تونۇش: ئاشقازان مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى ئىچكى - تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن ماددىدا بىرەر ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى ئىسسىقلىق كەيپىياتىنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشى بىلەن ئاشقازان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇرىشىدىن كۆرۈلىدىغان ھەمدە بىماردا كۆپ ئۇسساش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئاشقازان كۆپۈش، سېسق كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.
سەۋەبى: ئاپتاپتا قېلىش، يۇقىرى ھارارەتلىك ئوۇنلاردا ئىشلەش (زاۋۇت، خۇمداندا ئىشلەش) تەبىئىتى ئۆتكۈر ئىسسىق غىزالار ۋە دورىلارنى ئىستېمال قىلىش، ھاراق-شاراب، ئىسسىق تەبىئەتلىك چاي دورىلىرى ۋە قەھۋە قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئاشقازان ھۆللۈكى زىيادە ئىسسىق تەسىرىدە قۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا بويقىغا ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى: بىماردا ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ، بىمارنىڭ ئېغىزى قۇرۇيدۇ. ئىستېمال قىلغان يېمەكلىك ھەزىم بولمىغانلىقتىن ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. بىمارنىڭ ئاشقازىنى كۆپۈپ، سېسىق كېكىرىدۇ. دائىم قەۋزىيەت بولىدۇ. بىمارنىڭ كۆڭلى ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى تارتمايدۇ، كېسەللىك تارىخىدا ئىسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق، ئىسسىق مۇھىتلاردا ئۇزاق تۇرغانلىق ۋە ئىشلىگەنلىك تارىخى بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، ئاشقازانن قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.