مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1225 رەت   / مەنبە: -

ئەگەر سول تەرەپ قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا ئۈچەي ياللۇغى خاراكتېرلىك ئاغرىق كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن ئۇنى بەدەندە سۇ كەملىكنىڭ سىگنالى دەپ قاراش كېرەك. بۇ خىل ئاغرىق كۆپىنچە قەۋزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل سۇ كەملىكتىن كېلىپ چىققان. 

چوڭ ئۈچەينىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىدىن بىرى چوڭ تەرەتتىكى سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش جەريانىدا بەك كۆپ سۇنى يوقىتىۋېتىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ. چوقۇم بەلگىلىك مىقداردىكى سۇ بولغاندىلا چوڭ تەرەت راۋان بولىدۇ. سۇسىزلانغان ھالەتتە يېمەكلىك چىقىرىندىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى تەبىئىيلا نورمال ھالەتتىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېمەكلىك چىقىرىندىلىرىنىڭ ئۈچەيدىكى يۆتكىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ چوڭ ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈش رولى كۈچىيىپ، چوڭ ئۈچەيدىكى قاتتىق يېمەكلىك چىقىرىندىلىرىنىڭ بىر تامچە سۈيىمۇ قالمايدۇ. شۇڭا، قەۋزىيەت سۇسىزلىنىش كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. بەك كۆپ يېمەكلىك ئىستېمال قىلغاندا چوڭ ئۈچەيگە يېتىپ بارىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى يېمەكلىك چىقىرىندىلىرىنىڭ مىقدارىمۇ كۆپىيىدۇ. شۇڭلاشقا ئۈچەي ياللۇغى خاراكتېرلىك ئاغرىققا دۇچ كەلگەندە كىشىلەر ئالدى بىلەن بۇنى بەدەندە سۇ كەملىكنىڭ سىگنالى دەپ تونۇپ يېتىشى كېرەك. پەقەت يېتەرلىك مىقداردا سۇ ئىستېمال قىلغاندىلا سول تەرەپ قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى قەۋزىيەتتىن كېلىپ چىققان ئاغرىق يوقايدۇ. ئاخشىمى بىرەر تال ئالما، نەشپۈت ياكى ئاپلېسىن يېيىش ئىككىنچى كۈنى چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا پايدىلىق. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.