فىلىم 1992-يىللىرىدىكى كوردلار بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا ئاساسلىق ۋەتەن سۆيگۈسى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە تۇلۇق چۈشىنىپ كېتىش ناتايىن، چۈنكى فىلىمدە كۆپىنچە سۈرەتكە ئېلىنغىنى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كوردلار بىلەن جەڭ قىلىشقان ئەھۋاللىرى بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان خاتىرىلىرى، بەلكىم رېژىسسورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلب بارلىقىنى تەسۋېرلىمەكچى بولغان بولىشى مۇمكىن، قېنى قالغىنىنى كىنوخۇمارلار ئۆزلىرى كۆرۈپ بىر نېمە دېسۇن
فىلىم تىلى : تۈركچە
خېتى : ئۇيغۈرچە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس مىكروبلوگ توغرىسىدا ئىككى قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسى ئۇيۇشتۇردى، ھەم كەڭ تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىلەرگە مىكروبلوگنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا ، ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئەھمىيىتى ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئوينايدىغان رولى توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولدى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم بلوگگېرلار ئارا مىكروبلوگ قۇرۇش قىزغىنلىقى بىر مەھەل پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ھەم مىكروبلوگ توغرىسىدا بىر قاتار مۇلاھىزىلەرمۇ قىلىشقان بولدى، ئەمما بۇ جەرياندا مىكروبلوگ توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سۇئاللار شەكىللىنىشكە باشلىدى
مايكېل جېكسون، بۇ ئىسىمنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ئالساممۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى يەنىلا زېرىكمەي ئاڭلايمەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىلىرىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىمۇ ھېچقانداق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئەمما ناخشا سەھنىسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان بۇ چولپىنىمىز 2009 –يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس ئانجىلىستىكى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن ۋاقىتسىز خۇشلىشىدۇ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى كونسېرتىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىدۇ، مەزكۈر فىلىم جېكسون ھايات ۋاقتىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا تارتىلغان پارچە سىن لېنتىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ مايكېل جېكسوننىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا سۇنۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوۋغا بولۇپ قالدى، بۇ فىلىم بلوگىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىىپ ئۇيغۇر مايكېل جېكسون ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلاندى، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
مەزكۈر كارتون فىلىم ئەنگىلىيە كارتون شىركىتى Aardman نىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسىرى بولۇپ، تىپىك ئەنگىلىيە كىشىلىرىنىڭ خاراكتىرىنى ئالغان يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي كارتونلىرىنىڭ بىرى، « ۋاللاس ۋە گرومىت » نىڭ بىرىنچى قىسمى A Grand Day Out ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەم شۇنداقلا ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئارقىدىنلا ئىككىنچى قىسمى The Wrong Trousers ۋە A Close Shave دىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئېلان قىلىنىپ ئايرىم ئايرىم شۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر قىسىمدا ۋاللاس ۋە ئۇنىڭ ئىتى گرومىت يېڭى بىر بولكىخانا ئاچىدۇ، تىجارىتى تازا روناق تېپىۋاتقان پەيتتە ساھىبجامال قاتىلغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئاخىرىدا….. ئەڭ ياخشىسى كارتوننىلا كۆرۈڭ، تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ كارتونمۇ قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
راس يالغان بېنلادىن ناملىق فىلىم ھىندىستان كىنو رېژىسسورى ئابىشېك شامانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ناخشا چولپىنى ئەلى زەپپەر تۇنجى رول ئالغان فىلىم، مەزكۈر فىلىم ئاچچىق كومىدىيەگە تولغان بولۇپ پاكىستانلىق مۇخبىر ئەلى ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ئەمما ھەر دائىم رەت قىلىنىپ كەلگەنىدى، بۇ چاغدا ئۇ بىر ئوساما بېنلادىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەمنى بايقاپ قالىدۇ، ھەم ئۇ ئارقىلىق يالغان بېنلادىننىڭ سىنئالغۇسىنى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئامېرىكىغا بارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشى بىر تالاي ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا ئەلى ئامېرىكىغا بارالامدۇ يوق؟ نەزىرىڭىز شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئەلۋىن، سايمىن ۋە سىدۋۇر ئورمانلىقتىكى بىر كىچىك قارىغاي دەرىخىدە ياشاۋاتقان ئالاھىدە تىيىنچاقلاردىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار خۇددى ئىنسانلاردەكلا گەپ قىلالايدۇ ھەم ناخشا ئېيتالايدۇ، بىر كۈنى روژدېستىۋۇ بايرىمىغا يېقىن ئۇلار تۇيۇقسىز دەۋى ئىسىملىك بىر تۇنۇلمىغان مۇزىكانت بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، دەۋى ئۇلارنىڭ گەپ قىلالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئۆزى يازغان ناخشىنى ئېيتقۇزىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىر قانچە تىيىنچاقلار بىردىنلا تۇنۇلۇپ چولپانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇندىن كېيىنكى يوللار ئۇلار ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماي قالىدۇ، خوش ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانداق ئىشلارغا يولۇقىدۇ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
ھەممىمىزگە مەلۇم گوگۇلنىڭ Chrome تور كۆرگۈسى سۈرئىتىنىڭ تىزلىگى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ نەپىس، ئاددىي ئىكەنلىكى بىلەن قارشى ئېلىشىمىزغا ئىرىشتى، يېقىندا تورداش قۇتبىلىك گوگۇلنىڭ بۇ تور كۆرگۈسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭىچە بىر دېتالنى تورداشلارغا يۈز كۆرۈشتۈردى، دىتالنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇكى بەلگىلەنگەن تور بەتكە كىرمەي تۇرۇپ تور بەتكە يوللانغان ماقالىلارنى ۋە يازمىلارنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ
