ئۇ ئىلگىرى دۇنياغا داڭلىق قەھۋەخانىدا مۇلازىم بولۇپ ئىشلىگەن، يۈرىۋاتقىلى سەككىز يىل بولغان قىز دوستىغا توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توينىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم ئالغان، ئەمما قىز دوستى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە باش قىسمى ئېغىر يارىلىنىپ، داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ئەقلى قابىلىيىتى ئىككى ياشلىق بالىدەك بولۇپ قالغان. ئۇ ئامېرىكا چولپانلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇكاپات ئېلىپ ئايالىنى داۋالاتماقچى بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا 24 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تۆۋەندىكى چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ناخشىسى «What Are Words» نى كۆپچىلىككە سۇنغان…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
دەرۋىش ئانسانبىلى 1999-يىلى 7-ئايدا قازاقىستاندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشا ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن ھەم شوخ ناخشىلىرى بىلەن كەڭ تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا شۇنداقلا رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شۆھرەت قازىنىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كۈيلىرىنى جاھانغا تۇنۇتۇشتا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، تۆۋەندە ھەممىمىز ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيلەنگەن قازاقچە «ئايلىناي» ناملىق ناخشىسىغا جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
Dima Bilan (روسچە يېزىلىشى Дима Билан)، رۇسىيەنىڭ Karachayevsk جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان، 2003-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسى «كېچىدىكى لۈكچەك»نى تارقىتىپ سەنئەت ساھەسىگە رەسمىي قەدەم تاشلىغان، ئارقىدىنلا На берегу неба (جەننەت قىرغىقى)، Время-река (ۋاقىت ئېقىنى)، Против правил (قارشىلىق مىزانى) ۋە Believe (ئىشەنچ) قاتارلىق بىر يۈرۈش ئېنگىلىزچە ۋە روسچە پىلاستىنكىلارنى بازارغا سېلىپ كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان، سىزگە سۇنغىنىمىز ئۇنىڭ Believe ناملىق پىلاستىنكىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسى شۇنداقلا 2008-يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن ناخشا-ئىشەنچ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئىسلامى كۈيلىرى بىلەن كەڭ مۇسۇلمان دوستلارغا تۇنۇلغان ئەزەربەيجانلىق ناخشا چولپىنى سەمى يۈسۈپنى بەلكىم تۇنۇشتۇرمىساممۇ كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇ شۇنداقلا ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، سەمى يۈسۈپ ئىزچىل ھەرخىل تىللاردا ئىسلام كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە، تۆۋەندە بىزمۇ ئۇنىڭ كۈيلىرىگە تەڭ جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئىسلامى كۈيلىرى بىلەن بارچىغا تۇنۇلغان ياش لىۋانلىق ناخشا چولپىنى ماھىر زايىننىڭ ناخشىلىرى بەلكىم تورداشلىرىمىزغا ئانچە يات ئەمەس دەپ ئويلايمەن، (ئەلۋەتتە بلوگىمىزنىڭ ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان ناخشىلىرىنى ئاڭلىغان تورداشلارلا بولسا)، تۆۋەندە بۇ ناخشىچىنىڭ يەنە بەرىكەتلىك ئاللاھ ۋە ئويغان ناملىق ئىككى ناخشىسىنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ئىسلام كۈيلىرىگە تەشنا قەلبىمىز ئاز-تولا بولسىمۇ قانغۇسى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
داڭلىق رەپ ناخشىچىسى ئېمىنېم، 1972-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇپ ئاساسلىق Hardcore Rap ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىپ ئامېرىكىدىكى Rap ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ زەربە نىشانىغا ئۇچرىغان ناخشىچى بولۇپ قالغان، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ ئامېرىكا سەنئەت ساھەسىدە مادوننا ۋە پېتېر.جابۇلېردىن قالسىلا ئېرىشكەن مۇكاپات سانى ئەڭ كۆپ ناخشىچى ھېسابلىنىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئوپىرا خانىشى، سەھنىدىكى پەرىشتە، گىگانت چولپان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تەرىپلەرنى ئالغان مۇزىكا خانىشى Sarah Brightman (سارا برايتمەن) 1960-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ 18 يېشىدىن باشلاپ سەھنىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ ئۇدا ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ كەلگەن، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىشى 15 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ يېڭى رېكورد ياراتقان، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس يۇقىرى ئاۋازى بىلەن ئورۇنلىغان ھەر خىل ناخشىلىرى ئىزچىل ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، ئۇنداقتا بىزمۇ بىرلىكتە بۇ داڭلىق ناخشىچىنىڭ كىلاسسىك ھەم زامانىۋى تۈس ئالغان ناخشىسىدىن ئاڭلاپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
M2M ئەسلى نورۋىگىيىلىك ئىككى قىز Marit ۋە Marion دىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا بولۇپ 1990-يىلى بۇ ئىككى قىزنىڭ ئورتاق مۇزىكا ھەۋىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قېلىپ ئورتاق نىشان ئاستىدا قۇرۇپ چىققانىدى، ئۇلارنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى نورۋىگىيە تىلىدا ئېيتىلغان بالىلار ناخشىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا نورۋىگىيەدىكى ئالىي مۇكاپات تۈرى بولغان Spillemanspriest مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى بالىلار پىلاستىنكىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى، گەرچە بۇ ئىككى ئۇماق قىزدىن تەشكىل تاپقان M2M گۇرۇپپىسى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى 2002-يىلىغا كەلگەندە تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇن مۇڭلۇق كۈيلىرىنى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كەلمەكتە.
