سىڭىپ كەتتىم بۇ ئاخشام

Post image of سىڭىپ كەتتىم بۇ ئاخشام
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 8

سىڭىپ كەتتىم بۇ ئاخشام

تۈركىيىلىك ياش ناخشىچىسى Bora Duran (بورا دۇرئان) نىڭ روك ئۇسلۇبىدا ئېيتىلغان «سىڭىپ كەتتىم بۇ ئاخشام» ناملىق مۇھەببەت ناخشىسى ئۆزىنىڭ يېقىملىق ملودىيىسى ۋە يۈرەكنى تىترەتكۈچى كۈيلىرى بىلەن تۈركىيىدىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا سەنئەت ساھەسىدە كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، بىزمۇ بۇ ناخشىنى ھوزورىڭلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر…

تەرجىمە قىلغۇچى : NAWA 0998

مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۈرمەت قىلىڭ

يازما ئاپتورى:

توردىكى نامىم Tumani، يەنى ئانا يۇرتۇم قەشقەرنىڭ ئەزىز دەرياسى «تۈمەن دەرياسى»نىڭ نامىدا قويۇلغان، ئەدەبىيات-سەنئەتكە قىزىققاچقا دەسلەپتە توردا ھېكايە، شېئىرلانى يېزىپ تۇردۇم، كېيىنچە، مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە تاھىر خۇددى زۆھرەگە ئاشىقى–بىقارار بولغاندەك ئاشىق بولدۇم. شۇندىن بۇيان «تۈمەنى تەرجىمىلىرى» نامىدا تا ھازىرغىچە فىلىم ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن

2013.06.3 يوللىغۇچى: تۈمەنى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

8 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2013.06.3
15:42
1-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» دەيدۇلەركى :

ياخشى ناخشىكەن…

بۇ باھاغا پىكرىم بار


nawa0998 مۇنداق يازغان:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇربەگ ، بۇ مىنىڭ شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدا تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغان ئەسىرىم، كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىلە، رەھمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

بۇ ناخشىنى ئۇيغۇربەگ بىلەن تەرجىمە قىلغانما، ياخشى ناخشىكەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

ئۆزى مۇستەقىل تەرجىمە قىپتۇ… :razz:


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ناخشىنىڭ تەرجىمىسىدە گەپ يوق. تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى قېرىنداش تىل بولغاچ نۇرغۇن سۆزلەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ ياكى ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ ماس كېلىدىغان سۆزلەر ھامان چىقىدۇ. بۇ ناخشىدىكى تەرجىمە ئاساسەن ئۇيغۇرچىدىكى مەنە تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىپتۇ، يەنى بەزى سۆزلەرنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلماي ئۇيغۇرچىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش، تېكىستتە يوق سۆزلەرنى قوشۇپ قويۇش قاتارلىق قاتارلىق كىچىككىنە كەمچىلىك بار دەپ قارايمەن. مەنمۇ يېڭى ئۆگەنگەندە مۇشۇنداق تەرجىمە قىلاتتىم، كېيىن بارا-بارا بۇ ئىشلارغا كۆنگەندە بىۋاستە تەرجىمەلا قىلىڭ، ئارتۇق سۆز قوشۇشتىن ساقلىنىڭ. :oops: ئەمدى مەنمۇ ھېلىھەم ئۆگەنگۈچى بۇ تىلنى…

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۈمەنى مۇنداق يازغان:

قالدۇرغان سۆزىڭىزنى كۆردۈم. بۇنىڭ تەرجىمىسىنى ناۋا0998 تەرجىمە قىلىپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن، مەن كىرىشتۈرگەن، ناۋا0998 تەرجىمە قىلغاندا سىز ئېيتقاندەك ئۇدۇل تەرجىمە قىلغانىكەنتۇق، بىراق مەن كۆنۈپ قالغان تەرجىمە ئادىتىم بويىچە ئازراق بەدىئىي ئىش قوشۇپ كىرىشتۈرگەن، بۇندىن كېيىن بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىمەن، بولۇپمۇ تۈركچە MTV لارنى ئۆز ئەسلىنى ساقلىغان ئاساستا تەرجىمە قىلىمەن، بەرگەن تەكلىپىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم، رەھمەت، داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز قېرىندىشىم!!!

2013.06.3
21:12
2-قەۋەت: «پەلەستىنلىك» دەيدۇلەركى :

ياخشى ناخشىكەن رەخمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.07.15
23:23
3-قەۋەت: «nail» دەيدۇلەركى :
ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量