Post Thumbnail of شاكىچىك گروفاللو
تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 2013 9-مارت | زىيارەت:2,880

بەلكىم دوستلار نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان گروفاللو ناملىق كارتوننى ئېسىدە چىقارمىغان بولۇشى مۇمكىن، مانا ئەمدى بۇ گروفاللونىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ھەممىدىن قورقمايدىغان بالىسى بار بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇنداقتا ئۇ راستىنلا ھەممىدىن قورقماسمۇ ياكى دادىسىغا ئوخشاش كىچىك چاشقاندىن قورقۇپ ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي قېچىپ كېتەرمۇ، جاۋابىنى يەنىلا تۆۋەندىكى كارتوندىن كۆرگەيسىز

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of 1001 كەشپىيات (تۇلۇق)
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 28-فېۋرال | زىيارەت:4,507

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت، يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە كۆكلەم تور بېتى تەرجىمە فىلىم تور بېتىدىكى ئەلنۇر024 قاتارلىق دوستلارنىڭ بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى قاتتىق تىرىشچانلىقى ئاستىدا 1001 كەشپىيات ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىش خىزمىتى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، رەھمىتى ۋە ياردىمى بىلەن ئاخىرى تۇلۇق تاماملاندى. بۇ يەردە ئۇشبۇ فىلىم تەرجىمىسىنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشىگە ياردەمدە بولغان ھەر بىر دوستلىرىمىزغا ئالاھىدە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز، قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ فىلىمنى بلوگىمىزدا ئېلان قىلىش ۋاقتى سەل كېچكىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما تورداشلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بلوگىمىزدا فىلىمنىڭ بىۋاستە كۆرۈش ئادىرىسىنى تەمىن ئەتتۇق، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تەمىنلىگۈچى : قۇيرۇق

Post Thumbnail of تەقدىر (1-قىسىم)
فەيياز فىلىملىرى 2013 21-فېۋرال | زىيارەت:4,856

تەقدىر دېگەن نېمە؟ ئىرادە دېگەن نېمە؟ تەقدىر ئۆزگىرامدۇ؟ ئىزچىل ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق پاكىتلىرى ئارقىلىق بىزگە ھەق-ناھەقنى، ئالەم سىرىنى، ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقان فەيياز فىلىملىرى ئارقىلىق بۇ خىل سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى پىدائىيلار تورىدىكى دوستلارنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھۈججەتلىك فىلىم «تەقدىر» نىڭ 1-قىسمى تەقدىرگە ئىماندا بولسۇن

تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111

Post Thumbnail of جېنىم تېنىمدا بولسىلا
فىلىملەر،كىنو 2013 14-فېۋرال | زىيارەت:12,333

2012-يىلى ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق رېژىسسور ياش چوپرانىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نەمۇنىلىك ئەسىرى «جېنىم تىنىمدا بولسىلا» ناملىق كىنوسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كىنو ساھەسى بىلەن خوشلاشتى، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن ھىندىستان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاز بولمىغان ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، ئۇنداقتا ھەممەيلەن داڭلىق رېژىسسور ياش چوپرانىڭ بۇ ئاخىرقى فىلىمىدىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of جەننەت
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 9-فېۋرال | زىيارەت:2,703

Coldplay مۇزىكا ئەترىتى ئەنگلىيەدىكى خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن روك مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىرى، بۇ مۇزىكا ئەترىتى 20 نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى ياش بالىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ 1998-يىلى قۇرۇلۇپ ھەر بىر چىقارغان پىلاستىنكىسىدا ئاز-ئازدىن ئىلگىرلەپ ھازىر خېلى تەسىرى بار مۇزىكا ئەترىتىگە ئايلاندى، تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئىجراسىدىكى جەننەت ناملىق ناخشىسىدىن تەڭ ھوزۇرلىنايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of تەشنالىق
تەرجىمە ناخشىلار 2013 5-فېۋرال | زىيارەت:2,420

