Post Thumbnail of يىپەك يولى – كاھىشگەردىن پامىرغىچە
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 11-ئاۋغۇست | زىيارەت:1,687

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى دەپ ئاتالغان رايونىمىز مەيلى تارىختا بولسۇن ۋە ياكى ھازىر بولسۇن غەرب ۋە شەرقنىڭ سودا ئالاقە، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن، بۈگۈن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇدىغىنىمىز مەزكۈر ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ 12-قىسمى كاھىشگەردىن پامىرغىچە بولۇپ، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

Post Thumbnail of رازۋېتچىك كونان
تەرجىمە كارتون،فىلىملەر،كىنو 2013 11-ئاۋغۇست | زىيارەت:3,842

ياپونىيە كارتون فىلىمى «رازۋېتچىك كونان» ياپونىيە داڭلىق ھەجۋى رەسىمچىسى ئائوياما گوشونىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، 1994-يىلى پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، 1996-يىلى تۇنجى تېلېۋىزىيە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، 1997-يىلى راسمى تىياتىر نەشىرى ئېلان قىلىندى، فىلىم ئىشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ياشلار ئارىسىدا كونان قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ باقمىدى، تۆۋەندە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا رازۋېتچىك كوناننىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولغان «ۋەھىمە نۇتىسى» نى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى www.islambeg.com

Post Thumbnail of پارلات يولۇڭنى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 8-ئاۋغۇست | زىيارەت:1,268

Owl City بىلەن مالايسىيەلىك ناخشىچى Yuna تۇنجى قېتىم بىرلىكتە ئېيتقان ناخشا پارلات يولۇڭنى يېقىندا قويۇلۇشقا باشلىغان ئامېرىكا كارتون فىلىمى «كرۇدس جەمەتى» نىڭ ئاساسى ناخشىسى بولۇپ، مەزكۈر كارتون فىلىم ئىپتىدائىي دەۋردىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆڭكۈر ھاياتىدىن ئايرىلىپ سىرتقى دۇنيا بىلەن ھەقىقى تۇنۇشۇش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، يېقىندا بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخىسى بەلكىم بلوگىمىز ئارقىلىق تارقىتىلىشى مۇمكىن، ئاڭغىچە بۇ فىلىمنىڭ ناخشىسىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of ئوبامانىڭ 2010-يىللىق رامىزانلىق نۇتۇقى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 5-ئاۋغۇست | زىيارەت:3,237

ئۆتكەندە توردا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئوبانىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانىنى تەبرىكلىگەن تەبرىكنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىق توغرىسىدا خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن بېرى ئوبامانىڭ شۇ قېتىملىق نۇتۇقىنىڭ سىن ھۈججىتىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئوبامانىڭ 2010-يىللىق رامىزانلىق نۇتۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم شۇنداقلا توردىشىمىز جەمشىتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنىڭ سىن ھۈججىتىنى تېپىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ كىرىشتۈرۈپ قويدۇم، تۆۋەندە نەزىرىڭلار ئۇشبۇ رامىزانلىق نۇتۇقتا بولغاي

تەرجىمە قىلغۇچى : ئامېرىكا پارلامېنتى خەلقئارا ئۇچۇر ئىدارىسى

Post Thumbnail of يىپەك يولى – كۆچمە قۇم داۋانى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 2-ئاۋغۇست | زىيارەت:1,459

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى دەپ ئاتالغان رايونىمىز مەيلى تارىختا بولسۇن ۋە ياكى ھازىر بولسۇن غەرب ۋە شەرقنىڭ سودا ئالاقە، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن، ئالدىنقى قېتىم بىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەتراپىدا ياپونىيە بىلەن جۇڭگو بىرلىشىپ ئىشلىگەن يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى ھېسابلانغان ئۇيغۈرلارنىڭ بوستانلىقى خوتەن تۇنۇشتۇرۇلغان فىلىمنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق، ئەمدى كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا مەزكۈر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ يەنە بىر قىسمى كۆچمە قۇم داۋانىنى سۇندۇق، ياقتۇرغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

Post Thumbnail of چۈنكى سەن (ئاشىق 2 فىلىمىنىڭ قىستۇرما ناخشىسى)
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 27-ئىيۇل | زىيارەت:4,255

