Post Thumbnail of قىززىققانلار مەكتىپى
فىلىملەر،كىنو 2011 5-ماي | زىيارەت:4,482

مەخسۇس فىلىم ياپونىيەدىكى شۇ ناملىق تېز سىزما رەسىملىك ھېكايىلەر توپلىمى ئاساسىدا ئىشلەنگەن، فىلىمدە سۇزاران مەخسۇس جەمئىيەتتىكى نامى چىققان لۈكچەك ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان بولۇپ سىرازىۋا بۇ مەكتەپتىكى نامى چىققان ئاتامان ئىدى، كېيىن يېڭى مەكتەپ يۆتكىلىپ كەلگەن گەنجى ئۆزىگە بۇ مەكتەپتە ئورۇن تىكلەش ئۈچۈن سىرازىۋاغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ جېڭى زادى قانداق ئاخىرلىشىدۇ؟ قىززىقسىڭىز نەزىرىڭىز بۇ فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : تۇغلۇق

Post Thumbnail of سەمى يۈسۈف & ماھىر زايىن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 30-ئاپرېل | زىيارەت:6,219

ئۆزىنىڭ «مۇئەللىم» قاتارلىق يېقىملىق ئىسلامى ناخشىلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇن كەڭ مۇسۇلمان خەلقنىڭ ۋە شۇنداقلا ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەزەربەيجانلىق ناخشا چولپىنى سەمى يۈسۈف ۋە شۇنداقلا ناخشا مەزمۇنىغا چوڭقۇر مەنالار يۇغۇرۇلغان پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلغان يېتىلىۋاتقان لىۋانلىق ناخشا چولپىنى ماھىر زايىن، بۇ ئىككىلىسىنىڭ ناخشىسىنى دىيارىمىزدىكى تورداشلار ناھايىتىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىدۇ، تۆۋەندە گۇرۇپپىمىز يەنە بۇ ئىككىسىنىڭ تەستە تېپىلغان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىسىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، ئەنۋەر توختى

Post Thumbnail of يالغان
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 29-ئاپرېل | زىيارەت:3,491

بەلكىم كۆپلىگەن تورداشلىرىمىز تۈركىيەنىڭ دۇنيادا ئۆلۈمدىن باشقىسى يالغان ناملىق بۇ ناخشىسىنى ئاڭلاپ كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ قېتىم لەۋەنت يۈكسەل ۋە ئۆزبېكىستان داڭلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋا بۇ ناخشىنى قايتىدىن بىرگە ئېيتىپ چىقىپتۇ، گۇرۇپپا ئەزاسى Güηέşа بۇ ناخشىنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى، قېنى بەھىرلەنگەيسىزلەر

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : Güηέşа

Post Thumbnail of قىسقا كارتون فىلىم : سىنتىل
تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 2011 27-ئاپرېل | زىيارەت:2,390

قىسقا كارتون فىلىم : سىنتىل
بىر سىگان قىزى تۇيۇقسىز بىر كىچىك يارىلانغان دىنوزاۋۇر بالىسىنى بايقاپ قالىدۇ-دە، ھەم ئۇنى داۋالاپ ساقايتىپ ئۆز يېنىدا بېقىپ قالىدۇ، ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە دىنوزاۋۇرنىڭ ئۆز ئانىسى بالىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ، بۇ دىنوزاۋۇر بالىسىغا كۈنۈپ قالغان سىگان قىزى تاغ داۋانلارنى ئېشىپ ئۇنى تاپماقچى بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ قىز بالا دىنوزاۋۇر بالىسىنى تاپالامدۇ؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قىسقا كارتون فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of نارنىيا رىۋايىتى 1
فىلىملەر،كىنو 2011 24-ئاپرېل | زىيارەت:3,078

