مۇھىم نۇقتا

Post image of مۇھىم نۇقتا
سەھىپە: فىلىملەر، كىنو باھا: 27

مۇھىم نۇقتا

ئوخشاش ۋاقىت، ئوخشاش ئورۇن، ئوخشاش بىر پرىزىدېنتنى قەستلەش دىلوسى، ئەمما ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تارتىلغان سۈرەت، ئەگەر سىز بارلىق كۆرۈنۈشلەرنى بىر يەرگە يىغىپ تەھلىل قىلسىڭىزلا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پىلانلانغان بىر سۇيقەستنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدىن شامالدەك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز، ئۇنداقتا بۇ زادى كىمنىڭ سۇيقەستى؟ ئۇنىڭ بۇ سۇيقەستى ئەمەلگە ئاشامدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركار WWW.TORHUMAR.COM

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن فىلىمنى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

2011.08.11 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

27 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.08.11
15:30
1-قەۋەت: «تەدبىركار» مۇنداق دېدى:

نادىر فىلىملەرنىڭ بىرى، كۆرمىگەنلەرنىڭ بىر كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


چەۋەنداز مۇنداق يازغان:

مۇشۇنداق فىلىملەرنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ قويغان بولسىڭىز ھە. خۇددى مەن ئۈچۈنلا تەرجىمە قىلغاندەك . ھا…ھا…ھا….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.11
17:14
2-قەۋەت: «تورباجىن» مۇنداق دېدى:

نىمە دىگەن يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئىشلەنگەن فىلىم بۇ.ھەقىقەتەن كۆرۈشكە تىگىشلىك فىلىمكەن. مۇشۇنداق نادىر فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ كۆرۈرمەنلەرگە سۇنغان تەرجىمە گوروپپىسىدىكى دوستلارغا رەھمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.11
18:52
3-قەۋەت: «شاش» مۇنداق دېدى:

چۇشۇرۇش ئادىرسىنى يولاپ بەرسىڭز .mamatjan800@qq.com لەزىتىنى سۇرۇپ كۆرەي

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.11
20:25
4-قەۋەت: «ئۇدۇن» مۇنداق دېدى:

چۇشۇرۇش ئادىرسىنى يولاپ بەرگىلى بولامۇ؟
371543086@qq.com

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.11
20:26
5-قەۋەت: «ۋەتەن» مۇنداق دېدى:

بۇنداق نادىر كىنۇ كۆرۈپ باقمىغىلى خىلى ۋاقىت بولۇپتىكەن ،تەشەككۈر ،تەدبىركار

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.11
21:40
6-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

سۇزك نۇسخسى بولغان بولسا ھە

بۇ باھاغا پىكرىم بار


چەۋەنداز مۇنداق يازغان:

ۋاي بۇ سۈزۈك نۇسقىسى بولماي نىمىكەن. سۈزۈك بولغاچقا بىر كىنو پارچىلىنىپ تۇرۇپ يوللىندىغان گەپ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.11
23:32
7-قەۋەت: «ئاللايار» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن بەك ياخشى فىلىمكەن،ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۇپ چىقتىم.رەھمەت سىزلەرگە…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.12
11:40
8-قەۋەت: «مەردان» مۇنداق دېدى:

يەنە بىر قېتىم ئەپسۇس، شاھ بىلوگى كۈندىن كۈنگە زاۋاللىققا يۈزلىنىپتۇ
شاھ ئۇيغۇر ئەپەندىم، ئۆزىڭىزگە قايتىۋىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


دىيارىم مۇنداق يازغان:

مىنڭچە…..بۇفىلىمدىن….پەن تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋات قانلىقىنى كۈرىۋاغىلى بۇلدۇ……ئەقىل-پاراسەت ‹قادىرئاللا› نڭ بىز ئنسانلارغا ئاتاقىلغان… .ئەڭ چوڭ ھېممىتى….شۇ سەۋەپ….مىنڭچە بىز مۇسۇلمان بەندىلەرمۇ …..‹قادىرئاللا› نڭ بىز گە ئاتا قىلىغان ئەقل-پاراسىتىمىز دىن ياخشى يوللادا..ياخشى پايدىلنىشىمىز لازىم دۇر …..دەپ قاراي مەن….شۇنڭغا…..مەردان قېرىن دىشىم زاۋاللىققا يۇزلىنىۋاتقىنى….. شاھ بىلوگى ئەمەس…….ئەقىل-پاراسىتىمىزنى…جايىدا جارى قىلدۇرالماي ۋاتقان….سىز…ھەم….بىز…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەردان مۇنداق يازغان:

