مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1165 رەت   / مەنبە: -

مەن سۇسىزلىنىشتىن قوزغالغان قورساق ئاغرىقى بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسىنىڭ ۋاقىت ۋە كېرەكلىك سۇ مىقدارى جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى سىناق قىلىپ باقاي. بۇ قېتىم ئىككى ئادەم بىر ئەر كىشىنى قولتۇقلىغان ھالدا مېنىڭ شىپاخانامغا كىرىپ كەلدى. بىمار يول ماڭالمايتتى. ھېلىقى ئىككى ئادەم ئۇنى بىلىكىدىن يۆلىۋالغان ئىدى. ئۇمۇ بىر ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقىرىقى قورساق جىددىي ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان ئىدى. مەن ئۇنى تەكشۈرۈپ بېقىپ يارىنىڭ تېشىلىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا سائىتىگە بىر چوڭ ئىستاكاندىن سۇ بەردىم. 20 مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاغرىقى قويۇپ بەرمىدى. بىر سائەت 20 مىنۇت ئۆتتى. ئاغرىق يەنىلا تەلتۆكۈس قويۇپ بەرمىدى. پەقەت ئۈچ ئىستاكان سۇ ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئاغرىقى پۈتۈنلەي يوقىدى. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولىمغاندا ئالاھەزەل سەككىز مىنۇتتا ئاغرىق قويۇپ بەرگەن بولاتتى. 

تەجرىبە ئىسپاتلىدىكى، بىز بىر ئىستاكان سۇ ئىچكىنىمىزدە سۇ دەرھال ئۈچەي يولىغا يېتىپ بېرىپ سۈمۈرۈلىدۇ. بىراق بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن تەڭ مىقداردىكى سۇ شىللىق پەردىدىكى بەز قاتلىمىدىن ئۆتۈپ ئاشقازانغا ئاجرىلىپ كىرىدۇ. سۇ تۆۋەندىكى قاتلامدىن سىڭىپ چىقىپ ئاشقازاندا يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. قاتتىق ھالەتتىكى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشتا زور مىقداردا سۇ كېرەك بولىدۇ. سۇ بولغاندىلا ئاشقازان ھەزىم قىلىش كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ ۋە شۇندىلا فېرمېنتلار جانلىنىدۇ. يېمەكلىكلەر ئۇششاق زەررىچىلەرگە پارچىلىنىپ ئۈچەي يولىدا ھەزىم قىلىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچىغا كىرىدۇ. 

شىللىق پەردىنىڭ بەز تەنچە قاتلىمى ئۈستىدە بىر قەۋەت شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئاشقازان توقۇلمىسىنىڭ ئەڭ ئىچكى قاتلىمىغا جايلاشقان. شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ %98 تى سۇ، قالغان %2 تى قاتتىق ماددىنى سۈمۈرىدىغان <<جازىسى>> دۇر. بۇ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق دەپ ئاتىلىدىغان <<سۇ قاتلىمى>> تەبىئىي بۇففېرلاش رايونى، ئۇنىڭ ئاستىدىكى ھۈجەيرە ناترېي بىكار بوناتنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ناترىي بىكاربونات سۇ قاتلىمى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. ئاشقازان كىسلاتاسى بۇ قوغداش قەۋىتىدىن ئۆتكەندە كاربوناتلىق ماددىلار نېيتراللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. 

بۇ خېمىيىلىك رېئاكسىيە زور مىقداردا تۇز ئىشلەپچىقىرىدۇ. (كاربوناتلىق ماددىلار ئىچىدىكى ناترىي بىلەن ئاشقازان كىسلاتاسىدىكى تۇز كىسلاتاسى)، تۇز بەك كۆپ بولۇپ كەتسە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ <<جازاسى>> نىڭ يېپىشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ھەددىدىن زىيادە نېيتراللاشتۇرۇش رېئاكسىيىسى ۋە تۇزنىڭ چۆكۈشى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ماددا زەررىچىلىرىدە تەكشىسىزلىك پەيدا قىلىپ، يېپىشقاقلىقنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىسلاتا شىللىق پەردە قاتلىمىغا سىرغىپ چىقىپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. 

بىز ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتۇق. ئادەم بەدىنىدە <<ئاچلىقتىن ئاغرىش>> سىگنالى بولغانغا ئوخشاش <<سۇسىزلىقتىن ئاغرىش>> سىگنالىمۇ بار ئىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى كىشىلەر << سۇسىزلىقتىن ئاغرىش>> نى <<ھەزىم ناچارلىقى>> دەپ ئاتاپ ھەرخىل دورىلار بىلەن چارە قوللىنىدىكەن. نەتىجىدە سۇسىزلىنىشتىن كېلىپ چىققان ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىقى 12 بارماق ئۈچەي ياكى ئاشقازان توقۇلمىلىرىنى زەخمىلەندۈرىدىكەن. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.