مەزكۈر ھېكايە ئەنگلىيەلىك داڭلىق يازغۇچى C.S . لېۋىسنىڭ « نارنىيا سەرگۈزەشتىلىرى » ناملىق داڭلىق بالىلار چۆچىكى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ھېكايىدە تۆت كىچىك بالا ئەينى ۋاقىتتىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاپىسى تەرىپىدىن ئۇرۇشتىن يىراقراق تۇرۇش ئۈچۈن يېزىغا ئەۋەتىلىدۇ، ھەم ئويلىمىغان يەردىن بىر ئىشكاپ ئارقىلىق ۋاقىت تونىلىدىن ئۆتۈپ سېھىرلىك دۇنيا نارنىياغا كېلىپ قالىدۇ، ئەسلىدىلا ناھايىتى گۈزەللىككە تولغان نارنىيا بۇ مەزگىلدە بىر ئايال پېرخون ئارقىلىق قار-مۇز دۇنياسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى، بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ بىشارىتىدە دېيىلگەن كىشىلەرنىڭ كېلىپ ئادالەتپەرۋەر ئارسلان بىلەن بۇ قار-مۇز دۇنياسىنى تېزرەك باھار ئاپتىپىغا چۆمدۈرۈشىنى ساقلاپ تۇرۇشقانىدى. ئۇنداقتا بۇ بالىلار ئارسلان بىلەن نارنىيانى قوتۇلدۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتنىشارمۇ؟…

تەرجىمە قىلغۇچى : پاسىبان www.pasiban.com

Post Thumbnail of ۋىتاس ناخشىلىرىدىن تاللانما
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 22-ئاپرېل | زىيارەت:2,504

ۋىتاس 1981-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى لاتۋىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان ھەم ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن تالانتى ئارقىلىق بارا بارا تۇنۇلۇشقا باشلىغان، 2000-يىلى ئۇ روسىيە كېرىمىل سارىيىدا ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزگەن، ھەم شۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىدە «ئوپىرا 2» ناملىق ناخشىسى بىلەن بىراقلا پۈتكۈل دۇنياغا تۇنۇلغان، ھەم ناخشىسىدىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ھازىرغا قەدەر ۋىتاس ئۆزىنىڭ بەش دانە CD پىلاستىنكىسى ۋە ئىككى مەخسۇس ناخشا پىلاستىنكىسىنى چىقارغان

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of ئەگەر قالسا ھاياتلىقتا بىر كۈن -NIK & JAY
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 20-ئاپرېل | زىيارەت:2,859

بەزىلەر خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلايدىغان كىشىلەر زامانىۋى ناخشىلارنى ئاڭلاپ كەتمەيدۇ دەپ قويىدىكەن، لېكىن مەن دەل بۇنىڭ ئەكسىچە يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا بەزىدە ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ كەتسەم بەزىدە تېخى RAP ناخشىلىرىنىڭمۇ پەيزىنى سۈرۈپ قوياتتىم، بولۇپمۇ چەتنىڭ داڭلىق RAP ناخشا چولپانلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى گەرچە تىلىنى بىلمىسەممۇ ئەمما ھوزۇرلىنىپ ئاڭلاپ كېتەتتىم، خوش، ئۇنداقتا RAP ناخشا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن NIK & JAY ناخشىلىرىنى RAP ناخشا ھەۋەسكارلىرى بىلسە كېرەك، تۆۋەندە تۇغلۇقنىڭ ياردىمىدە بۇ قالسا ئەگەر ھاياتلىقتا بىر كۈن دېگەن ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : تۇغلۇق www.tugluk.com

Post Thumbnail of سىندىبادنىڭ دېڭىز سەپىرى
فىلىملەر 2011 20-ئاپرېل | زىيارەت:1,888

مەزكۈر ھېكايە مەشھۇر «مىڭ بىر كېچە» كىتابىدىكى سىندىبادنىڭ دېڭىز سەپىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدا سىندىباد قاراقچى بولۇپ چىقىدۇ، ھەمدە مەلۇم بىر كېمىنى بۇلىماقچى بولۇپ ئەمما ئۇ كېمىنىڭ كاپىتانى ئەسلى ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىل كۆرۈشەلمىگەن كىچىك ۋاقتىدىكى ئەڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كېمىنى بۇلاشتىن ۋاز كېچىدۇ، ئەمما بۇ چاغدا قالايمىقانچىلىق ئىلاھى ئېرىس كېمىدىكى بىباھا گۆھەر تىنچلىق قامۇسىنى بۇلاپ كېتىدۇ، ھەم بۇ ئىشىنى سىندىبادقا ئارتىپ قويىدۇ، ئۇنداقتا سىندىبادنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ، ھەممەيلەن نەزىرىمىزنى تۆۋەندىكى فىلىمگە ئاغدۇرايلى…