بۇ يىل 4-ئاي ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ئاشىق2 كىنوخانىلاردا قويۇلۇشى بىلەنلا ھىندىستان كىنو ساھەسىدە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بولۇپ فىلىم مەزمۇنىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە كىرىشتۈرۈلگەن ناخشىلىرىنىڭ مۇڭلۇقلىقى بىلەن ھەتتا باشقا دۆلەتتىكى كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلدى، تۆۋەندە بلوگىمىز فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى جىددى ئىشلەۋاتىدۇ، ئاڭغىچە دوستلار تەشۋىقات سۈپىتىدە فىلىمنىڭ تۆۋەندىكى ناخشىسىدىن ھوزۇرلۇنۇپ تۇرغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of نۆلنىڭ ھاياتى
تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 2013 24-ئىيۇل | زىيارەت:2,467

نۆل بولسا Christopher Kezelos بىر قانچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان قاتۇرما كارتون، ھېكايە تەقدىر ۋە ئىقتىدار تۇغۇلىشىدىنلا بەلگىلىۋېتىلىدىغان بىر دۇنيادا بايان قىلىنىدۇ، 9 بولسا قابىلدارلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سانى قانچە كىچىك بولغانسىرى ئىقتىدارى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ھالبۇكى بىزنىڭ باش پېرسوناژىمىز بولسا، بىچارە نۆل ئىدى، ئۇ ئىزچىل كىشىلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ، تاكى ھاياتىدىكى يەنە بىر نۆلنى يولۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئەسلىدە دۇنيادا يەنە بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت ئىدى…

تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركار

Post Thumbnail of تەقدىر (6-قىسىم)
فەيياز فىلىملىرى 2013 21-ئىيۇل | زىيارەت:1,395

ئىنسان تەقدىرگە مەھكۈم قىلىۋېتىلگەنمۇ؟ تەقدىر مەسلىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىككى نۇقتىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەكلىكىنى تەقدىر فىلىمىنىڭ ئۆتكەنكى قىسىملىرىدا بايان ئەتكەنىدۇق، ھەم بىرىنچى نۇقتا توغرىسىدا تەپسىلى توختاپ ئۆتكەنىدۇق، ئۇنداقتا بۇ قېتىم ئىككىنچى نۇقتا «ئىلىم مەلۇمغا باغلىق» ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىمىز، دىققىتىڭلار داۋاملىق فەيياز ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى تارقاتقان ئۇيغۇر پىدائىيلار تەرجىمىسىدىكى «تەقدىر» نىڭ 6-قىسمىدا بولسۇن

تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111

Post Thumbnail of 8-نومۇرلۇق كامىر
فىلىملەر،مىكرو فىلىم 2013 17-ئىيۇل | زىيارەت:3,651

تۈرمىگە يېڭى پالانغان بىر جىنايەتچى، بىر سىرلىق كىشى بىلەن بىر كامىرغا تەڭ قاماپ قويۇلىدۇ، بىراق بۇ ئىككىيلەن ھەرگىزمۇ بۇ فىلىمدىكى باش پېرسوناژ ئەمەس، بەلكى بىر كىچىك قىزىل ساندۇق. جىنايەتچى بۇ قىزىل ساندۇقنى ئاچقان چاغدا، سىرلىق مۆجىزە يۈز بېرىدۇ! بۇ ساندۇقتىكى بوشلۇق، دەل بۇلار تۇرىۋاتقان كامىرنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھالىتى ئىدى. تەبىئىيتىگە يوشۇرۇن نەپسى جىنايەتچىنى كامىردىشىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىدىن توسۇپ قالالمايدۇ، ئاقىۋەت…

تەرجىمە قىلغۇچى : www.hezret.com

Post Thumbnail of بۇلۇت
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 15-ئىيۇل | زىيارەت:3,886

يېقىندا دوستلارغا رامىزانلىق سوۋغا تەييارلاش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ باشقا تەرجىمىلەرنى پۈتتۈرۈشكە تۈزۈك ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالماي قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئالدىراشلىقى بىلەن تەرجىمىسى پۈتۈپ قالغان بىر قىسىم فىلىملەرنىڭمۇ رەتلەش، تەھرىرلەش ئىشلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ قالدى، ئەمما تورداشلارنىڭ ئەمگىكى ئەلۋەتتە بىكار كەتمەيدۇ، پات ئارىدا ئالدىراش ۋاقىت بىر مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭى كارتون ۋە يېڭى فىلىملەر داۋاملىق تورداشلارنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ، بۈگۈنچە يېقىندا توردىن تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالغان بۇ روسچە مۇڭلۇق ناخشىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئاجرىتىپ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of تەشنا ساڭا بۇ كۆزلەر
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 13-ئىيۇل | زىيارەت:2,103

