ئۆزىنىڭ One Time ناملىق ناخشىسى بىلەن ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان تېزلىكتە داڭق چىقارغان مودا ناخشا چولپىنى Justin Bieber (جاستىن بىبېر) 1994-يىلى 3-ئايدا كانادادا تۇغۇلغان بولۇپ، 15 يېشىدا ئېيتقان Baby ناملىق ناخشىسىنىڭ youtube دىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى 600 مىليۇن قېتىمغا يېتىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، 2011-يىلى فوربىس گورۇھى ئېلىپ بارغان يەرشارىدىكى 100 گىگانت چولپان ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ ئۆز تالانتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان، جاستىن 2011-يىلى 11-ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى Under the Mistletoe نى ئېلان قىلغان
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
مەزكۈر ھېكايە فىلىمدىكى ۋەقەلىك لوس ئانجىلىستا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا پەقەتلا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان نامەلۇم جىسىمنىڭ قاسراقچىسىلا قالىدۇ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر رىياسەتچىسى ئىسېن زىيارەت جەريانىدا بۇ ئۆزىگە ئىنتايىن تۇنۇش نەرسىنى كۆرۈپ بالىلىق چاغلىرىدا جېكنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن كورىيەنىڭ ئەجدىھار رىۋايىتىنى ئېسىگە ئالىدۇ ھەم ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ رىۋايەتلەردىكى ئەجدىھار لوس ئانجىلىس كوچىسىدا پەيدا بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق رىۋايەت؟ بۇ ئەجدىھار نەدىن كەلگەن؟ نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
بەلكىم نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ياپونىيە كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» نى تېخى ئېسىدىن چىقارمىغان بولىشى مۇمكىن، چۈنكى فىلىمدىكى بىر توققۇز ياشلىق ئىتالىيىلىك بالىنىڭ ئارگىنتىناغا كەتكەن ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن يول بېسىپ ئارگىنتىناغا بېرىش جەريانىدىكى تەسىرلىك سەزگۈرەشتىلىرى، ھەم ئۇنىڭ ھۇجۇدىدىكى جاسارەت،مۇھەببەت،سەمىمىيلىكى شۇ چاغلاردىكى بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، تۆۋەندە شۇ بالىلىق چاغلىرىمىزدا كۆرگەن بۇ نادىر كارتون فىلىمنىڭ مۇقەددىمە ناخشىسىنى كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
2003-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يىغىپ «ئىسلام روھىنى گۈللەندۈرۈش» نامىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ كەلدى، نىشانى شۇكى غەرپ دۇنياسىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ شۇ ياشاۋاتقان مۇھىتىغا ماسلىشىش، شۇ مۇھىتقا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش ۋە ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۆۋەتتە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز مەزكۈر يىغىننىڭ 2010-يىلى كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جىددى مۇراجىئەت : ئىنسانىيەت كېمىسىنى قۇتقۇزۇش» تېمىسىدىكى يىغىندىن ئۈزۈندە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم قىزىققۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تەرجىمە خەتلىك فىلىم تۈرلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە، يەنى نوقۇل كىنولا تەرجىمە قىلىشتىن سىرت ھەركىم ئۆز قىزىقىشقا ئاساسەن ناخشا، كارتون فىلىم، ھۈججەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىدىغانلارمۇ چىقىپ بۇ ساھەگە ئۆزگىچە پۇراق ئېلىپ كەلمەكتە، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇيغۇربەگمۇ ئۆزىنىڭ تۈرك تىلى بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز تۈركچە ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ بۇ ساھەنى ئاۋۇتماقتا، قېنى ئۇنداقتا ھەممەيلەن تۈركىيەلىك ناخشىچى ئىسمايىلنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇربەگنىڭ تەرجىمىسىدىكى تۆۋەندىكى ناخشىدىن ھوزۇرلىنايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
يېقىندا ئامېرىكىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش پروگراممىسى Ellen Show دا تېخى ئەمدىلا ئون نەچچە ياشقا كىرگەن بىر قىز Breakeven ناملىق ناخشىنى قايتما ئېيتىپ ناھايىتى تېزلا ھەممىگە تۇنۇلدى، ئارقىدىنلا ئۆز يېشىدىن ھالقىغان ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق بىر قانچىلىغان ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇ بولسىمۇ Maddi Jane، ئۇنداقتا بىزمۇ ئالدى بىلەن بۇ قىزنىڭ ناخشىسىنى بىرگە ئاڭلاپ ئۆتەيلى….