ئويلاپ ئانتىراكتىكاغا كەتتىڭىزمۇ نېمە؟ بۇ يەر دېگەن شىنجاڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئالىم مۇنداق يازغان:

گەرچە بۇ بىلوگ تور ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە تۈزۈك ئىنكاس يازماي كەلگەنتىم، ئەمما ئەمدى ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم، مەردان سىز چوڭ خاتالىشىپسىز، بۇنى زوۋاللىققا يۇزلىنىش دېمەيمىز، ھازىر بۇ ىلوگنى مەنلا ئەمەس ھەتتا ئوغلۇممۇ شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئوغلۇم ياخشى كۆرىدىغان ئەشۇ تاتلىق كارتون فىلىملر بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەم ئۇنىڭ ئوغلۇمنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىشىگە خېلى ياردىمى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئەمدى سىزگە ياقمىغىنى ئۈچۈنلا بۇلار ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالارمۇ؟پەقەت كىنو كورىمەن دېسىڭىز خەتلىك فىلىم ئىشلەۋاۋتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ھازىر، شاھ بىلوگىغا ئوخشاش ھەممىنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالالىغانلار يەنىلا مۇشۇ تور بەت، ھەم بىزنىڭ چاڭقىغان قەلبىمىز سۇ ئېچەلەيدۇ، ھەم بالامنىڭ ساغلام تور ھاياتى بىلەن ئۇچرىشىشىغا ئورۇن راسلاپ بېرەلەيدۇ، ئىشقىلىپ مەن بۇ ئىنكاسىڭىزنى ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن :twisted:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


بەھرام مۇنداق يازغان:

راس -راس بىزگە ياخشى فىلىم ئىسلامى ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ راسلا زاۋاللىققا يۈزلەندى ….
بولسا بۇندىن كىيىن سىزگە چەتئەللەرنىڭ جىكسونلارنىڭ ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولسا ئاندىن روناق تاپاتتى. :twisted:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەردان مۇنداق يازغان:

ئەجىبا گېپىمدىن شۇنداق مەنانى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
خەتلىك فىلىمدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن شاھ بىلوگىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقىنى ۋە تەرجىمە قىلىۋاتقان ئەمىيەتسىز كارتون فىلىملىرىنى دەۋاتىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مۇسلىم مۇنداق يازغان:

كارتون فىلىملارمۇ يامان ئەمەسقۇ، نىمە بوپكەتتى ئەمدى !!!!!!! : :???: :???:


ساراڭ مۇنداق يازغان:

يولداش مەردانغا:
كارتون فىلىم تەرجىمە قىلغان گۇناھمىكەن؟
سىزگە قايسى پوق ساقال شۇنداق دېدى؟ ساۋاب ئىشتىن بىرنى قىلىپ ،مەن ماۋۇ ئىشنى قىلدىم دەپ كېلىڭە مۇشۇ يەرگە…
شاھ ئۇيغۇر گورۇپپىسىدىكىلەر ناننى پۇلغا ئېلىپ يەپ بىكارغا كىنو تەرجىمە قىلىپ سىزنى كۆرسۇن دېسە، بۇيەرگە كېلىپ قاملاشمىغان پەتىۋانى سۆزلىمەڭ!
سىز كىنو تەرجىمە قىلىپ باققان بولسىڭىز بىلەتتىڭىز جاپاسىنى، كاسسىڭىز يېغىر بولماي تۇرۇپ بىر كىنونىڭ تەرجىمسى پۈتمەيدۇ مەن سىزگە دەپ قوياي!
باشقىلارنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، بىر ئىش قىلسا قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن ،پاچاقتىن ئېلىپلا قاۋاپ باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سەپمەيلى ئۇنداق ھە…يا سىز ئاپاق غوجىنىڭ ئەۋلادىمۇ بۇنچە قىلغۇدەك؟


رازۋىتچىك مۇنداق يازغان:

كارتونفىلىم تەرجىمە قىلغاننىڭ نەرى يامان!مەنمۇ بىر كارتون فىلىم ئىشلىگۈچى بۇنداق دىسىڭىز راسلام ئوغام قايناپ قالدى مىنىڭ،بىز كېچە كۈندۈز مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىمىز،ھەم چەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن تەلىم ئالىمىز.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ئۆزىمىز قولسېلىپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەنىڭ،قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ،مۆھتىرەم خېنىمنىڭ كارتون فىلىملىرىنى ئىشلىسەكمۇ يەنە مۇشۇنداق دەر سىزمۇ؟!ئاۋۋال ئويلاپ ئاندىن سۆزلەڭ قېرىندىشىم! :sad:

