مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1089 رەت   / مەنبە: -

1980-يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىر كەچلىكى مەن بۇ ياشنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتتىم. سائەت 11 بولغان چاغ ئىدى. ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇپ، ئاساسەن يېرىم ھوشسىز ھالەتتە تۇراتتى. بوۋاق بالىدەك تۈگۈلگىنىچە يولدا يېتىۋېلىپ توختىماي ئىڭرايتتى. مەن ئۇنىڭدىن گەپ سورىسام جفۋاپ بەرمەيتتى. قېشىدىكى باشقىلارغىمۇ گەپ قىلمايتتى. ئۇنى گەپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى كۈچەپ سىلكىشىمگە توغرا كەلدى.

مەن ئۇنىڭدىن قانداقراق دەپ سورىدىم. ئۇ ئىڭرىغان ھالدا << مېنىڭ ئۈچەي يارىسى كېسىلىم مېنى ئاغرىقتىن ئۆلتۈرۈپ قوياي دېدى>> دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ئاغرىغىلى قانچىلىك بولغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەر بىلەن ئاغرىشقا باشلىغانلىقىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاغرىقنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن يەنە ئاغرىق پەسەيتىشكە نېمە دورا يېگەنلىكىنى سورىدىم. ئۇ ئۈچ تابلېت سىمىتىدىن ۋە بىر بوتۇلكا كىسلاتاغا قارشى دورا يېگەنلىكىنى، يېگەن شۇنچە كۆپ دورىنىڭ پەقەت تەسىرى بولماي ئاغرىۋاتقانلىقى ئون سائەت بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

ھەزىم ناچارلىق يارىسى بىمارلىرى شۇنچە كۆپ مىقداردا دورا ئىشلەتكەن تۇرۇپ تەسىرى بولمىسا، كىشىلەر كۆپىنچە ئۇنى <<جىددىي قورساق كېسىلى>> بولۇپ قاپتۇ دەپ گۇمان قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ يارىسىمۇ تېشىلگەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان ھەزىم خاراكتېرلىك يارا تېشىلگەن بىمارلارنىڭ ئوپېراتسىيىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە قاتناشقان. ئۇ بىمارلارمۇ خۇددى كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ياشتەك ئىنتايىن ئازابلانغان ئىدى. بۇ ياشنىڭ يارىسىنىڭ تېشىلگەن-تېشىلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، پەقەتلا بىر ئاددىي سىناق قىلىش كېرەك. ئادەتتە يارىسى تېشىلىپ كەتكەن بىمارلارنىڭ قورسىقى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ كېتىدۇ. مەن ئۇنىڭ قورسىقىنى سىلاپ قاتتىقلىقىنى سىناپ باقتىم. ياخشىسى، تېخى تېشىلىپ كەتمەپتۇ. ئۇنىڭ قورسىقى ئىنتايىن يۇمشاق تۇرىدۇ، لېكىن ئاغرىقتىن تۇتقىلى قويمايدۇ. ئۇ ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەن. 

يارا تېشىلىپ كەتمەپتۇ، بىراق ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارىغاندا ئۇ يېگەن <<كىسلاتاغا قارشى دورىلار>> ياللۇغلانغان يارا ئېغىزىدا كىچىك تۆشۈك ئېچىپ قويغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. 

بۇنداق ۋاقىتتا دورىنىڭ رولى ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. ئۈچ تال ھىستامىنغا قارشى دورا ( ھەرتېلى 300 مىللىگىرام) ۋە ساق بىر بوتولكا كىسلاتاغا قارشى دورىمۇ ئۇنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتەلمىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك. مەن سۇنىڭ ھەزىم ناچارلىق ئاغرىقىنى پەسەيتىشتىكى رولىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشەنگەچكە، بۇ ياشقا ئىككى چوڭ ئىستاكان، يەنى بىر پىنىتۇ ( 1 لىتىر) سۇ بەردىم. دەسلەپتە ئۇ ئىچكىلى ئۇنىمىدى. مەن ئۇنىڭغا ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ەممىسىنى يېگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغانلىقى، شۇڭا <<مېنىڭ دورام>> نى بىر سىناپ بېقىشنى ئېيتتىم. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاغرىقى چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى. شۇڭا ئىچمەسلىكتىن باشقا ئامالىمۇ يوق ئىدى. مەن بىر بۇلۇڭدا بىر نەچچە مىنۇت كۆزىتىپ تۇردۇم . 

مەن بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن قايتىپ كەلسەم ئۇنىڭ ئاغرىقى ئاللىقاچان قويۇپ بېرىپ، ئىڭراشتىن توختىغان ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا يەنە بىر چوڭ ئىستاكان سۇ بەردىم (يېرىم پىنتۇ). بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغرىقى پۈتۈنلەي يوقاپ ئەتراپتىكىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تام تەرەپكە ماڭدى ۋە تامغا يۆلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. ئۇ كىشىلەر بولسا ئۈچ چوڭ ئىستاكان سۇنىڭ شۇنچە چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىغا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ھەيران قېلىشقان ئىدى. بۇ ياش ئون سائەتتىن بېرى ئاغرىق ئازابىغا ئۇچراپ ھەزىم خاراكتېرلىك يارىنى داۋالاشتىكى ئەڭ ئىلغار، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلارنى ئىستېمال قىلغان بولسىمۇ، ئازراقمۇ ئۈنۈمى بولمىغان. ھازىر بولسا ئۈچ ئىستاكان سۇ 20 مىنۇت ئىچىدە ئېنىق تەسىرىنى كۆرسەتتى. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.