مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1548 رەت   / مەنبە: -

تونۇش: ئاشقازان ئاغرىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا كۆپىنچە كېچىسى ئاشقازان سانجىلىپ ئاغرىش، تاماق ئىستىمال قىلغاندا ئاغرىق پەسىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، ياش ئاياللاردا ھەيز توختاپ قېلىش ياكى ھېستىرىيە كېسەللىكى پەيدا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەزىم بۇزۇلۇش، قېنىق چاي ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچىش، ھەرىكەت قىلماسلىق ھەمدە كۆپ ئويلاش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىشلەردىنمۇ كۆرۈلىدۇ. بەزگەك كېسەللىكىنىڭ ئوفۇنەتلىك ماددىلىرى، كىچىك بوغۇملار ئاغرىقىنىڭ ئاسارەتلىرى قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. 

ئالامىتى: ئاشقازان ئېغىزى سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىش كۆپىنچە كېچىسى، يەنى ئاشقازان تاماقتىن خالىي بولغاندا كۈچىيىدۇ، تاماق ئىستىمال قىلغاندا ئاغرىق پەسىيىدۇ، لېكىن بەزىدە بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، غولدۇرلايدۇ، ئاغرىيدۇ. بىمار كېكىرىدۇ، ئاچچىق سۇ ياندۇرىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىلنى يوقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش كومۇنى، بېھى شەربىتى، جاۋارىش ئامىلە، پىننە شەربىتى، قوروھى شەربىتى، جاۋرىش مىشكى، ھەببى ئايارەنج پەيقىرا، جاۋارىش شەھرىيان، جاۋارىش ئۇد، جاۋارىش نانىخۇا، جاۋارىش ئۇد بارىد، جاۋارىش قۇلۇنجى، جاۋارىش كۇندۇر كەبىر، ھەببى كورسىنگى، مەتبۇخى يېغى، سوفۇپى قۇستە، مەجۈنى خىيارشەنبەر، مەجۈنى بەسباسە، مەجۈنى نانىخۇا كەبىر قاتارلىق دورىلارنى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار بېرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.