تونۇش: ئاشقازان ھۆكنەك پەردە ياللۇغى ئاشقازاننىڭ قان ۋە سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا ئاشقازان قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىش، قىزىش، ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولۇش، قۇسۇش ۋە بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ھەمدە غەلىز، يەللىك غىدىقلىغۇچى، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەكلەرنى ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ئىسسىق مۇھىتلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: ئاشقازان قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ، بەدەن قىشىيدۇ، قاتتىق تەشنالىق بولىدۇ، قۇسۇش ۋە بىئاراملىق بىمارنى قاتتىق ئازابلايدۇ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، تىل ئېغىز ئىچى قىزىيدۇ ياكى سېرىققا مايىلراق بولىدۇ. قول-پۇت سوۋۇپ كېتىدۇ. ياللۇغلىنىش ئاشقازاننىڭ پۈتۈن قىسمىدا كۆرۈلسە ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئاشقازاننىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بولسا كىندىك ئۈستىدە پۇلتىيىپ چىققان ئىششىق روشەن كۆرۈلىدۇ. بىمار ئوڭدا ياتقاندا تېخىمۇ روشەن كۆرۈلىدۇ. ياللۇغ ئارقا تەرەپتە بولسا كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بىمارنىڭ ئاشقازىنى چىڭقىلىدۇ ۋە ئاشقازىنىدا تۈگۈندەك بىر نەرسە باردەك سېزىمنى ھېس قىلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.