تەرجىمە قىلغۇچى : بۇغرا ئەنۋەر

Post Thumbnail of ئاخىرقى ئۆمرۈم
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 9-ئاپرېل | زىيارەت:3,102

بۇ ناخشا گەرچە تەرجىمە قىلىنىپ بولغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئەمما ناخشىنىڭ ئەسلى MVسىنى تاپىمەن دەپ قولۇمدا باستۇرۇپ قويغانىدىم، ئەمما يەنىلا تاپالماي ئاخىرى مۇشۇنداقلا ئېلان قىلىدىغان بولدۇم، بۇ گەرچە ئادەتتىكى مۇھەببەت كۈيلەنگەن ناخشىدەك قىلغىنى بىلەن ئەمما ئۇنىڭدا بايان قىلىنىدىغىنى بىر ۋاپادار، ھەقىقى مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئۆز ۋاپادارىغا ئېيتىلغان يۈرەك سۆزلىرى بولۇپ، ئاڭلىغانلىكى كىشىگە بىر خىل ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ. ناخشىنى ئورۇنلىغۇچى يەنىلا شۇ ئىسلامى ناخشىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ماھىر زايىن بولۇپ، بۇ ناخشىسى مېنىڭ ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا بولغان ئامراقلىقىمنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of كەپشەرلەش ماشىنا ئادىمى BURN-E
تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 2011 5-ئاپرېل | زىيارەت:2,157

بەلكىم كۆپىنچىمىز كارتون فىلىم ۋاللى (WALL-E) نى كۆرۈپ باققانغۇ دەيمەن، فىلىمدە ۋاللى ناھايىتى تېزلىكتە ئۆتۈپ كەتكەن بىر كۆرۈنۈش بار، يەنى فىلىم ئاخىرىدا بىر چىراق ئوڭشاۋاتقان ماشىنا ئادەم ئۇچار كېمىنىڭ ئىشىكى ئىتىلىپ قىلىپ تۇيۇقسىزلا سىرتتا قالىدۇ، بەلكىم كۆرۈرمەنلەر يەنىلا نەزىرىنى ۋاللىغا قارىتىپ ئۇ ماشىنا ئادەمنى ئۇنتۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، ئەمما Pixar شىركىتى ئۇ ماشىنا ئادەمنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، ئۇنداقتا بىزمۇ WALL-E فىلىمىدىكى بۇ كەپشەرلەش ماشىنا ئادىمى BURN.E نىڭ قىسقىغىنە ھېكايىسىگە قولاق سالايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى

Post Thumbnail of ماھىر زايىن ناخشىلىرى 3
فىلىملەر 2011 4-ئاپرېل | زىيارەت:3,755

بۈگۈن تورداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە ماھىر زايىننىڭ يەنە بىر قانچە ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق، ئۆزۈممۇ بارغانسىرى بۇنىڭ ناخشىلىرىغا ئامراق بولۇپ قىلىۋااتىمەن، تۆۋەندىكى بىر قانچە ناخشىسىنىڭ گەرچە ئەسلى MV سى بولمىسىمۇ (توردىمۇ بۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ MV سىنى تېپىش تەس ئىكەن) ئەمما چەتئەللىك تورداشلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كىرىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە فىلىملەر ناخشىغا ناھايىتى ماس قىلىپ ئىشلىنىپتۇ، ماھىر زايىننىڭ ناخشىلىرىغا ئامراق دوستلارنىڭ ئەگەر بۇ ناخشىلىرىنىڭ ئەسلى MV سى بولسا تەمىنلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن بۇ ناخشىلىرىدىن ھەممىمىز بىردەك ھوزۇرلىنىپ تۇرايلى…

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of گېرىنىڭ شاھمات ئۇيۇنى
تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 2011 1-ئاپرېل | زىيارەت:2,002

