تونۇش: كۆپ ئۇسساش ھەقىقىي كۆپ ئۇسساش ۋە ساختا كۆپ ئۇسساش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ھەقىقىي كۆپ ئۇسساشتا بەدەن ھارارىتى پەسەيتىش ۋە ھۆللۈك سەرپىياتىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن سۇغا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسساش چاي ئىچىش بىلەن ھەل بولىدۇ.
ساختا ئۇسساش ئاشقازاندا شور بەلغەم ياكى سەۋدا يىغىلغانلىقتىن پەيدا بولىدۇ. بەدەن مەزكۇر ماددىلارنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلىپ ئۇسساشنى پەيدا قىلىدۇ، بىراق سۇنى ھەرقانچە كۆپ ئىچكەن بىلەنمۇ ئۇسسۇزلۇق پەسەيمەيدۇ، ماددىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئېغىزنىڭ تەمى بۇزۇلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۇسساشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، چىداپ تۇرالىسا كۆپ ئۇسساش تەشنالىقى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ ياكى ئۇخلاپ قالسىمۇ تەشنالىقى پەسىيىدۇ.
سەۋەبى: ھەقىقىي كۆپ ئۇسساش ھەرىكەت، ھارارەتلىك شارائىت ياكى تۇزلۇق تاماقنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. ساختا ئۇسساش ئاشقازان، ئۆپكە، جىگەر، تال قاتارلىق ئەزالاردىكى ھارارەتلىك ۋە قۇرۇقلۇق، زەھەرلىنىش ۋە بەدەندىكى دىئابېت كېسەللىكى قاتارلىقلاردىن كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: كېسەللىك سەۋەبىدىن بىمارنىڭ ئېغىزى قۇرۇيدۇ، تەشنالىقى زىيادە بولىدۇ. كەينى-كەينىدىن سۇ ئىچسىمۇ تەشنالىقى پەسەيمەيدۇ.
داۋالاش پرىنىسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا چارە قىلىش، ھارارەتنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلاردىن: ھەببى ئايارەنج، لىمون شەربىتى، ئانار شەربىتى، ئەرقى گۈل، ئەرقى بىنەپشە، زىرىشىك شەربىتى، ئالما شەربىتى، شەربىتى تەمرى ھىندى قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئۇسسۇزلۇق پەيدا قىلىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان نوقۇت سۈيى، مېكيان گۆشى قاتارلىقلار ۋە مېۋە-چىۋىلەر كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.