ناشتىدا پەقەت مېۋىلا يېيىشكە بولمايدۇ ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم . چۈنكى ، مېۋە تەركىبىدىكى قەنت ، تالا ماددىسى ، مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىقلار ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ ، مەسلەن ، تالا ماددىسى كۆپ بولۇپ كەتسە ، ئاسانلا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئاشقازان بىمارلىرى ناشتىدا يۇمشاق ، مايسىزراق يېمەكلىكلەرنى ، مەسلەن ، شوۋىگۈرۈچ ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى يېسە پايدىلىق . موگۇ ، سامساق ، مەرۋايىتگۈل ، كۈنجۈت قاتارلىق تەركىبىدە سېلىن مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ . بۇ يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولىدۇ ، ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ بىر قەدەر مول . ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ، تاماقنى يۇمشاق چايناپ ، ئاستا يۇتۇش كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.