كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرەيلى، ئاندىن گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ۋەدە بېرەيلى، بالىلىرىمىز ئۈچۈن، بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزمۇ بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ ئۇلار ئۈچۈن بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەنسۇن، ئاندىن ئۇلارمۇ بۇ خىل روھنى داۋام ئېتىدۇ «مايكېل جېكسوننىڭ قۇتقۇزايلى دۇنيانى ناملىق ناخشىسىدىن»، تۆۋەندە مايكېلنىڭ دەل مۇشۇ ناخشىسى ھەممىڭلارنىڭ ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
ئامېرىكىلىق ياش ناخشىچى ھەم كىنو ئارتىسى سېلىنا گومېز 1992-يىلى ئامېرىكا تېكساس شىتاتى Grand Prairie كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەت ساھەسىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان، يەتتە يېشىدىن باشلاپلا ئامېرىكا داڭلىق بالىلار پروگراممىسى Barney and Friends تا ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان، 2008-يىلىدىن باشلاپ دىسنىي ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئاساسلىق رول ئېلىپ بارا-بارا تۇنۇلۇشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ناخشا ساھەسىدىمۇ ئۆزىگە خاس ناخشىلار بىلەن كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى، تۆۋەندە ھەممىمىز بىرلىكتە تەدبىركار ۋە تورخۇمار كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى تەدبىركارنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنغان سېلىنا گومېز ئىجراسىدىكى «كىم دەيدۇ» ناملىق ناخشىدىن بەھىرلەنگەچ بۇ ئارتىس بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركار www.turhumar.com
دۇنيادا ئانا ھەققىدە ئېيتىلغان كۈيلەر ناھايىتىمۇ جىق، چۈنكى بالا بولمىش بىزلەر ئانىنى ھەر قانچە كۈيلىسەكمۇ ھەر قانچە قوشاقلارغا قاتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ، كونىلاردا ئاناڭنىڭ ساڭا بەرگەن بىر تېمىم سۈتى بەدىلىگە يەتتە قېتىم مەككىگە يۈدۈپ ئېلىپ كەلسەڭمۇ ئازلىق قىلىدۇ دېگەن گەپ بار، شۇڭلاشقا ئانا كۈيلەنگەن ناخشىلار ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ، خوش، ئۆتكەندە بىز بلوگىمىزدا خەلقئارالىق داڭلىق ناخشىچى ۋىتاسنىڭ ئانا ھەققىدە ئېيتىلغان ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئۆتكەنىدۇق، بۇ قېتىم بۇ ئوكرائىنلىق كىچىك قىزچاقنىڭ ئانا كۈيلەنگەن ناخشىسىغا بىرلىكتە جۆر بولايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان خەلقئارالىق ناخشا چولپىنى ۋىتاسنى بۇ يەردە قايتا تۇنۇشتۇرمىساممۇ ھەممىمىز بىلىمىزغۇ دەيمەن، ئۆتكەندە ۋىتاسنىڭ ناخشىلىرىنى بىر قانچىنى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان دوستلار بۇ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشا چولپىنىنىڭ باشقا نادىر ناخشىلىرى بولسىمۇ داۋاملىق يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىشقانىدى، تۆۋەندە ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ئوپىرا 2 ناملىق ناخشىنىڭ بېشى بولغان ئوپىرا 1 ناملىق ناخشىسى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ناملىق ئىككى ناخشىسىنىڭ تەرجىمىسىنى كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرۇغا سۇندۇق، ئۇنداقتا ھەممەيلەن بۇ خەلقئارالىق ناخشا چولپىنىنىڭ ناخشىلىرىغا بىرلىكتە جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
كورىيە دەۋر قىزلىرى گۇرۇپپىسى يېقىنقى يىللاردا كورىيەدىكى سەنئەت ساھەسىدە تېزلكتە داڭق چىقارغان گۇرۇپپىلاردىن بولۇپ، SM ENTERTAINMENT شىركىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تاللاش ۋە تەربىيەلەش نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان كورىيەدىكى قىزلار گۇرۇپپىلىرى ئىچىدىكى ھەر تەرەپلىمە يېتىشكەن ھەم ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنىدۇر، گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن بۇيان تاكى ھازىرغىچە ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ھەممىسى كورىيەدىن ھالقىپ شەرقى ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە شۇنداقلا چوڭ قۇرۇقلۇقتىمۇ نۇرغۇن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ تۆۋەندىكى شاكىلات سۆيگۈ ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ باقايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم شەھەر بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياپونىيە كۆپ قىسىملىق كارتۇن فىلىمى ناروتونى كۆرمىگەنلەر ئاز بولسا كېرەك، ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ دەسلەپتە بۇ كارتون فىلىمگە