مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1838 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك، تەكرار قوزغىلىدىغان پۈتۈنلۈكنىڭ بۇزۇلۇشى (تەپەررۇقى ئىتتىسال)  خاراكتېرلىك ھەزىم ئەزا كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەيدە بىرلىكتە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇ كېسەللىك بىرلەشمە يارا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك كېلىنىكىدا كۆپىنچە دەۋرىيلىك، رېتىملىق ھالدا قورساقنىڭ ئۈستى ئاغرىش، كېكىرىش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، قورساق كۆپۈش، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان، بولۇپمۇ ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى ئوفۇنەتلىك نەزلە سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاشقازانغا داۋامىلق قۇيۇلۇشى، سەپرا خىلىتىنىڭ سان جەھەتتىن ئېشىپ كېتىشى، نېرۋا پائالىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى خىمىيىلىك غىدىقلاشلار ۋە باشقا جىگەر قېتىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى، قورساق ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرغۇچى كەسپىي ئامىللار سەۋەبىدىن ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كۆرۈلىدۇ. 

ئالامىتى: ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كېسەللىك جەريانى ئاستا ھەم ئۇزاق بولىدۇ. دەۋرىيلىك، رېتىملىق ھالدا قورساقنىڭ يۇقىرى ساھەسىدە ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. ئاغرىقنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. 

1) نىسبەتەن چەكلىك دائىرلىك ئاغرىش بولىدۇ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىدا خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە جاھىل ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. ئاشقازان يارىسىدا خەنجەرسىمان ئۆسۈكچە ئاشقازاننىڭ سول ت ەرىپىدە پەيدا بولىدۇ. باسقاندا ئاغرىق نۇقتىسى بىلىنىدۇ.

2)ئاغرىق دەرىجىسى ۋە خاراكتېرى: يارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئۆزە-چوڭقۇرلۇقى ئاغرىش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئاغرىشنىڭ خاراكتېرى قادىلىپ ئاغرىش، كۆيۈشكەندەك ئاغرىش ياكى ئاچ قورساق مەزگىلىدە ئاغرىش دەپ بۆلۈنىدۇ. 

3)ئاغرىشنىڭ رېتىمچانلىقى: ئاغرىشنىڭ رېتىمچانلىقى غىزالىنىش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاشقازان يارىسىدا تاماق يەپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەت ئۆتكىچە ئاغرىش باشلىنىدۇ. 12 بارماق ئۈچەي يارىسىدا 3-4 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ياكى ئاچ قورساق مەزگىلدە يېرىم كېچىدە ئاغرىش كۆپرەك بولىدۇ. 

4) پەسىل خاراكتېرلىك دەۋرىيلىك ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. يەنى كۈز ۋە ئەتىياز مەزگىللىرىدە بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسپىتى كۆپرەك بولىدۇ. 

باشقا خاس ئالامەتلەردىن كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، كېكىرىش، ئاچ سۇ ياندۇرۇش، قورساق ئېسىلىش ۋە قەۋزىيەت بولۇش، ھەزىم بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە چوڭقۇر قاتلاملىق يارا پەيدا بولغاندا قان قۇسۇش ياكى قارا مايدەك قانلىق تەرەت كېلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، كەم قانلىق ئالامەتلىرىمۇ بىللە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 

بەدەندىكى بەلگىلىرى: ئۈستۈنكى قورساق خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىنى باسقاندا ئېنىق ئاغرىش نوقتىسى بىلىنىدۇ. بەزى بىمارلاردا 6-، 12- كۆكرەك ئومۇرتقا بىسلىق ئۆسۈكچىسىنى يېنىك باسقاندا ئاغرىش كۆرۈلىدۇ ھەم ئومۇرتقا ئىككى يېنىنى چوڭقۇر باسقاندىمۇ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبكە خاس ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: يارىنى پۈتتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: جاۋارىش مەرۋايىت، جاۋارىش دارچىن، جاۋارىش قانىسە، قۇرسى كەھرىۋا، قۇرسى تاباشىر، سۇفۇپى سەنگى دانە مورغ، جاۋارىش تۇربۇت، مەجۈنى نەمەكى سۇلايمانى، مەجۈنى خىيارشەنبەر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.