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، ئالدىنقى قېتىم ماھىر زەيىننىڭ «نەدىسەن» ناملىق ناخشىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغاندا، تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە ئاز-تولا مەلۇمات بەرگەنىدۇق، ئەنە شۇ مۇسابىقىنىڭ «نەشىد بۆلىكى» قىسمىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار بىرلىكتە تولىمۇ گۈزەل نەشىدلەرنى ئېيتىپتۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئانا تىلى تۈركچە بولمىسىمۇ يەنىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ چىرايلىق ئوقۇپتۇ، تۆۋەندە شۇ ناخشىلاردىن ئىككى شىڭگىل ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of بارفىنىڭ ئاجايىپ ھاياتى
فىلىملەر،كىنو 2013 10-ئىيۇل | زىيارەت:4,177

مەزكۈر فىلىم 2012-يىللىق ئوسكار كىنو فىستۇۋالىدا ھىندىستانغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم بولۇپ باھالانغان، فىلىمدە 1970-يىللاردىكى ھىندىستان تەسۋىرلەنگەن بولۇپ تىل ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىز بارفىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى سىزنى بىردەم كۈلدۈرسە بىردەم كىشىلىك ھايات توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ، ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ نادىر فىلىمدىن تەڭ ھوزۇرلىنايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز

Post Thumbnail of رامىزان
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 7-ئىيۇل | زىيارەت:4,250

شۋىتسىيەلىك ئىسلام كۈيچىسى ماھىر زەيىن ئۇيغۇر تورداشلىرىغا خېلى تونۇشلۇققۇ دەيمەن، بلوگىمىزدىمۇ ئۇنىڭ بىر قانچە كۈيلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تورداشلارغا سۇنغاندىن بېرى ئىزچىل تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ ماھىر زەيىننى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن ھەمدە ناخشىلىرىنى ئۇدۇللۇق ئاڭلاپ تۇرىمەن، بۈگۈن تورداشلارغا ماھىر زەيىننىڭ كېلىۋاتقان رامىزانغا ئاتاپ ئېيتقان ناخشىسى «رامىزان»نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ئېلىپ كەلدۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.cn

Post Thumbnail of ساڭا ئوخشاش بىرسىنى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 2-ئىيۇل | زىيارەت:1,775

ئەنگلىيە داڭلىق مودا ناخشىچىسى adele تۇنجى قېتىملىق BRITawards مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ ناخشا ساھەسىگە كىرىپ تۇنجى پىلاستىنكىسىلا يەتتە مىليۇندىن ئارتۇق سېتىلىپ ئۇنى تېزلا پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتتى، ئىككىنچى پىلاستىنكىسى «21» پۈتۈن دۇنيادا 28 مىليۇندىن ئارتۇق سېتىلىپ 21-ئەسىردىكى ئايال ناخشىچىلار ئىچىدە سېتىلىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى پىلاستىنكا بولۇپ قالدى شۇنداقلا ئۆزىمۇ تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ ھازىرقى زاماندىكى ھالى ئەڭ چوڭ ئايال ناخشىچىغا ئايلاندى

تەرجىمە قىلغۇچى : كەتمەن

Post Thumbnail of يىپەك يولى - ئۇيغۇرلارنىڭ بوستانلىقى خوتەن
فىلىملەر 2013 26-ئىيۇن | زىيارەت:2,429

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى دەپ ئاتالغان رايونىمىز مەيلى تارىختا بولسۇن ۋە ياكى ھازىر بولسۇن غەرب ۋە شەرقنىڭ سودا ئالاقە، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن، تۆۋەندە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەتراپىدا ياپونىيە بىلەن جۇڭگو بىرلىشىپ ئىشلىگەن يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى ھېسابلانغان ئۇيغۈرلارنىڭ بوستانى خوتەن تۇنۇشتۇرۇلغان فىلىم ئارقىلىق ئەشۇ دەۋردىكى يۇرتىمىزنى بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

 سىز 2-بەتتە، جەمئىي 21 بەت « 1  2  3  4  5 » ...  ئاخىرى » 
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.