قەرەلىدە غىزالانماسلىق ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۈچ ۋاق تاماقنى قەرەلىدە يېمىسە ياكى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ، ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ .
پىسخىك ئامىل تۇرمۇش رېتىمى تېز ، خىزمەت ، ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر بولسا ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى قالايمىقانلىشىپ ، ئاشقازان ياللۇغى پەيدا بولىدۇ .
مىكروبتىن يۇقۇملىنىش مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، %70 تىن كۆپرەك ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرما باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش تارىخى بار ئىكەن .
دورا ئامىلى قان بېسىم ، زىيابىتۇسنى داۋالايدىغان دورىلار ، خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ ، ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، بەزى كېسەللەردە ئاشقازان ياللۇغى ئەگەشمە كېسەل سۈپىتىدە پەيدا بولىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.