2011.08.12
12:53
9-قەۋەت: «نالە» مۇنداق دېدى:

بەك ياخشى فىلىمكەن ،قايتا -قايتا كورۇپ كەتتىم

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.12
23:55
10-قەۋەت: «ساياھەتچى» مۇنداق دېدى:

ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىغۇ كۆرگەن ھەر بىر كىشى!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.13
03:11
11-قەۋەت: «نۇرقۇت» مۇنداق دېدى:

بۇ سۇيىقەستنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولدىمۇ؟ زۇڭتۇڭنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ مەن چۈشەنمىگەندەك قىلىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.13
17:01
12-قەۋەت: «چەۋەنداز» مۇنداق دېدى:

توۋا ئاجايىپ كىنوكەن بۇ ، پىتى چاۋىس دىگەن بۇ رىژىسور ئاجايىپ تۇيغۇغا باي ئادەمكەنغۇ. كامىرا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى نىمىدىگەن كۆپ بۇ كىنونىڭ . لىكىنزە ئىككى قېتىم كۆرۈپمۇ ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن زوڭتۇڭنى قەستلىمەكچى بولغانلىقىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىدىم . كىنونىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك نۇسقىسىنى ئىشلەپ قويغان بولسىمۇ بولاتتىكەنتۇق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.16
06:42
13-قەۋەت: «دەتمەن» مۇنداق دېدى:

15مىنۇتلۇق كىنونى ھەقىقەتەن تالانتلىق ئىكەن رىژىسوركەن
چەۋەنداز ئەپەندى زۇڭتۇڭنى قەسلىمەيدىكەن تۇتقۇن قىلىدىكەن
ئەگەر زۇڭتۇڭنى تۇتقۇن قىلسا بىرىنچىدىن ئۇرۇش قوزغىيالايدۇ
ئىكىنچىدىن شەرتىنى قويۇپ پۇل ياكى ھۆكىمەت تۇتۇۋالغان ئادەملىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى قىلالايدۇ ئىشقىلىپ زۇڭتۇڭنى تۇتقۇن قىلسا بىر دۆلەتنى ئاساسەن گەپكە كىرگۇزەلەيدۇ ئەمەس مۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى بىلوگلاردىن 80 خالتا تورخۇمار تەدبىركار جىك شاھ قاتارلىقلارنى كۇندە دىگىدەك زىيارەت قىلسام مۇ بىرەر قىتىممۇ ئىنكاس يازماپتىكەنمەن بۇ تۇنجسى سىلەر كۆپ جاپا چەكتىڭلار بىرزگە نۇرغۇن نادىر كىنو فىلىملەرنى سۇندۇڭلار رەخمەت سىلەرگە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.20
15:50
14-قەۋەت: ««باھارىم»» مۇنداق دېدى:

ۋەششى كىنو ئىكەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.23
15:28
15-قەۋەت: «تاماشىبىن» مۇنداق دېدى:

ياخشى كىنو ئىكەن ، تەرجىمىسىنىمۇ ناھايىتى ئۆلچەملىك قىلىپسىلەر.بۇ مىنىڭ سىلەرنى ماختىغىنىم ئەمەس،بەلكى بۇ ئەمەلىيەت . مەن بۇ بىكەتنىڭ دائىملىق مېھمىنى ، پەقەت شۇ ئىنكاس يازمىغانلا يېرىم بار. سىلەرنى قوللايمەن. قۇلىڭلارغا دەرت بەرمىسۇن… رەخمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.28
20:17
16-قەۋەت: «Herik» مۇنداق دېدى:

بۇ فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى http://www.vidown.cn/ مۇشۇ توربەتتىكى دېتالدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرەلەيسىلەر…………..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.10.5
23:55
17-قەۋەت: «ئۆردەك» مۇنداق دېدى:

توۋا بۇ فىلىم نى ئىشلىگەن رېجىسور نىڭ كا للىسى …… ئاشۇ قىز ھەممە ئىشنى يوق قىلىۋەتتى دېسە….باش تېرورچىنىڭ ئىنسابى باركەن…ئۇقىز دۇكاندا ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەپ قويۇپ ، ئېسىل كېنو كەن..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.