ئەدىب ئاقبايرام 1950-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيەدە تۇغۇلغان داڭلىق كومپوزىتور ۋە خەلق ناخشىچىسى، بۈگۈن ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلغان مەزكۇر ناخشا «ھەسرىتىڭدە ياندى كۆڭلۈم» بۇ يەردىكى ھەسرەت سۆزىنىڭ تەشنالىق دەپمۇ مەنىسى بار،مەسىلەن : Karanlık dolu bu dünyada nura hasretim var دېسەك، زۇلمەتكە تولغان بۇ دۇنيادا نۇرغا تەشنامەن دېگەن مەنىدە بولىدۇ، شۇڭا مەن بۇ يەردە ناخشا ئىسمىنى «تەشنالىق» دەپلا ئالدىم، بۇ ناخشىنى ئەسلى زارا دېگەن ناخشىچى پەيغەمبىرىمىزگە ئاتاپ ئوقۇغان، شۇڭا بۇ ناخشا بىر ھېساپتا ئىلاھى دەپمۇ قارىلىدۇ، ئىلاھى تۈركچىدە ئىسلامىي ناخشا،شېئىر،مۇزىكىلارنى كۆرسىتىدۇ، كېيىن يەنە نۇرغۇن ناخشىچى بۇ ناخشىنى قايتا ئوقۇپ خەلق ناخشىسىغا ئايلاندۇرىۋەتكىلى تۇرغان، ئەدىب ئاقبايراممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of پەرىشتە
فىلىملەر،كىنو 2013 31-يانۋار | زىيارەت:10,550

بۇ ئەنە شۇنداق ھېكايىلەردىن بىرى، بۇ ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە تاشلىۋىتىلگەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان بىر توپ قەدىرداننىڭ ئازاب سىمفونىيىسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىنى قىلمايۋاتقانلارغا چېلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى، فىلىمدە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدە تۇرىۋاتقان بىر بۆلەك كىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنىدۇ، قۇياشنى كۆردۈم، نيۇ-يوركتىكى بەش مۇنار قاتارلىق فىلىملىرى بىلەن دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن مەھزۇن قىرمىزىگۈلنىڭ ئۈشبۇ فىلىمى-2007 يىلى قويۇلغان بولۇپ خەلقئارا كىنو فىستىۋالىدا شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم مەھزۇن قىرمىزىگۈلنى شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى سىنارىست شەرىپىگە ئېگە قىلغان، ئۇشبۇ فىلىم ئارقىلىق شەرقى ئاناتولىيە قىرغاقلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ياۋرۇپادا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان زازالارنىڭ زازا تىلى تۇنجى قېتىم ئىكرانغا چىققان

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of جېنىم تېنىمدا بولسىلا (ناخشىسى)
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 27-يانۋار | زىيارەت:7,263

2012-يىلى ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق رېژىسسور ياش چوپرانىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نەمۇنىلىك ئەسىرى «جېنىم تىنىمدا بولسىلا» ناملىق كىنوسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كىنو ساھەسى بىلەن خوشلاشتى، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن ھىندىستان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاز بولمىغان ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، يېقىندا دوستىمىز ئەركان خوتەنى بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچى، ھازىرچە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا بۇ فىلىمگە كىرىشتۈرگەن ناخشىلىرىنى سۇنماقچىمىز، ئاللا خالىسا پات يېقىندا فىلىم ئۆزىمۇ كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of مەككىگە سەپەر
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 22-يانۋار | زىيارەت:9,952

ئىبىن بەتتۇتا (1304-1377) 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەش تانگېيردا بېربېرلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 20 ياشلار ئەتراپىدا ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان، 44 دۆلەتنىڭ تۇپرىقىدىن ئۆتكەن، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ يەتتە يۈز كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باسقان، ئىبىن بەتتۇتانىڭ ئىزى ئاساسەن ھەر بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە قالدى، مەزكۈر فىلىم يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە قانىلى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئىبىن بەتتۇتادىن ئىبارەت تاكى ھازىرغا قەدەر باسقان مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بولغان بۇ مەشھۇر ساياھەتچىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق ماتىرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of ئاللاھنىڭ سادىق قۇلى - بارلا
تەرجىمە كارتون،فەيياز فىلىملىرى 2013 16-يانۋار | زىيارەت:5,560

بلوگىمىزنى زىيارەتچىلىرى بەلكىم تۈركىيە ھېكايە فىلىمى بەددىئۇززامان سەئىد نۇرسىنىڭ كۆرەشلىرى بايان قىلىنغان ھۈر ئادەم فىلىمىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، يېقىندا SER فىلىم شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھېكايە فىلىم كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ پىدائىي تورداشلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇنۇلدى، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111

