋېت (Taylor Swift) ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى (Country music) ئۇسلۇبىدىكى ناخشىلار بىلەن داڭق چىقارغان ناخشا چولپىنى، ئۆزى ھەم گىتتار ھەم پىئانىنو قاتارلىق سازلارنىمۇ چالالايدۇ، ئۇ 2006-يىلى مۇستەقىل پىلاستىنكا شىركىتى Big Machine بىلەن توختام تۈزۈپ شۇ يىلدىن باشلاپ ھەقىقى تۈردە ئۆزىنىڭ پىلاستىنكىسىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ ھەم ناخشا پىلاستىنكىسىمۇ ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى يىللىق ئەڭ نادىر پىلاستىنكا قاتارلىق ئالىي مۇكاپالارغا ئېرىشىدۇ، تۆۋەندە ئۇنىڭ نادىر كۈيلىرىدىن بىرى بولغان مەنسۈپسەن ماڭا ناملىق ناخىشىسىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : سابا
تور بېتىمىز ئاساسلىق تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە يېڭىچە تىل ئۈگىنىش مۇھىتى ھازىرلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بېكەت بولۇپ، ئاساسلىق مەزكۈر گۇرۇپپا تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى توردا كۆرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ۋاقتىنچە چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭمۇ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، فىلىم مەنبەسىنىڭ يۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ نورمال بەھىرلىنىشى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىقىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز
بلوگنى ئۇلىنىش قىلىشدا بۇ تۇغنى ئۇلاڭ