فىلىمدە بىر تۈركىيەلىك ئايال مۇھەببەتسىز توي ۋە ئائىلە زۇراۋانلىقى تۈپەيلى بالىسىنى ئېلىپ بىرلىكتە گېرمانىيەگە يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىۋالىدۇ، ئەمما ئۇ پەقەت توي قىلىپ بولغان ئايال بولغانلىقى تۈپەيلىلا مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، ئۆزىنىڭ باشقىلار نەزىرىدە يات بىر كىشى ھىسابلىنىدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان تۇرمۇشنى تاپماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، فىلىمدە يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم مىللەتلەردە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار دېگەن ئىدىيە ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ مەزكۈر فىلىم بېرلىن خەلقئارالىق كىنو فىستوۋالىدا ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
گرۇ مەخسۇس كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ نام قازىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، بىر قېتىم ئۇ كۆكتىكى ئاينى ئوغۇرلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر رەقىبى ئۇ پىلانلاپ ئوغۇرلاپ چىققان كىچىكلىتىش قۇرالىنى ئۇنىڭدىن ئوغۇرلىۋالىدۇ، كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرۈش جەريانىدا گرۇ رەقىبىنىڭ يېنىغا خالىغانچە كىرىپ چىقالايدىغان ئۈچ كىچىك بالىنى ۋاقىتلىق بېقىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەم سۇ ئارقىلىق كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرىۋالىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ ياخشى بىر دادىغا ئايلانغانلىقىغا قىزىقامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز يېڭى تەرجىمە خەتلىك فىلىمىمىز «رەزىل مەن» دە بولسۇن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئارمانىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ھەم بارلىق تورداشلار
بلوگوم (شاھ ئۇيغۇر بلوگى) بۈگۈندىن باشلاپ بلوگباس سۇپىسى بىلەن ھەقىقى خوشلىشىپ ۋوردپرەس مۇلازىمىتىگە تۇلۇق كۆچتى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئادىرىستا تېخىمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى داۋاملىق تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز. نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگومدا بولسۇن
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى : WWW.SHAHBLOG.NET
بىر توپ ئادەتتكى ئادەملەر ئىنسان تەبىئىتى تەجرىبىسىگە قاتناشتۇرىلىدۇ، تەجرىبە ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم ئايرىم رول تەقسىم قىلىدۇ، مەقسىتى ھەرخىل ھوقۇق ۋە ئىمتىياز شۇنداقلا شارائىتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلىش بولۇپ، فىلىمدە بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىكى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىشچانلىق خاراكتىرى ئۇچۇق تەسۋېرلەپ بېرىلگەن، فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تورداش تېكەسنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، قېنى نەزىرىڭلار فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : تېكەس
ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارزۇ ئارمىنى بولىدۇ، شۇ ئارزۇ ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز، بەزىلەر بۇ خىل جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ، بەزىلەر مەيلى قانچىلىك جاپا مۇشەققەتكە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ، ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ مېگنامۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئويلىمىغان قۇربانلارنى بېرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولالامدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «مودا» دا بولسۇن.
ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : مودا
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم قىسمەن كىتاپخۇمار دوستلار بۇنىڭ كىتاپنى ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىم دەل شۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ چۈرەۋور جىيەنى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاندىيەگە بېرىپ خەننانىڭ ياردىمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ يەر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاپماقچى بولىدۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نامەلۇم بىر غارغا كىرىپ قىلىپ چىقىش يولىنى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يەنى ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىغا كىرىپ قالىدۇ، ئۇلار بۇ يەردىمۇ ئايرىم دۇنيا بارلىقىنى ھەم كىتاپتا يېزىلغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار يەر يۈزىگە چىقىپ كېتەلەمدۇ؟ دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن
فىلىم نامى : يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
تورداشلار بەلكىم 2012 فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ فىلىمدە رېژىسسورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاخىرقى زامان ئالامەتلىرى رىئاللىق بىلەن زىچ بىرىكـتۈرگەن ئاساستا ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ھەم فىلىم قويۇلغاندىن كېيىنمۇ پۈتكۈل كىنو ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، زامان ئاخىرى، ئاخىرقى زامان توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر ئىزچىل مەۋجۈد، ھەر قايسى دىن ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاخىرقى زامان توغرىسىدا بىر بىرىگە ئوخشاش بولغان شۇنداقلا ھەم ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار ، ئۇنداقتا زامان ئاخىرى راستتىنلا يېقىنلاپ كەلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سۆزى بۇيىچە بۇنى پەقەت قادىر ئاللالا بېلىدۇ، ئۇنداقتا بىز قېنى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى ، ش ئە ئۇيغۇرى
بۇ قىسىم كارتون فىلىمنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئۇپۇق سىزىقىدىكى سۇيقەست، مەزكۈر كارتون فىلىم ياپونىيەدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ بۇ پەقەتلا ئۇنىڭ بىر قىسمى، كارتون فىلىمنىڭ بۇ قىسمىنى تورداش بۇغرا ئەنۋەر ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولغان بولۇپ بەلكىم قىسمەن تورداشلار قىلىپ بولغان بولىشى مۇمكىن، كۆرمىگەن ياكى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان تورداشلار تۇلۇق كۆرۈشنى بېسىپ كۆرۈڭ
تەرجىمە قىلغۇچى : بۇغرا ئەنۋەر