ئۆتۈك كىيگەن مۈشۈك دېگەن بۇ ئىسىم بەلكىم دوستلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، يېقىندا ھەتتا ئۇنىڭ كارتون فىلىمىمۇ ئېلان قىلىنىپ بولدى، تۆۋەندە كۆرىدىغىنىڭىز ئۇنىڭ قىسقا 13 مىنۇتلۇق فىلىمى بولۇپ بۇ كىچىك قەھرىمان بۇ قىسقا سەپىرىدە يەنە قانداق مۈشكۈلاتلارغا يۇلۇقىدۇ؟ نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى كارتون فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : Lucky boy
فىلىم ئىسرائىلىيە پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالغان ۋاقىتىكى پەلەستىن ۋەزىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، فىلىمدە ئىسرائىلىيە قوماندانى ئۆزىنىڭ تۇغما ئاجىز، ھەم قارىغۇ ئوغلى ئۈچۈن، پەلەستىندىكى بالىلاردىن ماس كېلىدىغان كۆز ئىزدەيدۇ، ۋە ئاقكۆڭۈل پەلەستىن خەلقىنى ئالداپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن، يېشىل كۆزلۈك ئوماق قىز زاھرانىڭ كۆزىنى تاللاپ ئۇنى كۆزۈڭنى داۋالايمىز دەپ ئېلىپ كېتىدۇ، بۇ جەرياندا زاھرانىڭ بوۋىسى ۋە تاغىلىرى زاھرانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ، فىلىمدە قىز قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلەمدۇ، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ، بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز ”باشباقان“ قېرىندىشىمىز تەرجىمە قىلغان ئىران ھېكايە فىلىمى «پەلەستىنلىك زەھرانىڭ كۆزلىرى » ناملىق فىلىمدە بولسۇن.
تەرجىمە قىلغۇچى :باشباقان
تەقدىر، قازا ۋە جۈزئى ئىرادە دېگەن نېمە؟ تەقدىر ھەققىدە سۆزلىگەنىكەنمىز تېمىغا ئۆتۈشتىن ئاۋۋال بەزى كەلىمىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ كەلىمىلەرنىڭ بىرسى دەل بىز تېمىمىزنىڭ بېشىغا قويغان تەقدىردۇر، ئۇنداق بولسا تەقدىر دېگەن زادى نېمە؟ قازا ۋە جۈزئى ئىرادە دېگەن نېمە؟ بۇنىڭغا قىززىقساڭلار دىققىتىڭلار داۋاملىق فەيياز ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى تارقاتقان ئۇيغۇر پىدائىيلار تەرجىمىسىدىكى «تەقدىر» نىڭ 3-قىسمىدا بولسۇن
تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111
گېرمانىيە ئەما ناخشىچىسى Joana Zimmer ئىزچىل ئۆزىنىڭ زىل ھەم سۈزۈك ئاۋازى بىلەن كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ناخشىچىلارنىڭ بىرى، گەرچە ئۇنىڭ كۆزى بۇ يورۇق دۇنيانى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئەشۇ گۈزەل ئاۋازى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان دىللارنى يورۇتۇپ كەلدى، ئۇنداقتا ھەممىمىز ئۇنىڭ ئىجراسىدىكى تۆۋەندىكى ناخشىدىن ھوزۇرلۇنۇپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : جەمشىت
مەزكۈر ناخشا Brad Paisley نىڭ 2003-يىلدىكى Mud On The Tires ناملىق پىلاستىنكىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ ناخشىدا ئاساسلىق ئۇرۇشتىن قايتقان بىر ئەسكەر بىلەن ئۇرۇش ۋاقتىدا مۇھەببىتىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تاپشۇرىۋالغان ئەسكەرنىڭ قىز دوستى ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان، ئۇنداقتا بۇ قىسقا مۇھەببەت ھېكايىسىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : سەزگۈر
تەقدىر ھەققىدە سۆزلەش چەكلەنگەنمۇ؟ پەيغەمبىىرىمىز سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم تەقدىر ھەققىدە بىر ھەدىستە شۇنداق ئېيتىدۇ : « تەقدىر ھەققىدە ھەققىدە گەپ قىلماڭلار، چۈنكى تەقدىر ئاللاھنىڭ سىرىدۇر، ئاللاھنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئۇرۇنماڭلار »، ئۇنداقتا تەقدىر ھەققىدە سۆزلەش مەنئىي قىلىنغانمۇ، ئۇنداقتا نەزىرىڭىز پىدائىيلار تورىدىكى دوستلارنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھۈججەتلىك فىلىم «تەقدىر» نىڭ 2-قىسمىدا بولسۇن
تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111
مەزكۇر شېئىر تۈركىيەلىك داڭلىق شائىر ئەردەم بەيازىتنىڭ «ساڭا، ماڭا ۋە دۆلىتىمدىكى ئىنسانلاردا دائىر» ناملىق شېئىرى بولۇپ، قىسقارتىپ «بىزلەرگە دائىر» دەپ ئالدۇق، مەزكۇر شېئىرنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندى، مەرھۇم ئانىسى تەنزىلە خانىمغا ئاتاپ ئوقۇپ بەرگەن بولۇپ، تەنزىلە خانىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەنى 2011-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن ئاخپارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كىرىشتۈرۈلگەن .