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ تۈركلەرنىڭ مەھتەر مارشى ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ قالدىم، نائېنىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ ناخشا ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ ئېمپىرىيە ناخشىسى بولۇپ تۈرك ئەسكەرلىرى ھەر قېتىم جەڭگە ماڭغاندا سەپ ئالدىدا رەتلىك تىزىلىپ بۇ مارشنى ئورۇنلاپ ماڭىدىكەنتۇق، قېنى ئۇنداقتا ھەممەيلەن بۇ ئۇلۇغ ئېمپىرىيە ناخشىسىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : دىليار 571 (كەڭساي مۇنبىرىدىن)
ئۆتكەندە بىر قانچىلىغان توردىشىمىز گۇرۇپپىمىز تەرجىمە قىلغان، دوستلارنىڭمۇ ئالاھىدە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن تۆۋەندىكى بىر قانچە ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئايرىم كېسىپ چىقىرىپ قويۇشۇمنى ئېيتقانىدى، بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە بىكار ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ دوستلار تەۋسىيە قىلغان بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئايرىپ چىقىرىپ قويدۇم، ئەلۋەتتە فىلىمنى كۆرمىگەن دوستلار بولسا يەنىلا فىلىمنىڭ ئۆزىنى كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز
ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەزكۈر ھېكايە فىلىم دوستلارغا تۇنۇش بولغان «كىچىك قىزىل بۆك» ناملىق بالىلار چۆچىكى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، داڭلىق رېژىسسور Catherine Hardwicke نىڭ ئەمگىكى ئاستىدا يېڭى تۈس بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ فىلىم بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزگە تۇنۇش بولغان شۇ چۆچەكنى ئەسلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر ۋەھىمىگە تولغان رومانتىكلىقى بىلەن تورداشلارغا يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بلوگىمىز ۋە سىراج بلوگى ھەمكارلىقىدا كانادا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت»نىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە قىسمى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەنگەندىن بېرى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ھەم تېزلا كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئەلۋەتتە فىلىممۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بىرخىل يېقىشلىق، مۇلايىم تۇيغۇسى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارغا ئىزچىل ئۆزگىچە ھوزۇر بەرگەچ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى يۇمۇرلۇق ئەمما مەنىسى چوڭقۇر سۆزلىرى بىلەن چوڭقۇر ئويغا سېلىپ كەلدى، تۆۋەندە نەزىرىمىز داۋاملىق بۇ فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى
ئۇ ئىلگىرى دۇنياغا داڭلىق قەھۋەخانىدا مۇلازىم بولۇپ ئىشلىگەن، يۈرىۋاتقىلى سەككىز يىل بولغان قىز دوستىغا توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توينىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم ئالغان، ئەمما قىز دوستى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە باش قىسمى ئېغىر يارىلىنىپ، داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ئەقلى قابىلىيىتى ئىككى ياشلىق بالىدەك بولۇپ قالغان. ئۇ ئامېرىكا چولپانلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇكاپات ئېلىپ ئايالىنى داۋالاتماقچى بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا 24 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تۆۋەندىكى چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ناخشىسى «What Are Words» نى كۆپچىلىككە سۇنغان…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەزكۈر فىلىم 2009-يىلى ۋېنىتسىيە كىنو فىستۇۋالىدا ئالتۇن شىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ ئىسرائىلىيىلىك ياش رېژىسسور ساموۋىل.ماۋۇزنىڭ تۇنجى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ. 1982-يىلى لىۋان جېڭىدە ساموۋىل.ماۋۇز ئۆزىمۇ تانكا ئەسكىرى سۈپىتىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، بۇ فىلىمدە رېژىسسورنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان چاغدىكى ھەقىقى تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
دەرۋىش ئانسانبىلى 1999-يىلى 7-ئايدا قازاقىستاندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشا ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن ھەم شوخ ناخشىلىرى بىلەن كەڭ تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا شۇنداقلا رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شۆھرەت قازىنىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كۈيلىرىنى جاھانغا تۇنۇتۇشتا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، تۆۋەندە ھەممىمىز ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيلەنگەن قازاقچە «ئايلىناي» ناملىق ناخشىسىغا جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