Post Thumbnail of فەيياز فىلىملىرىدىن تاللانما 1
فەيياز فىلىملىرى 2013 11-يانۋار | زىيارەت:4,425

ئۆتكەندە بلوگىمىز ئارقىلىق نۇر ئىسلام تورىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار تەرجىمىسىدىكى بەددىئۇززامان سەئىد نۇرسى فىلىمىنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق، تۈركىيە فەيياز ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى يېقىندىن بېرى بەددىئۇززامان سەئىد نۇرسىنىڭ رىسالى نۇر ناملىق ئەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئىزچىل قىسقا ھۈججەتلىك فىلىملەرنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ كەلدى، تۆۋەندە پىدائىيلار تورىدىكى دوستلارنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان فەيياز ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى تارقاتقان تۆۋەندىكى ھۈججەتلىك فىلىمدىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى

تەمىنلەپ بەرگۈچى : ئاتىللا 111

Post Thumbnail of سەن دېمەك مەن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 7-يانۋار | زىيارەت:5,208

بەلكىم كۆپىنچە تورداشلارغا مۇرات ناسىروۋ دېگەن ئىسىم ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، شۇنداق، بۇ دەل بىز كېچىكىپ تۇنۇغان، ئەپسۇس بىز تېخى ئەمدىلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلگەن چېغىمىزدا ئارىمىزدىن نۇرغۇنلىغان ئارمانلارنى ئېلىپ بىز بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشقان رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن ئەللەردە تۇنۇلغان ئۇيغۇر چولپىنىدۇر، مۇرات ناسىروۋنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىجراسىدىكى تۆۋەندىكى ناخشىدىن بىرلىكتە بەھىرلىنەيلى

تەرجىمە قىلغۇچى : سۈرخان (ئاق بۈركۈت تورىدىن)

Post Thumbnail of سۆز سۇلتانى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 3-يانۋار | زىيارەت:3,647

گىرمانىيەدە 1999-يىلى قۇرۇلغان «تامچە گۇرۇپپىسى» تەسەۋۋۇف مۇزىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە،پەيغەمبىرىمىز ۋە ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتنى ئەڭ گۈزەل كۈيلىرى بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشىپ پۈتكۈل ياۋرۇپا تەۋەسىدە نام قازانغان. بۈگۈن ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ئاتالغان «سۆز سۇلتانى»ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ باقايلى.

تەرجىمە قىلغۇچى :ئەلىف

Post Thumbnail of ۋەتەن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 2-يانۋار | زىيارەت:8,241

ئالدىنقى قېتىم ھوزۇرۇڭلارغا چېچىنچە ناخشىلاردىن «ئاتا»نى سۇنغانىدۇق، بۈگۈن چېچىن ناخشىچىلار ئىچىدىكى داڭلىق ناخشىچى تامىللانىڭ چېچىن تۇپرىقىنى مەدھىيلەپ ئېيتقان «ۋەتەن» ناملىق ناخشىسىنى سۇنىمىز، قېنى ئەمسە ھەممەيلەن ئۇلارنىڭ بۇ جۇشقۇن كۈيىگە جۆر بولايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of قەيسەر مىڭ بالا
فىلىملەر،كىنو 2012 31-دېكابىر | زىيارەت:10,044

18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئۇرۇش قاينىمىغا چۆككەنىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 200 يىلدىن بېرى ئىزچىل ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ كونتروللىقىدا تۇرغان ئوتتۇرا شەرقمۇ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلانغانىدى، رەھىمسىز ئۇرۇش ئوتى قازاق يايلاقلىرىغىمۇ تۇتاشقانىدى، ئىلگىرىكى قۇدرەتلىك قازاق خانلىقىنىڭ پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىدىن پايدىلانغان جۇڭغارلار قازاق يايلاقلىرىغا بېسىپ كىردى، جۇڭغارلارنىڭ ئايىقى تەگكەنلىكى جايلاردا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلار ئۈزۈلمىدى

تەرجىمىسىگە ئىشلىگۈچىلەر : ش.ئە.ئۇيغۇرى، نەمەتجان، تاڭجارىخ (قازاق)، ئەسقەت(قازاق)‏

 سىز 5-بەتتە، جەمئىي 21 بەت  « بېشى  ... « 3  4  5  6  7 » ...  ئاخىرى » 
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.