ئىز قوغلاش ناملىق بۇ فىلىم ئامىرخاننىڭ 2012-يىلدىكى ئەڭ ياخشى بىلەت كىرىمى ياراتقان فىلىمى بولۇپ مەزكۈر فىلىم ئامىرخان بىلەن كەرىنا كاپۇرنىڭ «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق بىرگە ھەمكارلىشىپ ئىشلەنگەن فىلىمىدۇر، فىلىمدە داڭلىق چولپانلار رول ئالغان بولۇپلا قالماستىن بېلەت كىرىمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان، ھەمدە مەزكۇر فىلىم بوللوۋود ئوسكار مۇكاپاتىغا نائىل بولغان، فىلىم قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بېلەت كىرىمى ئەڭ ياخشى بولغان ئون كىنونىڭ بىرى بولغان، ئۇنداقتا فىلىم ئېلان قىلىنغىچە فىلىمنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسىدىن تەڭ بەھىرلىنىپ تۇرايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مېنىڭچە ھىندىستان فىلىملىرى تېخى شەيتان كۆزلەرنىڭ دەرىجىسىدىن سەل يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامىرخان رول ئالغان فىلىم بولغانىكەن چوقۇم سىزنى مەلۇم نەرسە ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ بىلەت كىرىمى ئۈچۈن فىلىم ئىشلىمەيدۇ ۋە ئالدىراپ ھەرقانداق رولغا چىقىۋەرمەيدۇ
كىنوسىنى قاچان تەرجىمە قىلار ؟
بۇ كىنو pptv بار ئىكەن .. كۆرۈپ بېقىڭلار .. بەك ياخشى كىنوكەن
ناخشىنىڭ تېكىستى ياخشى يېزىلغانكەن. كىنوسىنى بىر كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك.
ھىدىستان دىسە ھەممىسىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا تاغلاردا باغلاردا ناخشا ئېيتىۋاتقان ئارتىسلار كىلىدۇ، ئامىرخان ئۆزىمۇ مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ھەم شۇنداقلا ھىدىستان كىنوچىلىقىدا نۇرغۇنلىغان شان- شەرەپلەرگە نايىل بولغان، ئۇنىڭ كىنولىرى ئۇتۇق قازانماي قالمايدىكەن، ھەم 2012 يىللىق كىنوسىنىمۇ بىز كۆرۈشكە مۇيەسسەر بۇلىۋاتىمىز، تور بىكەت باشلىقلىرىغا رەھمەت ئۆز تىلىمىزدا تەرجىمە قىلىپ بىزلەرنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنىۋاتىسىلەر بۇ ئاسان ئىشمۇ ئەمەس مەنمۇ شۇنداق قىزىقىمەن تەرجىمە ئىشلىرىغا بىراق ھىچقانداق تىل بىلمەيمەن، ئەپسۇس ئامال قانچە شۇنداقتىمۇ سىلەرنىڭ تەرجىمە قىلىۋاتقان ھەر بىر كىنو -ناخشىلىرىڭلارنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن، تېخى بەزىللىرىنى ساقلىۋالدىم، رەھمەت سىلەرگە جاپا چەكتىڭلار
ئاخىرىدا سۇرايدىغان ئىشىم بار ئىدى، باش سۈتىتىمنى قانداق تەڭشەيمەن دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن، رەھمەت
http://www.torhumar.com/gravatar.html مۇشۈ مەنزىلدىكى ئۇسۇل بىلەن باش سۈرىتىڭىزنى ئۆزىڭىز خالىغان ھالەتكە ئۆزگەرتىۋالالايسىز
كىنوسىنى بەك ياقتۇردۇم ، ئارقىمۇ ئارقا ئىككى قېتىم كۆرىۋېتىپتىمەن … ھەقىقەتەن پەيزى ئىشلەپ قويۇپيۇ … ئويلىمىغان يەردىن چىقتى فىلىن نەتىجىسى …
ئامىرخان رىياسەتچىلىك قىلغان ( ھەقىقەت ھەققىدە سۆھبەت ) پىروگىراممىسىنى داۋاملىق تەرجىمە قىلغىلى بولماسمۇ
راستىنى دېسەم بۇ كىنونى كۆرۈپ ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىم،زادى نېمە دېمەكچىدۇ؟روھ ھەقىقىي ئادەم سىياقىدا چۆرگىلەپ يۈرۈپتۇ،تېخى ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىپ،ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىپ يارىلىنىپ…
مەنغۇ ئۈچ ئەخمەق دىگەن كىنونى خىلى كۆرۈپ قوياتتىم.
كىنوسىنىمۇ نەچچە قېتىم كۆرۈپ بوپتىمەن ، ئەمما نوچى كىنودە بۇ !!
بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ،كىنوسى قانداقتۇر دىگەن ئويغا كىلىپ قالدىم.كىنوسىنىمۇ بىر كۆرۈپ باقاي.
خەتلىك تەرجىمىسىنى كۆرۈشنى ساقلاۋاتىمەن. كۆپ ئەجىر قىلىۋاتىسىلەر، كۆپ رەھمەت. مەن ھىندىستان كىنولىرىنى كۆرۈشنى پەقەتلا خالىمايتتىم. 2010-يىلى ‹ نامەلۇم ئۆلۈم› نى كۆرگەندىن كېيىن ھىندىستان كىنو ئىشلەش ساھەسىدە بۇرۇلۇش بولغاندەك ھېس قىلدىم ۋە شۇندىن كېيىن ‹ ئۈچ ئەخمەق› ، ‹ يەر شارىدىكى يۇلتۇز › …لارنى بەكلا ياقتۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن ئەمدى ھىندى كىنولىرىنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ كۆرسەك بولىدىغان بوپتۇ دەپ ئويلىدىم.
02:36
ۋايۋايۋاي دىۋان
لىكىنزە ئۈچ ئەخمىقتەك كىنو جاھاندا بىر جۇمۇ …. قارىماققا بۇكىنو بەزى شەيتان كۆزلەنى ھېيتلىتىش ئۈچۇن يىتىپ ئاشقۇدەكمۇ قانداق …
بۇ باھاغا پىكرىم بار