تەرجىمە قىلغۇچى : تۇغلۇق www.tugluk.com
ئاندىرىيا بوچىللى، 1958- يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىتالىيىدە تۇغۇلغان يۇقىرى ئاۋازلىق ئەما ناخشىچى، ئۇ كۆپ قېتىم سەييارە ئويۇن قويۇپ ھەم كونسىرىتلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق ناخشا ساداسى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىترەتكەن ھەمدە مۇھەببەت مىلودىيىسى ناخشىچىسىغا ئايلانغان. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئىجراسىدا مېكسىكىلىق ئايال كومپوزىتور ھەم پىئانىنو تەڭكەشچىسى كونسىئولو ۋالازكۇئېر يازغان چوڭقۇر سۆيۈش ناملىق كىلاسسىك ناخشىنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
تايلور سىۋېت (Taylor Swift) ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى (Country music) ئۇسلۇبىدىكى ناخشىلار بىلەن داڭق چىقارغان ناخشا چولپىنى، ئۆزى ھەم گىتتار ھەم پىئانىنو قاتارلىق سازلارنىمۇ چالالايدۇ، ئۇ 2006-يىلى مۇستەقىل پىلاستىنكا شىركىتى Big Machine بىلەن توختام تۈزۈپ شۇ يىلدىن باشلاپ ھەقىقى تۈردە ئۆزىنىڭ پىلاستىنكىسىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ ھەم ناخشا پىلاستىنكىسىمۇ ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى يىللىق ئەڭ نادىر پىلاستىنكا قاتارلىق ئالىي مۇكاپالارغا ئېرىشىدۇ، تۆۋەندە ئۇنىڭ نادىر كۈيلىرىدىن بىرى بولغان مەنسۈپسەن ماڭا ناملىق ناخىشىسىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : سابا
بەلكىم بىر قىسىم تورداشلىرىمىز ياپونىيە كارتون فىلىمى « ئاخىرقى فانتازىيە » نى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، ھەتتا ئۇنىڭ ئۇيۇنىنى ئويناپ ئۈلگۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس بەلكىم، ھەتتا بىر قىسىم تورداشلار بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى كىرىشتۈرۈپمۇ ئۈلگۈردى، تۆۋەندە تورداشلارغا شەمسىنىڭ تەرجىمىسىدە «ئاخىرقى فانتازىيە X_II » نىڭ قىستۇرما ناخشىسىنى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى
كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇتلۇق ئېيى بولغان رامىزان ئېيىمۇ يېتىپ كەلدى، بلوگىمىزمۇ بۇ قۇتلۇق رامىزاندا كەڭ دوستلارغا ئۆزىنىڭ كىچىككىنە سوۋغىسىنى تەغدىم ئەتمەكچى، بۈگۈندىن باشلاپ تاكى رامىزان ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ روزا ھېيتقىچە بولغان ئارىلىقتا بېكىتىمىزنىڭ رامىزانلىق سەھىپە بېتىدە (تور بەتنىڭ ياندىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ئېچىلىدۇ) كۈندە بىر ئىسلامى ناخشىلار ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ، تۆۋەندە «رامىزان خوجىسى» ناملىق ناخشىنى قۇتلۇق رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنىگە بېغىشلايمەن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
يېقىندا دوستلارغا رامىزانلىق سوۋغا تەييارلاش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ باشقا تەرجىمىلەرنى پۈتتۈرۈشكە تۈزۈك ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالماي قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئالدىراشلىقى بىلەن تەرجىمىسى پۈتۈپ قالغان بىر قىسىم فىلىملەرنىڭمۇ رەتلەش، تەھرىرلەش ئىشلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ قالدى، ئەمما تورداشلارنىڭ ئەمگىكى ئەلۋەتتە بىكار كەتمەيدۇ، پات ئارىدا ئالدىراش ۋاقىت بىر مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭى كارتون ۋە يېڭى فىلىملەر داۋاملىق تورداشلارنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ، بۈگۈنچە يېقىندا توردىن تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالغان بۇ روسچە مۇڭلۇق ناخشىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئاجرىتىپ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئىنسان بۇ دۇنيادا ئۈمىد ئارزۇ بىلەن ياشىغاندىلا تۇرمۇشقا ئىشەنچ بىلەن باققاندىلا ئاندىن ئىستىقبال تاپالايدۇ، پەقەت ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغاندىلا ئاندىن قۇدرەت تاپالايدۇ، ئىشەنچ كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدۇ، ئۆز-ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز قانچىكى كۈچەيسە ئىقتىدارىمىزمۇ شۇنچە ئاشىدۇ، قېنى ئۇنداقتا ھەممىمىز تۆۋەندىكى كىشىنى ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە چاقىرغان ئەرەب ناخشىچى HAMZA NAMIRA نىڭ ئارزۇلار ھەمراھدۇر ماڭا ناملىق ناخشىسىفا جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : KARDU
Native Deen بولسا ئىسلامىي تىمىدىكى رەپ ناخشىلارنى ئېيتىدىغان بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئۆزلۈكسىز يېڭى ئىجادىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا، «يالغۇزلۇقتىن قورقمايمەن ئەسلا» بولسا ئۇلارنىڭ ۋەكىل خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغاندىمۇ، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، يەنى ھەققانىيەت ئالدىدا يالغۇزلۇق ھېس قىلماسلىقتەك جاسارىتىنى مەدھىيلىگەن. مەزكۈر ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى توردا ئەسلى نۇسخىسىنى تاپالمىغانلىق تۈپەيلى كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ئارقىلىق جەمشىتنىڭ ياردىمىدە بىۋاستە ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى : جەمشىت