مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1136 رەت   / مەنبە: -

بەزىلەر ئاشقازان-ئۈچەي يارىسىنى ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ. مەن تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق قاراشقا كەلدىم. ئاتالمىش ئاشقازان-ئۈچەي يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرخىل ئەگرى باكتېرىيىلەر ئەمەلىيەتتە ئادەم تۇغۇلغاندىلا ئەچەيدە بار بولغان، ئادەم تېنىدە بىرلىكتە ياشايدىغان مەۋجۇدات. سۇسىزلىنىش ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بىۋاستە چەكلىمىگە ئۇچراتقاندىن كېيىنلا ئۇلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. بىز ساغلام ۋاقىتتا ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيىلەر بىز بىلەن بىرلىكتە ياشاپ بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى شۇلار ئىشلەپچىقىرىدۇ. يەنى بىز ساغلام ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىز ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. بىراق ئادەم بەدىنى سۇسىزلىنىپ كەتكەندە بولسا، ئۇلار بىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىمىزدا، بولۇپمۇ 12 بارماق ئۈچەينىڭ ئاخىرىدىكى كلاپاندا، يەنى نۇرغۇنلىغان ھىستامىن نېرۋىلىرى توپلانغان ئورۇندا يارا پەيدا قىلىدۇ. ھىستامىن پەيدا قىلغان ھورمۇن قانچە كۆپ بولسا ئەگرى باكتېرىيىلەرگە شۇنچە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە نېرۋىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىغا ئۇچرايدىغان كۈچلۈك كىسلاتالىق ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئۈچەيگە ئېقىپ چۈشىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىلا يارا ئورنىدا بۇرمىلىق باكتېرىيە مەۋجۇت بولۇۋەرمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈچەي يولىدا بۇرمىلىق تاياقچە باكتىرىيىسى بولىدۇ. بىراق ئۇلار ئاشقازان-ئۈچەي يارىسى پەيدا قىلمايدۇ. 

ئاليۇمىن تەركىبلىك كىسلاتاغا قارشى دورىلار ئىنتايىن خەتەرلىك. بەزى كېسەللەرنى سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىقلا داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇنداق كېسەللەرگە ئاسانلىقچە ئاليۇمىن تەركىبلىك كىسلاتاغا قارشى دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.