مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1320 رەت   / مەنبە: -

تونۇش:  سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بىلەن ئوخشاش بولغان، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ھەمدە ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەب ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەب بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى ۋاقتىدا ۋە توغرا داۋالانماسلىق سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ ئۆت كېسەللىكى ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىك تارىخى بولىدۇ. 

ئالامىتى: قورساق ساھەسىدە سانجىلىپ ئاغرىش بولىدۇ، ئاغرىق سول تەرەپ مۈرىلەرگىچە تارقىلىدۇ. بىمار كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، تەرىتى ئاق رەڭلىك ھەم مىقدارى كۆپ كېلىدۇ، سېسىق پۇرايدۇ، كۆپۈك ئارىلاش كېلىدۇ، بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ ئوزۇقلىنىشى ناچارلىشىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىقنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش ئامىلە، بېھى شەربىتى، ئەرقى پۇدىنە، بۇزۇرى شەربىتى، مەجۈنى داۋائىلمىشكى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ياغلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان لەتىف يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.