تونۇش: ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىلۆڭگەچ ياللۇغى كۈچلك غىدىقلىغۇچى ۋە زەخىملەندۈرگۈچى ئمىللرنىڭتەسىرىدىن قىزىلئۆڭگەچ شىلىق پەردىلىرىدە ياللۇغ پيدا قلىپ، بىماردا يۇتۇش قيىنلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆتكۈر خاراكتېرلىك كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك ئۆتكۈر كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق ياكى زەھەرلىك دورىلارنى ئۆزى بىلمىگەن ئەھۋالدا ياكى ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئىچىۋېلىش، تاماقنى نورمال ئىستىمال قىلماسلىق، ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنى ياللۇغلاندۇرىشى ۋە باشق ئامىللارىڭ قزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: بىمار دەسلەپتە ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدە ھوشسىزلىنىدۇ، ئېغىزى شىللىق پەردىلىرىدە كۆيۈك ئېغىزى پەيدا بولىدۇ. بىمارنىڭ سۇ ۋە غىزالارنى يۇتۇشى قىيىنلىشىدۇ، تۆش سۆڭىكى كەينىدىكى خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئەتراپى كۆيگەندەك ئاغرىيدۇ ھەمدە بىمار ئازراق قان ئارىلاش قۇسىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: كېسللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا چەكلەش چارىسىنى قلىش ھەمدغىىقلىنىشنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.