تونۇش: سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنىڭ تەكرار ياللۇغلىنىشىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا دائىم ئىشتىھا تۇتۇلۇش، يۇقىرىقى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، ئاغرىش ۋە ھەزىم ياخشى بولماسلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ھەم كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا تولۇق ساقايماسلىقى، تاماقلارنىڭ فىزىكا-خىمىيىلىك غىدىقلاش تەسىرى، يەنى بەك تويۇنۇپ غىزالىنىش، يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراق ئىچىش، بەك قىزىق تاماق ئىستېمال قىلىش، قېنىق چاي ئىچىش، تاماكا چېكىش، ھەرىىل تەم تەڭشىگۈچلەرنى كۆپ ئىشلىتىش ھەمدە ئۆت سويۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئېقىشى ۋە باشقا ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى، ۋىتامىن يېتىشمەسلىك، يۈرەك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، جىگەر دەرۋازا ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلاش، روھىي جىددىيلىك قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن، تەكرار قوزغىلىدىغان كېسەللىك. بەزى بىمارلاردا روشەن ئىپادىلەر بولمايدۇ. ئىپادىلەر كۆرۈلگەندىمۇ بىماردا داۋاملىق ياكى تاماقتىن كېيىن ئۈستۈنكى قورساق كۆپۈپ بىئارام بولۇش ياكى ئاغرىش بىلەن بىللە كۆپىنچە كېكىرىش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئېغىرلاشقاندا قۇسۇق بىلەن بىللە قان كېلىش، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كۆپىيىش، بەزى ھاللاردا قىزىتىش، چارچاش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىماردا ئورۇقلاش، قان ئازلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.