مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 943 رەت   / مەنبە: -

ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا بىلىملىرى» دا سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇشنىڭ بىر خىل ئاددىي ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان: يەنى كېسەل كىشىنى پۇتىنىڭ ئۆكچىسىدە دەسسىتىپ بىر نەچچە سېكۇنت بەدەننىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقىنى تاپانغا چۈشۈرۈپ ئۆرە تۇرۇپ، تاپاننى يەرگە قويغاندا، كېسەلنىڭ قورسىقى ئاغرىسا سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى ھېسابلىنىدىكەن.

سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى دەپ گۇمان قىلغان 15 نەپەر كېسەلنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەجرىبە قىلغاندا، ھەممىسى سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى بولۇپ ئىسپاتلانغان، ھەمدە تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. 1) بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇشنىڭ توغرىلىقى يۇقىرى، ئىشلەش قولايلىق بولۇپ، بەزى تىپىك بولمىغان سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىدا قورساقنىڭ ئاغرىغان ئورنى ئېنىق بولمىغان، باسقاندا ئاغىرش، قاڭقىپ ئاغرىشلار ئېنىق بولمىغان، يېپىق تۆشۈك مۇسكۇلى، بەل چوڭ مۇسكۇلى تەجرىبىلىرى بەزىدە (+ـ) چىقىپ قلاغاندا يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ سوزۇلما سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى كېسەللىرىگە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كلىنىكىلىق ئەھمىيىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؛ 2) ئەر-ئايال، قېرى-ياشنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق بولۇپ، مەيلى جىددىي ياكى سوزۇلما سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى بولسۇن ھەممىسىگە دېئاگنوز قويۇشتا ئەھمىيىتى بار؛ 3) قورساقتىكى باشقا ئەزالار ياللۇغلانغاندا، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرگەندە قورساق ئاغرىقى روشەن كۈچەيمەيدۇ. شۇڭا، قورسىقى ئاغرىغان كېسەللەرنى بۇ ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىنى چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. سازاڭ ئۆسۈكىنىڭ سىرتىقى يۈزى سۈركەلگەنلىكتىن ئاغرىيدۇ؛ 4) تەكشۈرگەندە ئۇسۇل توغرا بولۇش لازىم. كېسەل كىشى ئەڭ ياخشىسى ئاياق كىيمىسە، تەجرىبىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ؛ 5) ئەگەر سوقۇر ئۈچەينىڭ يېتىلىشى ۋە سوقۇر ئۈچەينىڭ ئورنىدا پەرق بولۇشتىن سازاڭ ئۆسۈكىنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولسا، بولۇپمۇ ۋارونكىسىمان سوقۇر ئۈچەي ئاستىغا جايلاشقان ۋە ئالدىغا جايلاشقان سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىدا بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسەن سازاڭ ئۆسۈك سوقۇر ئۈچەينىڭ كەينى ئىچكى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان ۋە داس بوشلۇقى ئېغىزىغا ئورۇنلاشقانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.