مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1153 رەت   / مەنبە: -

تونۇش: سەۋدادىن بولغان ئاشقازان ياللۇغى سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ھەمدە بىماردا ئىششىق قاتتىق بولۇپ، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، رەڭگى قارىداش، بەدىنى ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى، يەنى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە قۇرۇق سوغۇق مۇھىتلاردا ياشاش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش كۆرۈلىدۇ.

ئالامىتى: ئاشقازاننىڭ سەۋدادىن بولغان ياللۇغىدا ياللۇغلانغان ئورۇندىكى ئىششىق قاتتىق بولۇپ، بىماردا نەپەس قىيىنلىشىش بولىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىپ، تەبىئەت دائىم تۇتۇق بولىدۇ، بىمارنىڭ رەڭگى قارامتۇل بولىدۇ، ئەسەبىي ئالامەتلەردىن كۆپ پىكىر قىلىش، يامان خىياللارنى سۈرۈشكە ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، كۆز ۋە ئېغىز ئىچى قۇرغاقلىشىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغان ماددىنى پىشۇرۇش، سۈرۈپ چىقىرىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ھەببى ئايارەنج پەيقىرا، جاۋارىش قانىسە، جاۋارىش مىشكى، جاۋارىش ئامىلە، مەجۈنى خيارشەنبەر، جاۋارىش ئۇد مەجۈنى خىيارشەنبەر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن ھەم دورا-دەرمەكلەردىن قاتتىق پەرھىز قىلىنىدۇ. ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى، ئىسسىق تەبىئەتلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر ئىستىمال قىلىنىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.