Dima Bilan (روسچە يېزىلىشى Дима Билан)، رۇسىيەنىڭ Karachayevsk جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان، 2003-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسى «كېچىدىكى لۈكچەك»نى تارقىتىپ سەنئەت ساھەسىگە رەسمىي قەدەم تاشلىغان، ئارقىدىنلا На берегу неба (جەننەت قىرغىقى)، Время-река (ۋاقىت ئېقىنى)، Против правил (قارشىلىق مىزانى) ۋە Believe (ئىشەنچ) قاتارلىق بىر يۈرۈش ئېنگىلىزچە ۋە روسچە پىلاستىنكىلارنى بازارغا سېلىپ كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان، سىزگە سۇنغىنىمىز ئۇنىڭ Believe ناملىق پىلاستىنكىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسى شۇنداقلا 2008-يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن ناخشا-ئىشەنچ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەزكۇر پروگرامما 2010-يىلى 2-ئايدا ھىندىستاندىكى «NLKD» (ئۇيغۇرچىسىغا چولپانلار بىلەن ئۇچرىشىش دەپ نام بېرىلدى) پروگراممىسىنىڭ 1-سانىدىن ئېلىنغان بولۇپ ئاساسلىق داڭلىق چولپانلار بىلەن ئۇلارنىڭ تەلەيلىك ھەۋەسكارلىرىنى كۆرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قېيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئىقتىسادى ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان پروگرامما بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ تۇنجى سانىغا بىلەن داڭلىق رېژىسسور رىياسەتچى كاران جوھار (مېنىڭ ئىسمىم خان فىلىمىنىڭ رېژىسسورى) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەلقئارالىق كىنو چولپىنى شاھرۇكخاننى تەكلىپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە شۇ يەردىكى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا قالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ياردەم بەرگەن، بىزدىكى ئونىۋېرسال پروگراممىلارغا ئۈلگە بولۇشى ئۈچۈن مەزكۈر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە سۇندۇق، بەھرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئىسلامى كۈيلىرى بىلەن كەڭ مۇسۇلمان دوستلارغا تۇنۇلغان ئەزەربەيجانلىق ناخشا چولپىنى سەمى يۈسۈپنى بەلكىم تۇنۇشتۇرمىساممۇ كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇ شۇنداقلا ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، سەمى يۈسۈپ ئىزچىل ھەرخىل تىللاردا ئىسلام كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە، تۆۋەندە بىزمۇ ئۇنىڭ كۈيلىرىگە تەڭ جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئىسلامى كۈيلىرى بىلەن بارچىغا تۇنۇلغان ياش لىۋانلىق ناخشا چولپىنى ماھىر زايىننىڭ ناخشىلىرى بەلكىم تورداشلىرىمىزغا ئانچە يات ئەمەس دەپ ئويلايمەن، (ئەلۋەتتە بلوگىمىزنىڭ ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان ناخشىلىرىنى ئاڭلىغان تورداشلارلا بولسا)، تۆۋەندە بۇ ناخشىچىنىڭ يەنە بەرىكەتلىك ئاللاھ ۋە ئويغان ناملىق ئىككى ناخشىسىنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ئىسلام كۈيلىرىگە تەشنا قەلبىمىز ئاز-تولا بولسىمۇ قانغۇسى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەزكۈر ھېكايە يۈز بەرگەن ۋاقىت 2012-يىلى 12-ئاي بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئادەتتىكىدەكلا دەم ئېلىشقا چىقىدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مايا كالىندارى بويىچە 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى زامان ئاخىرى دەپ ھېسابلىنىدىغان بۇ ئالاھىدە كۈن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ زامان ئاخىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جېنىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بىرگە ئۆزلىرىمۇ ئويلاپ يېتەلمىگەن نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ…
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
داڭلىق رەپ ناخشىچىسى ئېمىنېم، 1972-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇپ ئاساسلىق Hardcore Rap ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىپ ئامېرىكىدىكى Rap ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ زەربە نىشانىغا ئۇچرىغان ناخشىچى بولۇپ قالغان، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ ئامېرىكا سەنئەت ساھەسىدە مادوننا ۋە پېتېر.جابۇلېردىن قالسىلا ئېرىشكەن مۇكاپات سانى ئەڭ كۆپ ناخشىچى ھېسابلىنىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىمدە ئاساسلىق بىر كونا سېھرىگەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ ئىزچىل سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما كېيىنچە جاز مۇزىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنىڭ سېھرىگەرلىكتىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كىرىمىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېھرىگەر قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىدا ئۇيۇن قويۇپ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلايدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئەلىس ئىسىملىك بىر قىز بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ…. ئۇنداقتا سېھرىگەر يەنە قانداق ئۇسسۇل ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ؟ مەزكۈر كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ گەرچە دىئالوگ ئانچە كۆپ بولمىسمۇ ئەمما خېلى تەسىرلىك ئىشلەنگەن. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
تور بېتىمىز ئاساسلىق تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە يېڭىچە تىل ئۈگىنىش مۇھىتى ھازىرلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بېكەت بولۇپ، ئاساسلىق مەزكۈر گۇرۇپپا تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى توردا كۆرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ۋاقتىنچە چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭمۇ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، فىلىم مەنبەسىنىڭ يۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ نورمال بەھىرلىنىشى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىقىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز
بلوگنى ئۇلىنىش قىلىشدا بۇ تۇغنى ئۇلاڭ