مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ20-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1029 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: ئاشقازاننىڭ زەھەرلىك ئىششىقى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى زەخىملىنىشتىن كۆرۈلىدۇ، بىماردا كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاشقازان ئاغرىش، ئېغىرلاشقاندا ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: بۇ خاتا ياكى قەستەن ھالدا كۆيدۈرگۈچى زەھەرلىك ماددىلارنى، مەسىلەن، سىركە، كەپرەس، مەرگىمۇش، گۈڭگۈرت، زەرنىخ، پارپا، سىماب، ئەپيۇن، كۆكتاش، گۈڭگۈرت كىسلاتاسى ياكى دېھقانچىلىق دورىلرى، خىمىيىلىك ئوغۇت ياكى كۈچلۈك زەھەرلىك ئىشقارلىق ماددىلارنى ئىچىۋېلىشتىن پەيدا بولىدۇ. بىماردا ئىششىق ئۆتكۈرلىشىش، كۆيۈشۈش، زەخىملىنىش، شىللىق پەردىلەر يۇيۇلۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىك ئالامىتى سەۋەبىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. كېسەللىك كۆيدۈرگۈچى ماددىلار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، ئېغىز، گال ۋە ئاشقازاندا قاتتىق ئاغرىش، ئېچىشىش، كۆيۈشۈش، زەخىملىنىش، قىزىرىپ ئىششىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئاشقازان ئاغرىيدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ، يۇتۇش، سۆزلەش قىيىن بولىدۇ. بىمار پات-پات قۇسىدۇ. بىمارنىڭ ئاشقازىنىدا ھېچنەرسە قالمىسىمۇ يەنىلا كۆڭلى ئېلىشىپ تۇرىدۇ. قۇسۇق بىلەن ئاشقازان ئىچكى پەردىلىرىنىڭ پارچىلىرى بىللە چىقىدۇ. بىمار بەزىدە بىرئاز قان ئارىلاش قۇسىدۇ. قورسىقى كۆپىدۇ، قاتتىق تولغاپ ئاغرىيدۇ. قولنى ئاغرىغان جايغا قويغاندا ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بىمار قاتتىق ئۇسسسايدۇ، ئېغىزى قۇرۇيدۇ. نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىدۇ. تومۇرى ئىنچىكە ۋە تېز سوقىدۇ، پۇت-قولى سوۋۇپ كېتىدۇ، كۆز قارچۇقلىرى سىرتىغا چىقىپ قالغاندەك مەلۇم بولىدۇ. بىمار جىددىيلىشىدۇ، بىئارام بولىدۇ. بۇزۇلغان زەھەرلىك يېمەكلىكلەر بىلەن زەھەرلەنگەنلەر قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ قۇسىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، پۇت-قوللىرى سوۋۇپ كېتىدۇ. بەزىدە ھوشىدىن كېتىدۇ. نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇلمىسا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: تەرياقى فارۇق، تەرياقى گىلى مەختۇم، مەجۈنى مەمەشىدىرىتۇس، ئەرقى بىنەبشە، ئەرقى خەشخاش، جاۋارىش ئۇد قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: بۇزۇلغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەر پەرھىز قىلىنىدۇ، سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.