تونۇش: بەلغەمدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغى بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى بولۇپ، بىماردا يۇقىرىقى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، ھەزىم ناچارلىشىش، ئېغىزىدىن شۆلگەي كۆپ ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھۆل سوغۇق مۇھىتلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ۋە خىزمەت قىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بەدەندىكى بەلغەم خىلىتى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.
ئالامىتى: ھارارەت ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، ئېغىزدىن شۆلگەي كۆپ ئاقىدۇ. ئاغرىش بىر قەدەر يەڭگىل، ئىششىق يۇمشاق بولىدۇ، بىمار ئاشقازان ساھەسى كۆپكەندەك ھېس قىلىدۇ. بىمارنىڭ تىلىنى قېلىن ھەم ئاق گەز باغلايدۇ، تېرىسىنىڭ رەڭگى ئاقۇچ، بوشاڭ بولۇپ قالىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىلنى يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: مائۇل ئۇسۇل، مەجۈنى مەشدىرتۇس، جاۋارىش كومۇنى، جاۋارىش زەنجىۋىل، جاۋارىش قانىسە، جاۋارىش مىشكى، جاۋارىش جويۇز، جاۋرىش سىيادان قاتارلىق دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.