نېمىشقىكىن Pixar نىڭ كارتونلىرىنى قانچە كۆرسەممۇ زېرىكىشلىق ھېس قىلمايمەن، ئۆتكەندە Pixar نىڭ بىر قانچە قىسقا كارتون فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كارتون فىلىملەر بولسا يەنە ئەۋەتىپ بېرىشىمنى ئېيتقانىدى، تۆۋەندىكى كارتون فىلىم Pixar نىڭ 1997-يىلى ئوسكار قىسقا فىلىملەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كارتون فىلىمى بولۇپ، فىلىمدە بىر بوۋاينىڭ يالغۇز باغچىدا بىر مەيدان شاھماتنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئويناپ تۈگەتكەنلىكىدەك ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ

فىلىمدىن ئېرىشكەن تەسىراتىم : ئادەم بۇ دۇنيادا ئۆز-ئۆزىنى خۇشال قىلىشنىمۇ بىلىشى كېرەك

Post Thumbnail of ھىتلېرنى قەستلەش
فىلىملەر،كىنو 2011 30-مارت | زىيارەت:2,578

ھىتلېر گېرمانىيىسى دەۋرىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھىتلېرنىڭ رەزىل پىلانىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە گېرمانىيەنىڭ كېيىنكى ھالاكەتلىك تەقدىرىنى ئالدىن پەرەز قىلغان بىر قسىم يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش ۋە ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق، ئىنچىكە پىلانلاش نەتىجىسىدە مەخپى ھالدا ھىتلېرنى قەستلەش پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ، ھەم Valkyrie پىلانى دەپ نام بېرىپ ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاپىتانى stauffenberg نىڭ باشچىلىقىدا بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق پىلانى ئەمەلگە ئاشامدۇ… نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز

Post Thumbnail of ئىران ھېكايە فىلىمى : ئوۋچى
فىلىملەر،كىنو 2011 25-مارت | زىيارەت:4,294

ئىراندا چوڭ سايلام بولۇش ئالدىدا كەچۈرۈم ئېلان قلىنغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئەلى قويۇپ بىرىلىدۇ، بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ، شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغان ئەلى ساقچىلاردىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، كېيىن ئۇ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ ئەسلىدە ساقچىلار بىلەن توپىلاڭچىلار(ئوخشاش بولمىغان سىياسى قاراشتىكىلەر) ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشتا، ساقچىلارنىڭ ئوقىدا بىگۇناھ ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ئەمدىلا تۈرمىدىن چىققان ئەلى قانداق قىلىدۇ؟
مەزكۇر فىلىم 2010-يىللىق بىرلىن كىنوفېستۇۋالىدا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن بولۇپ مەزكۈر فىلىمنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددى ئەمما مەزمۇنى تىرەن، كۆرۇرمەنلەر ئىختىيارى ھالدا كىنۇدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا جۆر بولۇپ كېتىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of Tell Me Why (ئېيتقىن نېمىشقا؟)
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 23-مارت | زىيارەت:2,667

Declan Galbraith ئىجراسىدىكى Tell Me Why ناملىق پىلاستىنكا 2002-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەمدىلا 11 ياشقا كىرەي دېگەن ۋاقتى ئىدى، ناخشىدا ئاساسلىق ھازىرقى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىسەنكىرەش، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسىرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان مۇناسىۋەت، بارغانسىرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان مېھىر مۇھەببەت قاتارلىقلار ئىنتايىن جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، بولۇپمۇ ناخشىنىڭ يۇقىرى دولقۇن قىسمىدىكى ئارقا ئارقىدىن بېرىلگەن سۇئال tell me why (ئېيتقىن نېمىشقا) بۇ پەقەتلا جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېيتىلغان سۆز بولۇپلا قالماستىن بەلكى غەپلەتتە ياتقان بارلىق كىشىلەرنى ئۇيغۇنۇشقا قىلىنغان چاقىرىق ئىدى، گەرچە Declan Galbraith نىڭ يەنە باشقا نۇرغۇن داڭلىق ناخشىلىرى بولسىمۇ ئەمما ھازىرچە بۇ ناخشىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرۇىغا سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى

 سىز 6-بەتتە، جەمئىي 10 بەت  « بېشى  ... « 4  5  6  7  8 » ...  ئاخىرى » 
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.