تەرجىمە قىلغۇچىلار : مەلەك ، نالەن
ھازىرقى ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەندەلۇسىيە ئۆلكىسىدىكى گىرنادا شەھىرىدە بىر قەلئەسىمان ئوردا بولۇپ بۇ دەل 14-ئەسىرلەردە گىرنادا ئەمىرلىكىنىڭ مور ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن گىرنادا شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ئەسسەبىكا تېغى ئۈستىگە سالدۇرۇلغان ئەلھەمبىرا ئوردىسىدۇر، تۆۋەندە بىز تۆۋەندىكى ھۈججەتلىك فىلىم ئارقىلىق بۇ ئوردا بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : مۇئەتتەر
ئۆزىنىڭ خۇشناۋا ئاۋازى، ياڭراق كۈيلىرى، مۇھەببەتلىك مىلودىيىسى بىلەن روسىيەدە داڭق قازانغان، روسىيە خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن مودا ئېقىم ناخشىچىسى PHILIPP KIRKOROV (فىلىپ كېركوروۋ) 1967- يىلى 30-ئاپرىل بۇلغارىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1991- يىلى تۇنجى قېتىم چەتئەللەرگە چىقىپ ئويۇن قويغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىملىق ھەم جەلىپكار ئاۋازى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا نام قازانغان. بىز ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك كۈيلىرىدىن «ئەپسۇس» ناملىق بۇ ناخشىنى ھوزورىڭلارغا سۇندۇق، بەھرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇربىيە، تۈمەنى
ئائىلىدە پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى ھەم بارلىقىدۇر، ئاتا-ئانا ئۈچۈن پەرزەنت خۇشاللىقى ھەم پەرزەنت بەختىنى كۆرۈشتىن ئارتوق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك، خوش، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ھىندىستاننىڭ بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش توغرىسىدا ئىشلەنگەن قىسقا تەرجىمە كارتونىدىن كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق، ئەمدى ئۆزبېكىستاننىڭ تۆۋەندىكى پەرزەنت مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن «پەرىشتەم» ناملىق لىرىك مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلىنايلى
مۇزىكىسى : دانىيار ئاغزاموف
بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەربىيەلەرنى ۋاقتىدا بېرىش بۈگۈنكى بالىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان دەرسلەرنىڭ بىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەر شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بالىلار تەربىيىسى توغرىسىدا ئۆزىگە خاس تەربىيە ئۇسۇللىرى بار، تۆۋەندە بىز قىسقىچە بىر كارتون ئارقىلىق ھىندىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەربىيىسىنى كۆرۈپ باقايلى
ئوردۇچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : ئەركان خوتەنى
ئۆلۈم قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا، ئىنسان مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئەمەس، ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك، ئاللاھ ۋە ئۆزى رازى بولغۇدەك ئۆلۈشكە تەييار ھالەتتەتۇرۇشى كېرەك. قېنى ئەمسە، مەزكۇر سىنغا كۆز يۈگۈرتكەچ ئۆز ھاياتىمىز ۋە ئاخىرەت ھاياتىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى
تەرجىمە قىلغۇچىلار : رەيھان ،پەرھات
لېكسىيە بەرگۈچى: جوشۇا ئىۋانس (Joshua Evans) قىسقىچە مەزمۇنى: ئامېرىكا كارولىنا شىتاتىدا توغۇلۇپ چوڭ بولغان خرىستىئان يىگىت جۇشا ئېۋانس ئۆزىنىڭ دىن ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىنى، ئىنجىلنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتىنى ۋە ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قانداقلارچە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى قىزىقارلىق، تەسىرلىك ئۇسلۇبتا بايان قىلىپ بېرىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچىلار : ئەلىف ،قۇيرۇق، ئاي تۈرك، ھىلال
تەھرىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى :دىلئارا
داڭلىق ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى يۇلتۇز ئوسمانوۋا بەلكىم تورداشلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، ئۆزىنىڭ خۇش ئاۋازى بىلەن بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان بۇ داڭلىق ئارتىس مەيلى ئۆزبېك سەھنىلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئەل سەھنىلىرىدە بولسۇن ئىزچىل ھەممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە، بەلكىم دوستلار بىر قانچە يىلدىن بېرى تۈركىيە سەھنىلىرىدە پات پات پەيدا بولۇپ تۇرىۋاتقان يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ يېڭى ناخشىلىرىنى ئاڭلىغۇسى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ناخشىدىن تەڭ ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ئالدىنقى قېتىم سىلەرگە مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان 1001 كەشپىيات ھۈججەتلىك فىلىمىنى سۇنغانىدۇق، بۇ قېتىم يۈز كۆرۈشىدىغىنىڭلار دۇنيانىڭ بىر قانچە يېرىدە ئېچىلغان 1001 كەشپىيات كۆچمە كۆرگەزمىخانىسىنىڭ تۈركىيەدىكى كۆرگەزمە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ فىلىمدىن خۇلاسە چىقارغان بۆلۈم بولۇپ، بۇ فىلىمگە يەنە «1001 كەشپىيات ۋە سىرلار كۈتۈپخانىسى» ناملىق خەلقئارادا 15 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەشھۇر فىلىممۇ قىستۇرۇلغان، ئالدى بىلەن مەزكۇر يۈرۈشلۈك فىلىم تەرجىمىسىنىڭ روياپقا چىقىشىغا كۈچ چىقارغان كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئىليار، ئالتۇن تارىم