قىززىقىپ قالغان بولساممۇ ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇلۇق كۆرۈپ بولالمىغانىدىم، تەرجىمە گۇرۇپپىسىنى قۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا گەرچە بۇ كارتوننى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ئەمما تاكى ھازىرغىچە تەرجىمانلار سانى ئاز سەۋەبى بىلەن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشماي قالدى، تۆۋەندە بۇغداي نېنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن دېگەندەك گەرچە كارتوننى تەرجىمە قىلالمىغان بولساقمۇ ئەمما بۇ كارتون فىلىمنى كۆرگەنلەرگە تۇنۇش بولغان تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنىڭ ئاساسى ناخشىسىنى تەرجىمە قىلىپ سۇندۇق، كارتوننى كۆرگەنلەر يەنە بىر قېتىم ئاڭلىۋەتكەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى
بلوگىمىزدا ئۆتكەندە ماھىر زەيىننىڭ بىر قانچە ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان تورداشلار ماڭا ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى تۇنجى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئەمما قەۋەتلا ياخشى كۆرگەنلىكىنى، شۇنداقلا باشقا ناخشىلىرى بولسا بىرگە تەرجىمە قىلىپ قويۇشىمىزنى ئېيتقانىدى، يېقىندا ئۇنىڭ پەلەستىننى كۈيلەپ ئېيتقان بۇ ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ ئىشلەنگەن MV نى كۆرۈپ بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھر ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : KARDU
بەلكىم بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان مايكېل جېكسوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۈججەتلىك فىلىمى THIS IS IT نى كۆرگەن دوستلار ئۇنىڭ فىلىم ئاخىرىدا ئېيتقان يەرشارى ناخشىسى ناملىق بىر ناخشىنى ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن، مايكېل ئۆزىنىڭمۇ بۇ فىلىمدە مۇنداق بىر سۆزى بار، « بىزنىڭ يەرشارى ئاغىرىپ قالدى، خۇددى بىز قىززىپ قالغاندەك، شۇڭلاشقا بىز دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بارمىساق ئۈلگۈرەلمەيمىز، بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمىز» شۇنداق، يەرشارى راستتىنلا ئاغىرىپ قالدى، ئىنسانلارنىڭ توختىماستىن بىلىپ بىلمەي ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ھېلىمۇ يەرشارىنى ئېغىر ھالسىرىتىپ قويدى، يېقىندىن بېرى توختىماستىن يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل تەبىئەت ئاپەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر، چوڭ يەردىن سۆزلىمىسەكمۇ ئەتراپىمىزغا نەزەر تاشلىساق ئۈرۈمچى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كۆرگەن كۆپكۈك ئاسمانلارنى ھازىر كۆرگىلى بولمايدۇ، يىراقتىن ئۈرۈمچىگە نەزەر سالساق كۆرىدىغىنىمىز يوغان قاپقارا ئىس خۇددى ئۈرۈمچىنى ئوراپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنىدۇ، قىسقىلا قىلىپ ئېيتسام قىسقىغىنە نەچچە يىلدا ئۈرۈمچى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم، لېكىن بۇ يەرشارى بىزگىلا ئەمەس كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ كېرەك ئىدى….
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
ئۆزىنىڭ كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك ئاۋازى ھەم مۇڭلۇق ناخشىلىرى ئارقىلىق ھەممىگە تۇنۇلغان Sarah Connor (سارا كوننور) گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، سەنئەت ھاياتىدا ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ خەلقئارالىق سەنئەت ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات Echo مۇزىكا مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال روك ناخشا چولپىنى ۋە Goldene Europe مۇزىكىچىلار مۇكاپاتى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئايال ناخشىچى قاتارلىق داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا پۈتۈن گېرمانىيىنى زىل – زىلگە سېلىپ گېرمانىيە ناخشا ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان، بۇ قېتىم كەڭ دوستلارغا Sarah Connor ۋە ئۇنىڭ يولدىشى Marc Terenzi بىلەن بىرلىكتە ئېيتىپ چىققان Just One Last Dance ناملىق ناخشىسىنى كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم تورداشلار ماھىر زايىننىڭ ناخشىلىرىنى يەنە سېغىنىپ قالغان بولسا كېرەك، ئۆزۈممۇ بۇنىڭ ئېيتقان ھەر قانداق ناخشىلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم، بولۇپمۇ گۇرۇپپىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەرجىمانى ئەركان خوتەنى ئەپەندىمنىڭ قەيەرلەردىندۇر ئىزدەپ تېپىپ بەرگەن ماھىر زايىننىڭ يېڭى ناخشىلىرى تاپشۇرۇپ ئالساملا خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەكلا خۇشال بولۇپ كېتەتتىم، بۇ قېتىم ئەركان خوتەنى تەمىنلىگەن ھەم تەرجىمە قىلىپ سۇنغان ماھىر زايىن ئىجراسىدىكى تۆۋەندىكى ئەركىنلىك ناملىق ناخشىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ManGa گۇرۇپپىسى 2001-يىلى ئەنقەرەدە قۇرۇلغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان خەلقئارا سەھنىلەردە ناخشا ئېيتىپ كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ناخشىلىرىنىڭ ئارىسىدىن Bir kadın çizeceksin ناملىق ناخشىسى 2006FIFA نىڭ ناخشىسى بولۇپ تاللانغان، بۇ قېتىم كەڭ تورداشلارغا سۇنىدىغىنىمىز 2010-يىللىق ياۋروپا MTV مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان تۈركىيە ManGa گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە قاتناشتۇرغان ئەسىرى We Could Be the same(بىز ئوخشىشىپ قالىمىز ھامان)
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
چايان مۇزىكا ئەترىتى ئىجراسىدىكى Holiday (دەم ئېلىش كۈنى) ناملىق ناخشىنى بەلكىم ئاڭلىمىغان دوستلار ئاز بولسا كېرەك، گەرچە بۇ ئىجاد قىلغىلى خېلى بولۇپ قالغان ناخشا بولسىمۇ ئەمما روك ناخشا ساھەسىدە ھازىرغىچە ئوخشىمىغان ئۇسلۇب ۋە ئوخشىمىغان تىللاردا داۋاملىق ئېيتىلىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا تاكى ھازىرغىچە روك ناخشا ساھەسىدىكى كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشا ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئېسىمنى بىلىشىچە دىيارىمىزدىكى قىسمەن ئۇيغۇر ناخشىچىلارمۇ بۇ ناخشىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقاندەك قىلغان، ئۇنداقتا تۈمەنى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن بۇ ناخشىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئۆز تىلىدا بىرگە ئاڭلاپ باقمامدۇق…
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى تەرجىمە گۇرۇپپىسى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېغىشلانغان مەدھىيە سادالىرى تورداشلارغا ناتونۇش ئەمەس، سەمى يۈسۈپ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىسلامى ناخشىلىرى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرىدىن بۇنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئىسلام كۈيلىرىنى ئورۇنلىغۇچى سەمى يۈسۈپ ۋە ماھىر زەيىندىن باشقا، ئەرەپ ناخشىچىسى ھامادا ھىلالنىڭمۇ بۇ توغرىىسىدا كۈيلەنگەن كۈيى بار بولۇپ گۇرۇپپىمىز ئۇنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۈيلەپ ئوقۇغان مەدھىيە ناخشىچىسنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق، قېنى تورداشلار ئورتاق ھاماداننىڭ ساداسىغا جۆر بولايلى!
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ ساھەدە ئازدۇر كۆپتۇر تۆھپە قوشىۋاتقان كىشىلەرمۇ بارغانسىرى كۆپەيدى، نۇرغۇنلىغان بېكەت باشلىقلىرىمۇ ئارام تېپىپ قالغان چاغلىرىدا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئىككى ناخشىنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشتى، تۆۋەندە ئىزچىل ئۇيغۇر بلوگچىلىق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ئاز تولا خەتلىك ناخشا تەرجىمە قىلىپ بۇ ساھەنى بېيىتىۋاتقان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ بېكەت باشلىقى ئۇيغۇربەگنىڭ تەرجىمە قىلغان «ياۋرۇپا ئاسمىنى» ناملىق ناخشىنى مەخسۇس بېكەت ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، لىرىك مۇزىكىغا بىرلىكتە جۆر بولغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
ئانا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، باغرى ئىنتايىن كەڭ ئىنسان، ئەمما ئانا ھايات ۋاقتىدا سىز ئۇنى ھېس قىلىپ بولالمايسىز، پەقەت سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرغاندا ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئانىلىق قەلبى ۋە ئانىلىق باغرىنى ھېس قىلىسىز. ئانا مۇھەببىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتتۇر! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم ئانىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ سانسىزلىغان ئەجرى ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ تىگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز ئانىلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، چۈنكى دۇنيا بىزگە باقىي ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۈنى خۇشاللىق ۋە تىنىچ-ئامانلىق ئىچىدە ئۆتكەي، تۆۋەندە كەڭ تورداشلارغا داڭلىق ناخشىچى ۋىتاسنىڭ ئورۇنلىشىدا «ئانا» دېگەن ناخشىنى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى